باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

جامائەت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

جامائەت: كۆپچىلىك دېگەن مەنىدە، ئۇ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ناماز-ئىبادەت ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانغان كىشىلەر؛ ھەدىس شەرىفتە جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان نامازنىڭ يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27ھەسسە ئارتۇق ساۋابى بولىدىغانلىقى، جامائەتنىڭ رەھمەت، ئايرىمىچىلىقنىڭ ئازاب ئىكەنلىكى، جامائەتكە يېقىنلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتنى زالالەتتە بىر يەرگە كەلتۈرمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان؛ 2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە ساھابە كىراملارنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگەشكەن مۇسۇلمانلار ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائەت دەپ ئاتالغان.

يەنە >>سۈرەتلەر