باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23   
قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار
 
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
1. قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئى مەنىسى نېمە؟
ج: ئىقتىسادىي يار بەرگەن كىشىلەر ھەر يىلى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە زۇلھەججە(12-ئاي)نىڭ 10-كۈنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە تۆگە، كالا، قوتاز، قوي، ئۆچكىلەرنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەتتۇر.
2. قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق؟
ج: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىش يولىدا تولىمۇ جەسۇر، پىداكار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناب روھى ئاللاھقا ياراپ، ئۇنى ”خەلىلىم“(ئىشەنچلىك يېقىن دوستۇم) دەپ ئاتىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 125-ئايەت}.
نەمرۇد باشچىلىقىدىكى بۇتپەرەسلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ”ئى ئىبراھىم! بىزگە قىلىۋاتقان چاقىرىقىڭنى دەرھال توختىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭمۇ يېنىپ، بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگەشمىسەڭ ئوتتا كۆيدۈرىمىز“ دېگەندەك تەھدىتلەرنى سالغاندا، ئۇ ئۆز مەيدانىدىن قىلچە تەۋرەنمەي ئاللاھقا بولغان چىن ئەقىدىسىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدىكى ئەنە شۇ پىداكارلىق روھى سەۋەبىدىن، نەمرۇد ئۇنى ئوتقا تاشلىغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدە ئامان-ئېسەن ساقلىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلار: ’ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار(ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار‘ دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن)ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى. بىز(ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 9798-ئايەتلەر}.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشىنىپ قالغان ئايالى سارەدىن بالا يۈزى كۆرمىگەچكە، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە: ”پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 100-ئايەت} دەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىسىر پادىشاھى ئۇنىڭ ئايالى سارەگە ھەدىيە قىلغان ھاجەر ئىسىملىك ئايالدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 101-ئايەت}.
ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگەن ئوغۇل دەل ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىدى. مەلۇمكى بىر ئاتىغا نىسبەتەن دۇنيادا بالىدىنمۇ تاتلىقراق نەرسە بولمايدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىلغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك، ھەتتا باشقا ئاتىلارنىڭ بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىدى. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا شۇ ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلغاندا، ئۇ ئوغلى ئىسمائىلغا: ”ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا(ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟“ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەستىن: ”ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا(ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 102-ئايەت} دېگەن ھەمدە قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ يېتىپ، ئاتىسىنىڭ بوغۇزلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوغلىغا پىچاق سۈرگەندە، پىچاق كەسمىگەن. قايتا-قايتا سۈرسىمۇ زادى ئۆتمىگەن. دەل مۇشۇ پەيتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: ”ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ(يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 104-ئايەت} دېگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق قوينى بەرگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى(يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 107-ئايەت}.
دېمەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ يەنە بىر چوڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا بىزلەرگىمۇ ئۆزىنىڭ سۈرە«كەۋسەر»(108-سۈرە)، 2-ئايەتتىكى ”پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن“ دېگەن ئايەتى كەرىمىسى ئارقىلىق قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلغان. بۇ دەل ھىجرەتنىڭ 2-يىلى(مىلادىيە 623-يىلى) ئىدى.
3.قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ج: قۇربانلىق قىلىش نورمال تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىنغان، ئىقتىسادىي زاكات بېرىش نىسابىغا يەتكەن مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپتۇر.
4. قۇربانلىق قىلىشنىڭ قانداق پەزىلىتى بار؟
ج: قۇربانلىق قىلىشنىڭ ناھايىتى زور پەزىلەتلىرى بولۇپ، زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ساھابىلار رەسۇلۇللاھتىن: ’قۇربانلىق قانداق ئەمەل؟‘ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ’ئۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ سۈننىتى‘ دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار يەنە: ’ئۇنىڭدا بىزلەرگە قانداق ئەجىر-ساۋابلار بار؟‘ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ’قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ ھەر تۈكىگە ساۋاب بار‘ دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار يەنە: ’يۇڭىغىچۇ؟‘ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ’ھەربىر تال يۇڭىغىمۇ ساۋاب بار‘ دەپ جاۋاب بەرگەن“(ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”نەھرى كۈنى(ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە زۇلھەججەنىڭ 10-كۈنى)دە ئادەم ئەۋلادى ئاللاھقا قان تۆكۈشتىنمۇ ياخشىراق بىر ئەمەلنى قىلالمايدۇ. بوغۇزلانغان قۇربانلىق مېلى قىيامەت كۈنى مۈڭگۈز، تۇياق، يۇڭ، تىۋىتلىرى بىلەن كېلىدۇ. قۇربانلىق مېلىنىڭ قېنى يەرگە تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىش مەنزىلىگە يېتىپ بولىدۇ. سىلەر قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق نەپسىڭلارنى پاكلاڭلار!“(تىرمىزى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
5. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟
ج: 1) بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن مالنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: ’مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم(دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت-ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن‘ “{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 162163-ئايەتلەر}.
2) ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ بىزلەرگە ئىنئام قىلغان سانسىزلىغان نېمەتلىرىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(كەئبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ(دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن(يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ(يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار(يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 36-ئايەت}.
3) ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ يولىدا مال بوغۇزلاش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ھەر قانداق ئەمەلنى قىلىشتىن يانمايدىغان چىن ئەقىدىمىزنى نامايان قىلىش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئۇنىڭغا: ’ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى)چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ(يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)‘ دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى(يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق“{سۈرە«ساففات»(37-سۈرە)، 104107-ئايەتلەر}.
4) شۇ كۈندە ئائىلىگە مولچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى خۇشال قىلىش، كەمبەغەل، يېتىم-يېسىر، مىسكىنلەرگە گۆشتىن ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغىمۇ مېھىر-شەپقىتىمىزنى ھېس قىلدۇرۇش.
6. قۇربانلىق قىلىش قانداق كىشىلەرگە ۋاجىپ؟
ج: 1) قۇربانلىق قىلىش بىر خىل ئىقتىسادىي ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئاللاھقا يېقىنلىق ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ.
2) قۇربانلىق قىلىش مېلىغا مۇستەقىل ئىگە بولالايدىغان ھۆر كىشىگە ۋاجىپ.
3) نورمال تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە زاكات بېرىش نىسابىغا ئىگە كىشىگە ۋاجىپ.
4) ئۆز شەھىرىدە مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشىگە ۋاجىپ بولۇپ، مۇساپىرلارغا ۋاجىپ ئەمەس. بۇ ھەقتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”جۈمە نامىزى بىلەن قۇربانلىق قىلىش مۇساپىرلارغا ۋاجىپ ئەمەس“(«فىقھەتۇل ئىبادەت»دىن ئېلىندى).
7. قۇربانلىق قىلىش قانداق شەرتلەر ئاستىدا دۇرۇس بولىدۇ؟
ج: 1) قۇربانلىق مېلى تۆگە، كالا، قوتاز، قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلاردىن بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى(شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 34-ئايەت}.
ئايەتتىكى چارۋىلار(ئەنئاملار) دېگەندە تۆگە، كالا، قوتاز، قوي، ئۆچكە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارمۇ بۇلارنىڭ غەيرىنى قۇربانلىق قىلمىغان. بۇلاردىن ئەركەك، چىشىسى باراۋەر بولىدۇ. يۇقىرىقى چارۋىلاردىن تۆگە بىلەن كالىغا يەتتە كىشى قۇربانلىق قىلىش نىيىتى بىلەن شېرىك بولسا بولىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كالا بىلەن تۆگە يەتتە كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ“(مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئەمما شېرىك بولغان يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى نىيەت قىلغان بولۇشى كېرەككى، ئۇلارنىڭ بىرسى قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلماي گۆش يېيىشنى ئىرادە قىلسا ھەممىسىنىڭ قۇربانلىقى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى قۇربانلىقتىكى ئىبادەت قان ئېقىتىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. قان ئېقىتىش بىرلا زەبىھ قىلىش بولغانلىقتىن پارچىلانمايدۇ، قان يەتتىگە تەقسىم قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ“ دېگەن ھەدىسىدۇر(«فىقھۇل ئىسلام»دىن).
