باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مۇسۇلمانلار ئەھۋالى

ئىسلام دىنى تايلاندتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   
 
 
تايلاند ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 513115كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 63مىليون 800مىڭ (2006-يىللىق مەلۇمات)دىن ئارتۇق. تايلاند بۇددا دىنى دۆلىتى بولۇپ، ئاھالىنىڭ %90تى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تايلاندتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 6 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 3.9پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى مالايلار بولۇپ، ئۇلار تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ئۆلكىگە مەركەزلەشكەن، 40 تىن ئارتۇق ۋىلايەتتە مۇسۇلمانلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
10-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب ۋە ھىندىستانلىق مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئىسلام دىنىنى مالاي يېرىم ئارىلىغا ئېلىپ كىرگەن. مالايلار ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مىڭ يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا دېڭىز بويلىرى ۋە يېرىم ئارالدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. تايلاندلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى سۈننىي مەزھىپىدە بولۇپ، ئاز بىر قىسمى شىئە مەزھىپىدىدۇر. مەملىكەت بويىچە 3200دىن ئارتۇق مەسچىت بار. ئەڭ چوڭ مەسچىت بېيدانيەن ۋىلايىتىدىكى مەركىزىي مەسچىت بولۇپ، تايلاندتىكى ئەڭ كۆركەم مەسچىتتۇر. بۇ مەسچىت 1954-يىلى سېلىنغان، ھىندىستاندىكى تاجماھال مەقبەرىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە پايتەخت باڭكوكتا 148مەسچىت بار بولۇپ، باڭكوك چوڭ مەسچىتى تايلاندتىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتۇر. چوڭراق مەسچىتلەردە ئىسلام ئىنستىتۇتى، ئەرەب تىلى مەكتىپى، كۇرس يۇرتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. مەملىكەت بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلىرى 200دىن ئارتۇق بولۇپ، ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى تايلاند مۇسۇلمانلار ئىنستىتۇتىدۇر. بۇ ئىنستىتۇتدا مۇسۇلمان ياشلارغا دىنىي ساۋاتلار، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تەربىيىسى، ئەرەب تىلى، قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف، شەرىئەت قاتارلىق ھەرخىل دەرسلەردىن ساۋاق بېرىلىپ، مەخسۇس ئىسلام دىنى خادىملىرىنى تەربىيىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تايلاندتىكى ئۇنىۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ مۇسۇلمانلار تەتقىقات مەركەزلىرى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە 24 ئىسلام تەشكىلاتى بار. ئەڭ چوڭ مەملىكەتلىك ئىسلام تەشكىلاتى 1954-يىلى قۇرۇلغان ”تايلاند مەملىكەتلىك مۇسۇلمانلار ھەيئىتى“ بولۇپ، بۇ ھەيئەتنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە شۆبىلىرى بار. بۇ ھەيئەت مەملىكەتنىڭ ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ”ئىسلاھات-يېڭىلىق كىرگۈزۈش جەمئىيىتى“، ”سۈننەت ۋە ئەنسارىلار جەمئىيىتى“، ”‹خەير ئەمەل ئائىلىسى› مەسچىتلەر بىرلەشمىسى“، ”باڭكوك ئىسلام مەركىزى“ قاتارلىق تەشكىلاتلار بار. بۇ تەشكىلاتلار ئىسلام دىنى تەرغىباتى ۋە مائارىپىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى ۋە دىنىي مائارىپى تايلاند ئاساسىي قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلمەكتە. (ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر