باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

كورلا جامە مەسچىتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-28   
ئابدۇغۇپۇر كېرىم
 
تارىختا مەشھۇر يىپەك يولىغا جايلاشقان كورلا ئەسىرلەردىن بويان ھەرخىل مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچراشقان قەدىمىي يۇرت. ئۇ ئۆز قوينىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ساقلاپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە ئېلىپ كەلگەن.
كورلا جامە مەسچىتى ئەنە شۇ قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا كورلىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ بىرى. كورلىدىكى مەشھۇر دىنىي ئالىم ئېلى ھاجىم داموللام ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈك شائىرى موللا كىچىك توختى قازى كالان (قۇسۇرى)نىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان تارىخى پۈتۈكلىرىگە قارىغاندا كورلا جامە مەسچىتىنىڭ مۇشۇ ئورۇندا بىنا قىلىنغىنىغا 600 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە كورلا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قەدىمىي مازارلاردىن ”كورلا يىغىن زاراتگاھلىقى“ بار ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا بىنا قىلىنغان بۇ جامە مەسچىتىگە 14-ئەسىردىن تاكى 1715-يىلغىچە ھادى ئەلەم ئاخۇنۇم، ئەھمەد ئەلەم ئاخۇنۇم، ئاپئاق ئەلەم ئاخۇنۇم، يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم، ئاۋۇت ئەلەم ئاخۇنۇم، قادىر ئەلەم ئاخۇنۇم، موللا ئاسىم ئەلەم ئاخۇنۇملار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىمام، خاتىپ، مۇدەررىس بولۇپ ئۆتكەن. مىلادىيە 1715-يىلى موللا ئۆمەر ئاخۇنۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كونا مەسچىت ئورنىغا يېڭى مەسچىت سېلىنغان.
1715-يىلىدىن 1833-يىلىغىچە بۇ مەسچىتكە موللا ئۆمەر ئاخۇنۇم ۋە مەھەممەت چۇمچۇق ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ ئوغلى زاھىت ئاخۇنلار مەزىنلىك ۋەزىپىسىنى، يۈسۈپ ئەلەم ئاخۇنۇم، زەيدۇن ئاخۇنۇم، موللا ھەسەن مۇپتى ئاخۇنۇم، قاسىم ئەلەم ئاخۇنۇملار ئىمام-خاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مىلادىيە 1833-يىلى بۇ مەسچىت كېڭەيتىلىپ ئۇنىڭ غەرب تەرىپىگە تاش كېسەك قۇرۇلمىلىق بىر چوڭ مەسچىت سېلىنغان. ئومۇمىي كۆلىمى 12 مو بولۇپ، مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 805 كىۋادرات مېتىر بولغان. بۇنىڭ ئالدى كەڭ بىر ھويلا بولۇپ، كورلىدىكى ئىككى ھېيت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى شۇ يەردە ئوقۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى ”ئازنا مەسچىت“ ياكى ”ھېيتگاھ“ مەسچىتى دەپ ئاتالغان. 1867-يىلى ياقۇپ بەگ كورلىنى سېپىلگە ئالدۇرغاندا مەسچىتنىڭ ئاساسى قىسمى سېپىل سىرتىدا قالغان، مەسچىت قۇرۇلۇشىمۇ بەك زەيلەپ كەتكەن. 1895-يىلىغا كەلگەندە بۇخارادا بەش يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان دىنىي ئالىم ئېلى ھاجى داموللام بىلەن دىنىي زات ئەمەت ئىشان ھەزرەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەسچىت يېڭىلىنىپ سېلىنغان. مىلادىيە 1833-يىلىدىن 1916-يىلغىچە بۇ جامەگە ئېلى ھاجىم داموللام، ئېلى ئەلەم ئاخۇنۇم، ئابدۇقادىر ئەلەم ئاخۇنۇم، ياقۇپ ئەلەم ھاجىم، موللا كىچىك توختى قازى كالان، ئابدۇقادىر ئىشان ئەلەم قاتارلىقلار ئىمام، خاتىپ، مۇدەررىس بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مەسچىتمۇ كونىراپ خەتەرلىك قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن سېپىل ئىچىدىكى ئاممىنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا قولايسىز بولۇپ قالغان. مىلادىيە 1916-يىلى مەشھۇر دىنىي زات ئېلى ھاجى داموللامنىڭ تەشەببۇسى، پىلانلىشى بىلەن مەسچىت سېپىل ئىچىگە يۆتكەپ سېلىنغان. قۇرۇلۇش باشلانغاندا ئېلى ھاجى داموللام 500 تۇياق قوي ئىئانە قىلغان. ئاممىدىن توپلانغان ئىئانە بىلەن مەسچىت 1918-يىلى پۈتكەن. مەسچىتنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مو ئەتراپىدا بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2600 كىۋادرات مېتىر، مەسچىتنىڭ ئۇلى يەر يۈزىدىن 1.5 مېتىر ئېگىز سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىچى 84 دانە تۈۋرۈك بىلەن تۇرغۇزۇلغان. ئۈستى ۋاسا جۈپ ، ئاستى تاختايلىق، تاملىرىغا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئۇيۇلغان. مەسچىتنىڭ شەرق تەرىپىدە مەدرىسە بولۇپ، ئۇنىڭ 20 نەچچە ئېغىزلىق ھۇجرىسىغا مۇدەررىسلەر، قارىيلار، خەتتاتلار، تالىپلار ئورۇنلاشقان. مەسچىتنىڭ چوڭ دەرۋازا ئۈستىگە 3 قەۋەتلىك گۈمبەز ۋە پەشتاق چىقىرىلغان، تامچىلىقىنى كورلىلىق ئىبراھىم ئۇستام، قادىر ئىماملار، ياغاچچىلىقىنى نىياز قايناق ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