يۇقىرىقى چارۋىلاردىن تۆگە بەش ياشقا توشۇپ ئالتە ياشقا ماڭغان بولۇشى، كالا بىلەن قوتاز ئۈچ ياشقا توشۇپ، تۆت ياشقا ماڭغان بولۇشى، قوي بىر ياشقا توشقان، ئۆچكە بىر ياشقا توشۇپ، ئىككى ياشقا ماڭغان بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئەنئاملارنىڭ يېشىغا توشقىنىنى قۇربانلىق قىلىڭلار“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2) قۇربانلىق مېلى قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزلىرى سۇنغان ياكى تۈۋىدىن سۇنۇپ كەتكەن، قۇلىقى تۈۋىدىن كېسىۋېتىلگەن بولماسلىقى، ساقىيىش ئېھتىماللىقى يوق كېسەل، يىلىكى قالمىغان، بەك ئورۇق بولماسلىقى لازىم. بۇ توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ مۇنداق تەلىم بېرىدۇ: ”كۆز نۇرىنىڭ كۆپىنچىسى كېتىپ قالغان قارىغۇ، بوغۇزلايدىغان مەيدانغا بارالمىغۇدەك توكۇر، پۇت-قولىدا يىلىك قالمىغان دەرىجىدىكى ئورۇق، ساقىيىش ئېھتىماللىقى يوق كېسەلچان ماللار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
3) قۇربانلىق مالنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بوغۇزلاش لازىم. ئىلگىرى بوغۇزلىۋالسا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىرنى قايتا بوغۇزلاش لازىم. بەرائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”نامازدىن بۇرۇن مال بوغۇزلىغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن بوغۇزلىغان بولىدۇ. نامازدىن كېيىن مال بوغۇزلىغان كىشى ھەقىقىي قۇربانلىق قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
قۇربانلىق مالنى بىرىنچى كۈنى بوغۇزلاش ئەڭ ئەۋزەل بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىرىنچى كۈنى بوغۇزلىيالمىسا، 2-، 3-كۈنى بوغۇزلىسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”تەشرىق كۈنلىرىدىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ“(ئەھمەد، رادى قۇتنى رىۋايەت قىلغان). بۇ چاغدىمۇ قۇربانلىق قىلالمىغانلار قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىدۇ.
8. بىر قوي پۈتۈن ئائىلىگە كۇپايە قىلامدۇ؟
ج: ئائىلىدە قانچە جان بولسىمۇ بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. ئەبۇ ئەييۇبۇل ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە كىشىلەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قوچقارنى ئۆزى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى نامىدا قۇربانلىق قىلغان ۋە ئىككى مۈڭگۈزلۈك ئالا قوچقارنى ئۆزى ۋە ئۈممىتى نامىدا قۇربانلىق قىلغان“ دېگەن(مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
9.قۇربانلىقنىڭ مۇستەھەبلىرى قايسىلار؟
ج: 1) قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش؛
2) قۇربانلىق مال ئاخىرەتتە سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە مىنىپ ئۆتىدىغان ئۇلاغ بولغاچقا، سېمىز، چىرايلىق، بېجىرىم، چوڭ مال بولۇش؛
3) قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاش مەيدانىغا ناھايىتى سىلىقلىق بىلەن ئېلىپ بېرىش، ھەرگىز پۇتلىرى بىلەن سۆرىمەسلىك؛ 
4) مال بوغۇزلايدىغان پىچاقنى ئىتتىكلىتىش، بۇ ئارقىلىق بوغۇزلىغاندا مالغا راھەت بېرىش، مالنى قىبلىگە قارىتىپ ياتقۇزۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقان ئاللاھقا باتىلدىن ھەققە قايتقان ھالدا يۈزلەندىم. مەن مۇشرىكلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم، ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر. مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن“ دېگەن دۇئاسىنى ئوقۇش. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىچىۋېتىلگەن، ئىككى تۇياق ئالا قوچقارنى زەبھى قىلغان. قويلارنى قىبلىگە قارىتىپ ياتقۇزۇپ: ’ئىننى ۋەججەھتۇ ۋەجھىيە لىللەزى فەتەرەسسەماۋاتى ۋەلئەرزە ئەلا مىللەتى ئىبراھىمە ھەنىفا، ۋەما ئەنە مىنەل مۇشرىكىين، ئىننە سالاتى ۋە نۇسۇكى ۋە مەھيايە ۋە مەماتى لىللاھى رەببىل ئالەمىين. لا شەرىكەلەھۇ، ۋەبىزالىكە ئۇمىرتۇ، ۋە ئەنە مىنەل مۇسلىمىين. ئاللاھۇممە مىنكە ۋە لەكە ئەن مۇھەممەدىن ۋە ئۇممەتىھى، بىسمىللاھى ۋەللاھۇ ئەكبەر‘ دەپ ئاندىن بوغۇزلىغان“(ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
5) مالغا پىچاق سۈرۈشتىن ئاۋۋال: ”ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمدۇ“ دەپ تەكبىر ئوقۇش، قۇربانلىقنىڭ قوبۇل بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىش.
6) قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى چاچ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياساتماسلىقى، تىرناقلىرىنى ئالماسلىقى، بەدىنىدىكى تۈكلەرنى تازىلىماسلىقى مۇستەھەب. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن كىمكى زۇلھەججىنىڭ يېڭى ئېيىنى كۆرسە ۋە قۇربانلىق قىلىشنى ئىرادە قىلسا، موي-تۈكلىرىنى ۋە تىرناقلىرىنى ئالمىسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
7) قۇربانلىق قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ چاچ ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياسىتىشى، تىرناقلىرىنى ئېلىشى ۋە بەدىنىدىكى مويلارنى تازىلىشى مۇستەھەپ. بۇ توغرىسىدا ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھ بۇ كۈننى مۇشۇ ئۈممەتكە بايرام قىلىپ بەردى. شۇڭا بۇ كۈننى بايرام قىلىشقا بۇيرۇلدۇم“ دېگەندە، بىر كىشى: ”ئى رەسۇلۇللاھ، مەن پايدىلىنىپ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئۆتنە بېرىپ تۇرۇلغان چارۋىلاردىن باشقا مال تاپالمىسام، شۇنى قۇربانلىق قىلامدىمەن؟“ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ”ياق، لېكىن چاچ-ساقاللىرىڭنى ياسىتىپ، بۇرۇتۇڭنى قىرقىغىن، تىرناقلىرىڭنى ئالغىن، بەدىنىڭدىكى مويلارنى تازىلىغىن. مۇشۇ ئىشلارنى قىلىشىڭ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە قۇربانلىق قىلغىنىڭ بىلەن باراۋەر“ دەپ جاۋاب بەرگەن(ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى رىۋايەت قىلغان).
8) قۇربانلىق گۆشنى ئۈچكە تەقسىم قىلىپ، بىر قىسمىنى ئائىلىسىگە تائام قىلىپ بېرىش، يەنە بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىش، قالغان بىر قىسمىنى ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنا، دوست-بۇرادەرلىرىگە ھەدىيە قىلىش لازىم. ئائىلە جان سانى كۆپ بولسا، سەدىقە قىلماي ئۆزئارا يېسە بولىدۇ. سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان بولسا ئۇنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىمىسۇن“. ئىككىنچى يىلى كىشىلەر: ”ئى رەسۇلۇللاھ، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلىدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟“ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ”يەڭلار، باشقىلارغىمۇ بېرىڭلار ۋە ساقلاپ يەڭلار، بۇلتۇر كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ يىلى قۇربانلىق گۆشتىن كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشىڭلارنى ئىرادە قىلغانىدىم“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
10. قۇربانلىقتىكى مەكروھلا قايسىلار؟
ج: 1) قۇربانلىق مالنى يەھۇدىي، ناسارالارغا بوغۇزلىتىش مەكروھ. ئەمما بۇتپەرەس، مەجۇسىيلار(ئوتقا چوقۇنىدىغانلار)غا بوغۇزلىتىش قەتئىي دۇرۇس ئەمەس.
2) قۇربانلىققا ئاتاپ قويغان مالنىڭ يۇڭلىرىنى قىرقىۋېلىش، سۈتىنى سېغىۋېلىش ۋە ئىجارىگە بېرىپ پايدىلىنىش ھەم مەكروھ سانىلىدۇ. ئەگەر ئىجارىگە بەرگەن بولسا، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلنى سەدىقە قىلىدۇ.
3) قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى سېتىۋېتىش مەكروھ، ئەگەر سېتىۋېتىپ قالسا، پۇلىنى سەدىقە قىلىش لازىم. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان مالنىڭ تېرىسىنى سېتىۋەتسە، ئۇ قۇربانلىق قىلمىغاندەك بولىدۇ“(«جامىئۇسسەغىر»دىن).
4) قۇربانلىق مالنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا ئۇنىڭ گۆشىدىن ياكى باشقا ئەزالىرىدىن ئەجرىگە ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن ئىش ھەققىگە ھېسابلىماي سەدىقە قىلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھ مېنى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلىشىمغا، گۆش، تېرە ۋە يۇڭلىرىنى سەدىقە قىلىشىمغا، مال سويغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكىمگە بۇيرۇدى ۋە: ’ئۇلارنى ئۆزىمىز باشقا پۇل-مال بىلەن رازى قىلىمىز‘ “دېدى(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس).
 (ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر