باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > بىلىم گۈلزارى

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە دىنىي ئېتىقاد

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ چاغدا، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى شۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولم شەھىرى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ھەيئەت 1901- يىلدىن 1996- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا(ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بۇنىڭ سىرتىدا) جەمئىي 639 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى باھالاپ چىققان.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 639 نەپەر ئالىم ئىچىدە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياكى دىنىي ئېتىقادى ئاجىزلار جەمئىي 21 نەپەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋە سابىق شەرقىي ياۋروپا سوتسىيالىستىك ئەللىرىدىن ئىكەن. 639 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولسا 618 نەپەرنى ئىگىلەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خرىستىئان دىنى(جۈملىدىن كاتولىك دىنى، پروتېستانتىيە دىنى، پراۋوسلىيە دىنى)غا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 596، يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 4، ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 2 ئادەم ئىكەن. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 81 كىشىدىن بىر مۇنچىلىرى دىنىي داھىيلار ياكى دىنىي ئالىم-ئۆلىمالار ئىكەن. بولۇپمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەزى مەشھۇر جەمئىيەت ئەربابلىرى، سىياسىئونلار ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەسىلەن، ئامېرىكىدىن كېسىنگىر(يەھۇدىي دىنىدا)، جەنۇبىي ئافرىقىدىن ماندىرا(پروتېستانتىيە دىنىدا)، پەلەستىندىن ئەراپات (ئىسلام دىنىدا)، پولشادىن ئوۋېنسا(كاتولىك دىنىدا) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. (ھاجى ئەلى)

يەنە >>سۈرەتلەر