1916-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە بۇ مەسچىتكە ئېلى ھاجىم داموللام، مەخسۇت ئەلەم ھاجىم، تاھىر ئەلەم ھاجىم، ئابدۇقاھار داموللام، ئېزىز داموللا ھاجىملار ئىمام ۋە خاتىپ بولغان. بۇ كاتتا مەسچىت 1966-يىلى باشلانغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بۇزۇۋېتىلگەن. 1978-يىلى پارتىيە مەركىزى كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، دىنىي سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەسچىت ئورنى ئېتىقادچى ئاممىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1984-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى مەسچىت سېلىنىدىغان ئورۇن بېكىتىلىپ ئېزىز داموللا ھاجىم، ھىدايەت داموللام، كېرەم قارى ھاجىم، ئېلى قارى ھاجىم قاتارلىق 17 كىشىدىن تەشكىل تاپقان مەسچىت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ئىش باشلانغان. قۇرۇلۇشقا ئوبلاستلىق بىناكارلىق شىركىتىدىن ئابدۇرېھىم ئۇستام مەسئۇل قىلىنغان. مەسچىتنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى 1984-يىلى باشلىنىپ 1988-يىلى پۈتكەن. پۈتۈن قۇرۇلۇش پولات-سېمونت قۇرۇلمىلىق بولۇپ، مەسچىت چىللە خانە، سۈننەتخانە، پەشتاقلار بىلەن قوشقاندا ئومۇمىي كۆلىمى 3190 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش شەكلى جەھەتتە مەسچىتنىڭ ئىچى-تېشى ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە كاتتا بېزەلگەن. جامە مەسچىتىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى 1993-يىلى باشلىنىپ 1994-يىلى 10-ئايدا ئاخىرلاشقان. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تاشقىرىقى مەسچىت بىلەن ئىچىدىكى مەسچىتنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن پەشتاق قىسمىنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلاش نۇقتا قىلىنغان. پۈتۈپ چىققاندىن كېيىنكى مەسچىت چوڭ دەرۋازىسى 6 قەۋەت بولۇپ، دەرۋازا ئۈستىگە گۈمبەز چىقىرىلغان، ئىككى يېنىغا 4 قۇببىلىق مۇنار چىقىرىلغان، دەرۋازا تاملىرىغا مېھراب شەكىللىك ئويما ۋە ھەرخىل نەقىش چىقىرىلىپ زىننەتلىنىپ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزۈلگەن.
كورلا جامەسىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي كۆلىمى 5.6 مو بولسىمۇ 1- ۋە 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قەۋەت قىلىنىپ سېلىنغاچقا قۇرۇلۇش كۆلىمى 5640.6 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. ھازىر مەسچىت ئىچىگە 600 پارچىدىن ئارتۇق خوتەن گېلىمى ۋە سۈنئىي گىلەم، 188 پارچە ئەدىيال گىلەم سېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يورۇتۇش، ئىسسىتىش، سوۋۇتۇش ۋە رادىيو سايمانلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا تولۇق ئىمكانىيەت يارىتىلغان. بۇ جامە سېلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 1948-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە ئېزىم داموللا ھاجىم، ھوشۇر قارى ئاخۇنۇم، ھىدايەت داموللا ھاجىملار كورلا جامەگە ئىمام، خاتىپ ۋە مۇدەررىس بولغان. 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 1991-يىلىغىچە ھىدايەت داموللا ھاجىم ۋە ھىدايەت داموللا ھاجىم يېتەكچىلىكىدە ئابدۇغۇپۇر كېرىم بۇ چوڭ جامەنىڭ ئىمام، خاتىپ ۋە مۇدەررىسلىكىنى ئۆتەپ كەلگەن. 1991-يىلى ھىدايەت داموللا ھاجىم ۋاپاتىدىن كېيىن ھازىرغىچە ئابدۇغۇپۇر كېرىم بۇ جامەنىڭ ئىمام ۋە مۇدەررىسلىكىنى، ئابدۇكېرىم تېيىپ قارى ھاجىم خاتىپلىقىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئومۇمەن كورلا چوڭ جامە مەسچىتى ئۆز تارىخىدا يۇقىرىقىدەك مەشھۇر دىنىي ئۇلىما-ئالىملار قەدەم باسقان مۇھىم تارىخى ئورۇن بولۇپ قالماستىن، بەلكى قۇرۇلۇش كۆلىمى، ئۆزگىچە بېزىلىشى، لايىھەلىنىش ئۇسلۇبى جەھەتتە ئوبلاست بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ئۇ كورلىدىكى ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىپتىخارىدۇر.
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر