شەمشىدىن ھاجى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەرەب دۇنياسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە تەسىرگە ئىگە تەشكىلات بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.
بۇنىڭدىن 62 يىل ئىلگىرى، يەنى 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلىتى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مىسىر، سۇرىيە، ئىراق، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن، ئىئوردانىيىدىن ئىبارەت يەتتە ئەرەب دۆلىتىنىڭ ۋەكىلى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسى»نى ماقۇللاپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغانىدى. 60 نەچچە يىلدىن بېرى بۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر ياكى رايونلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ ھازىر 22گە يەتتى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ باش شتابى قاھىرە شەھىرىدە.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇش، ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرى ۋە مەنپەئەتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىشتىن ئىبارەت. ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىساد، مالىيە، قاتناش، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، دۆلەت تەۋەلىكى، پاسپورت، ۋىزا، ھۆكۈم ئىجراسى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىدۇ؛ ئەزا دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشتا قورال كۈچى ئىشلەتمەيدۇ. ئەزا دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنامە ۋە كېلىشىملەر ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلىرىنى چەكلىمىگە ئۇچراتمايدۇ.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بۇ ئىتتىپاقنىڭ ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنى بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى رايون خاراكتېرلىك چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئەرەب ئەللىرى رايونىغا ئالاقىدار خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئەرەب ئەللىرى دېگىنىمىز ئادەتتە ئەرەب مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ تەشكىللەنگەن دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بىرخىل تىلنى يەنى ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ(ئايرىملىرىدا باشقا دىنلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئىسلام دىنى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ).
ھازىرقى 22 ئەرەب دۆلىتىدىن 12 دۆلەت ئاسىياغا(بولۇپمۇ غەربىي ئاسىياغا)، 10 دۆلەت ئافرىقىغا(بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقىغا ۋە غەربىي ئافرىقىغا) جايلاشقان.
ئاسىيادىكى ئەرەب دۆلەتلىرى 12: 1. سەئۇدى ئەرەبىستانى 2. يەمەن 3. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 4. ئومان 5. كۇۋەيت 6. بەھرەين 7. قاتار 8. ئىراق 9. سۇرىيە 10. ئىئوردانىيە 11. لىۋان 12. پەلەستىن.
ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى 10: 1. مىسىر 2. ئالجىرىيە 3. ماراكەش 4. سۇدان 5. تۇنىس 6. لىۋىيە 7. سومالى 8. ماۋرىتانىيە 9. جىبۇتى 10. غەربىي سەھرا.
ئەرەب ئەللىرىنىڭ تەشكىلاتلىرىدىن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە مەغرىب ئىتتىپاقى(ئالجىرىيە، لىۋىيە، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، تۇنىس قاتارلىق ئەللەردىن تەركىب تاپقان)، دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق ھەيئىتى(بەھرەين، كۇۋەيت، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەللەردىن تەركىب تاپقان)، ئەرەب نېفىت ئېكسپورت ئەللىرى تەشكىلاتى(ئالجىرىيە، بەھرەين، مىسىر، ئىراق، كۇۋەيت، لىۋىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەللەردىن تەركىب تاپقان) قاتارلىق بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىدىن تەركىب تاپقان تەشكىلاتلارمۇ بار.
ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دۆلىتى ۋە ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ناھايىتى زىچ. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 1980-يىلى 8-ئايدا تۇنىستا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزۈشكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
«ھىدايەت گۇلزارى»، 2-توم