باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

شۈكۈر-قانائەت قىلىش ۋە روھىي بايلىق توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-15   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەم ھەر ۋاقىت قانائەتچان كېلىدۇ. قانائەت قولىدىكى بايلىققا ياكى ئۆزىدە بار بولغان نەرسىلەرگە شۈكۈر قىلىش دېمەكتۇر. شۈكۈر-قانائەت ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل بىر سۈپەتتۇر.

شۈكۈر-قانائەت قىلىش چوڭ بايلىق، بۇ بايلىققا ئېرىشكەن ئادەم خاتىرجەم ئۆتىدۇ. قولىدىكى بايلىققا رازى بولمىغان كىشى ئالەمچە بايلىقى بولسىمۇ ھەرگىز قانائەت قىلمايدۇ. دېمەك، قانائەتسىزلىك، ناشۈكۈرلۈك ئىنسانلاردىكى يامان خۇلقتۇر. شۇ سەۋەبتىن، تاپقان مال-مۈلكىگە قانائەت قىلماي ئاللاھنىڭ يولىدىن ئېزىپ كېتىپ، ئەبەدىي زىيان تارتىپ قالىدىغان كىشىلەر كۆپ. قانائەتسىز كىشى ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆز، تەمەخور، يالغانچى بولغاچقا، تۇرمۇشتا زادىلا خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر ئادەملەر ھەر ۋاقىت ئۆزىدىن نامرات كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇرسا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ نامرات ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە، ئەلۋەتتە بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىدۇ. ”ئىنسان پۇل-مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر“{سۈرە«ئادىيات»(100-سۈرە)، 8-ئايەت}. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنى دېڭىزغا باش بارمىقىنى چىلىغاندا يۇقۇپ چىققان سۇچىلىكلا نەرسە بولۇپ، ئادەملەر شۇنچىلىك نەرسە ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇپ، ياراتقان ئىگىسىگە ئاسىي بولىدۇ.

شۈكۈر-قانائەت قىلىش  گۈزەل ئەخلاقلار جۈملىسىدىندۇر، شۈكۈر-قانائەتچان كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنداقتا شۈكۈر-قانائەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە؟

نۇرلۇق ۋە روشەن كۆزىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولغان ئەما كىشىلەرگە قاراپ باقسىڭىز، شۇ چاغدا ئاللاھنىڭ سىزنى ساق-سالامەت ياراتقانلىقىغا شۈكۈر قىلماي تۇرالمايسىز، ئۇلار سىزنىڭ شۈكۈر-قانائەت قىلىشتىكى ئەينىكىڭىز بولالايدۇ. چۈنكى سىز شۇ نۇرلۇق كۆزلىرىڭىزنىڭ ياردىمىدە خالىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلىۋالالايسىز. مېھرىبان ئاتا-ئانىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى كۆرەلەيسىز. كوچا ئارىلاپ كېتىپ بارغىنىڭىزدا مېيىپلىق دەستىدىن، تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۆمىلەپ تۇرغان، شۇنداقلا تىترەپ تۇرغان ئېڭەكلىرى بىلەن سىزدىن ئازغىنە نېسىۋە تىلەپ تۇرغان سائىللار(تىلەمچىلەر)نىڭ غەمكىن كۆزلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە، ياراتقان زاتنىڭ سىزنى ساق-سالامەت قىلغىنىغا شۈكۈر قىلماي تۇرالمايسىز. كوچا–كويلاردا ئەقلى كەمتۈكلىكىدىن ئاغىل-تاغىل سۆزلەپ يۈرگەنلەرنى كۆرگىنىڭىزدە، يەنىلا ياراتقان ئىگىڭىزگە شۈكۈر قىلماي تۇرالمايسىز. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ”ئى مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 172-ئايەت}؛ ”ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى“{سۈرە«نەھل» (16-سۈرە)، 78-ئايەت}؛ ”مېنى(تائەت-ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى(ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 152-ئايەت} دېگەن بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلارغا زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، ھەممە نەرسىلەر ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاللاھ زېمىندىكى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن شۇ نەرسىلەردىن خالىغانچە پايدىلىنىشقا بۇيرۇغان، كۆپ شۈكۈر قىلغان كىشىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىنى ۋەدە قىلغان، شۇنداقلا ناشۈكۈرلۈك قىلىشنىڭ ئادەمنى گۇناھقا باشلايدىغانلىقى، ئاقىۋەتتە ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھۇرۇنلۇق ئىچىدە ۋاقتىمىزنى زايە قىلىش جىنايەتتۇر. كۆپ ۋاقتىمىزنى ھۇرۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ئۆمرىمىزنى زايە قىلىپ، مەن قانائەتچان كىشىمەن، ئاللاھ بەرگەنگە قانائەت قىلىمەن دېيىش توغرا ئەمەس. ئاللاھ ھەر شەيئىنى قانۇنىيەت بويىچە ياراتقان، ئىنسانلار شۇ شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقاپ ئىجتىھات قىلىشى، تەر تۆكۈشى كېرەك. كۈندۈز ئىنسانلارغا جاھان تىرىكچىلىكى قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ، بەش ۋاخ نامىزىڭىزنى ئادا قىلغاندىن سىرت، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە يۈزلىنىشىڭىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كۆپ ئىبادەتلەرنى كېچىسى قىلاتتى. كۈندۈزى دۆلەت ئىشلىرى، ۋەز-تەبلىغ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.

شۈكۈر-قانائەتكە ھۇرۇنلۇق تونىنى كەيدۈرۈپ قويساق، ھەر جەھەتتىن چېكىنىپ كېتىمىز. ھۇرۇنلۇق بىزنىڭ تائەت-ئىبادىتىمىزگىمۇ تەسىر قىلىپ شەيتاننى غالىب قىلىدۇ. ئائىلىمىز نامراتچىلىق ئىچىدە قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلىرىمىزنى ياراملىق تەربىيەلەشكىمۇ تەسىر يېتىدۇ. دېمەك، شۈكۈر-قانائەت قىلىش بىلەن ھۇرۇنلۇق تامامەن باشقا-باشقا يولدۇر.

دۇنيادىكى كۆپلىگەن جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى شۈكۈر-قانائەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققان، جىنايەتچىلەر شۈكۈر-قانائەت قىلغان بولسا ئىدى، زور پاجىئەلەرنى سادىر قىلمىغان بولاتتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻم ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېگەن: ”ﺋﺎﻟﻼھ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯜﯕﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، بەلكى دىلىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن كەمبەغەل مۇئمىن بىلەن باي مۇئمىننىڭ دەرىجىسىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ پۇل–مېلىمىز ۋە تەققى-تۇرقىمىزغا قارىمايدۇ، بىزنىڭ شۇ پۇل-مالنى سەرپ قىلىپ قانداق ساۋاب تېپىشىمىزغا ياكى قىلغان ئىبادىتىمىز، تۇتقان يولىمىزغا قارايدۇ.

ئاللاھ تائالا سۈرە«فاتىھە»دە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئىپادىسى بولغان ”ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين“(جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!) سۆزى شۈكۈر ئېيتقۇچىنىڭ ئەندىشىسى ۋە ئاللاھقا بولغان ئۈمىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا ”بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم“(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) سۆزىمۇ ئىنساننى ئۈمىد بىلەن شۇ تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ. بۇ ئەندىشە بىلەن ئۈمىد سۈرە«فاتىھە»دە ئەڭ يارقىن ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلىنغان. دېمەك، شۈكۈر-قانائەت قىلىش دېگەنلىك ئالدى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار ئېيتىپ، دۇنيادا ئادەملەر ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ھەر خىل ماددىي مەنپەئەتلەردىن قانائەت ھاسىل قىلىپ، ئاللاھ بەرگەن كۆز، قۇلاق، ئېغىز، تىل ۋە ئەقىلنى توغرا تەپەككۇر قىلىشقا ئىشلىتىپ، ھەسەتخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يالغانچىلىق، رىياخورلۇقنى چۆرۈپ تاشلاپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىغا كىرىشىش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

يېقىنقى زامانلاردىن بېرى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى، كىشىلەر ئىلىم-پەن قورالىدىن پايدىلىنىپ ئاسماندا خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتى، دېڭىزغا بېلىقتەك چۆكۈپ، ئاي شارىغا ۋە باشقا پىلانېتىلارغا يۈرۈش قىلدى، ئالەمگە سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق مىكرو دولقۇندىن پايدىلىنىپ، نەق مەيدان ھادىسىلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆرەلەيدىغان بولدى. شۇنداقلا ئادەمنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى تېجەپ بېرىدىغان كومپيۇتېرنى ياساپ چىقتى، ئادەملەر يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى ئىلىم-پەننىڭ پەزىلىتى بىلەن قىلالىدى. ئىلىم-پەن ئارقىلىق كىشىلەر ئىلگىرىكى ئەجدادلىرى زادىلا ياشاپ باقمىغان ئاجايىپ باياشات جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقتى. ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ: ”ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 8-ئايەت}.

ھازىرقى زاماندا مانا مۇشۇنداق بۈيۈك ئىجادىيەتلەر ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالىغان ئادەملەرگە يەنىلا چۈشكۈنلۈكتىن ئىبارەت بۇ سايە ئەگىشىپلا يۈردى. ئۇنىڭ سەۋەبى ئادەملەرنىڭ ماددىي دۇنيانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىدا، شۈكۈر–قانائەت قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا. كۆپ ئادەملەر دۇنيا قوغلىشىپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەت تىرىكچىلىكىدىن ئەۋزەل كۆردى. قارايدىغان بولساق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا، يېزا-قىشلاقلاردا، كەڭ دالىلاردا ياشىغان ئادەملەرنىڭ كۆڭلى–كۆكسى كەڭرى، مەرد ۋە خاتىرجەم كېلىدۇ. بۈگۈنكى ئىنسانلاردا روھىي بەختنىڭ يولى تۇتۇق بولۇپ، مۇمكىن قەدەر كۆڭلى تارتقان ئىشنى قىلىپ ھاۋايى-ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنى روھىي بەخت دەپ قارىشىدۇ. لېكىن ھەقىقىي بەخت-سائادەت ھاۋايى-ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئەمەس. چۈنكى، ئۇ نەرسىلەر تېزلا يوقايدىغان نەرسىلەردۇر. روھىي بايلىقنىڭ بىرىنچى ئامىلى، ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش، ئاللاھ تائالا داۋاملىق بىز بىلەن بىللە، ئاللاھ بىزگە ئۆز رەھمىتى بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ تۇرىدۇ دەپ تونۇشتىن ئىبارەت. ئاللاھقا ئىشىنىش روھىي ھاياتنىڭ تۇتقۇسى، كۆڭۈل ئاراملىقنىڭ ۋە ھەممە بەخت-سائادەتنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ ئىشىنىش پۈتۈن ئالەمنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىر ئاللاھ بار، دەپ ئېتىقاد قىلىشتىنلا ھاسىل بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئۇلۇغلۇقىنى ئىنسان دىلىدا تونۇش بىلەن بىرگە ئىماننىڭ ئالامىتى بولغان ياخشى ئىشلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە كۆرۈنۈپ تۇرۇشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھقا ئىشىنىش ئىنساننىڭ روھىنىڭ ماددىغا باغلىنىپ قېلىشىدىن ئازاد قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئىنسان نەپسىگە بېرىلىشتىن نومۇس قىلىدۇ، شەخسىي پايدا-زىيانغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئىنساندا كۆرۈلىدىغان پۈتۈن ياخشىلىق، ئېسىللىق، پىداكارلىق، ئۆزىنى قەدىرلەش، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، مەن-مەنلىك قىلماسلىق قاتارلىقلار ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئىشىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كىمنىڭ ماددىي بۇيۇملىرى كۆپ بولسا شۇنى باي دەپ سانايمىز. ئۇنداق بولسا  بايلىق دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ تاپقان ماددىي نەرسىلىرىمۇ؟ ئۇنىڭ بالىۋاقىسىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئېرىشكەن شان–شۆھرىتىمۇ؟ ھەقىقىي بايلىق ماددىي بايلىق بولماستىن، بەلكى روھىي بايلىقتۇر. پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئىنسانىيەت مىسلىسىز تەرەققىي قىلغان، قەدىمكى ئەجدادلىرى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ياخشى كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، يېنىدا نۇرغۇن بايلىقى تۇرۇقلۇقمۇ نېمە ئۈچۈن خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى شەھۋەت كوچىسى ۋە بىر قىسىم چاكىنا ئىشلاردىن ئىزدەيدۇ؟ بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، مۇسۇلمان بەندە ئاللاھتىن يىراقلاشسا، ئىلاھىي بۇيرۇقلارغا باش ئېگىشتىن يىراقلاشسا، تەبىئىيكى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلالمايدۇ. روھىي چۈشكۈنلۈك ئادەتتە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلمىغان بىلەن ئاستا-ئاستا ئىككىلەمچى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن فىزىيولوگىيەلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ-دە، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنى كېسەل قىلىدۇ. ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ساغلام ھېس قىلمايدۇ. مەسىلەن، ئىچى سىقىلىش، تىت-تىت بولۇش، ئىشتىھا بىلەن تاماق يېيىشكە كۆڭلى تارتماسلىق، كۆپ ئەسنەش، باش قېيىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش... ۋەھاكازالار. ئەمەلىيەتتە، دوختۇرغا تەكشۈرتكەندە بۇ كىشىلەردىن كېسەل چىقمايدۇ. سالامەتلىكى ياخشى چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى دەل ئۇلاردىكى روھىي گادايلىق ئامىلىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ گۈزەل يېشىللىققا پۈركەنگەن ۋادىلارغا بېرىپ باققۇسى، تەرەققىي تاپقان شەھەرلەرگە بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى، نۇرغۇن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇپ باققۇسى كېلىدۇ. بۇ خىل ئىنتىلىش قانداقتۇر ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر خىل ئېھتىياج بولۇپ، بۇ دەل روھنىڭ بىر خىل ئوزۇقلۇققا ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلار شۇ ئىشلارنى قىلىپ كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا روھىي خاتىرجەملىككە، روھىي دۇنياسى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈشكۈنلۈك خۇددى ئۆز سايىسىدەك ئەگىپلا يۈرىدۇ. جەمئىيەتتە نۇرغۇن جىنايەتلەر، ۋەھشىي قاتىللىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ جىنايەتلەر يەنىلا روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش، تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنى توغرا بىرتەرەپ قىلالماي ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە نۇرغۇن ئالىملار كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن داۋالاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ.

ئاللاھقا ئىشىنىش قەلبتىكى زۇلمەتنى يورۇتىدۇ. كىشى قۇدرەتلىك ئىگەم ماڭا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ. بۇ چاغدا بۇ كىشىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ بىئارام بولۇشىغا سەۋەب قالمايدۇ، كۆڭلى ئارام تاپىدۇ. ئاللاھقا ئىشەنمىگەن، بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە ئاللاھنى ئۆزىگە پاناھ قىلمىغان كىشى ئۆز ھاياتىدا ھەممە ئادەمدىن بەختسىزدۇر. مۇسۇلمان كىشى قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ بەختلىك ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن، بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ. ساڭا نەپلە(ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا(ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا(يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى مۇھەققەتتۇر. ’پەرۋەردىگارىم! مېنى(قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن‘ دېگىن“{سۈرە«ئىسرا»(17-سۈرە)، 7880-ئايەتلەر}.

بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا راھەتلىنىسىز، بۇ ھالەت سىزنى ماددىي ھاياتنىڭ بىخۇدلۇقىدىن چىقىرىپ يەنە بىر ھالاۋەتلىك مەنىۋى ھاياتقا يەتكۈزىدۇ. قۇرئان كەرىم روھىي بايلىق خەزىنىسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ”ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ(خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى(سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى(بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 12-ئايەت} دېگەن بولۇپ، بىز ياشاۋاتقان بۇ ماددىي دۇنيا پۈتۈنلەي سىناق دۇنياسىدۇر. بەزىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ كۆپ بولۇشى، بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىقى، بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنىڭ ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ سىنىقىدۇر. كىمىكى شۈكۈر-قانائەت قىلسا، بۇ دۇنيانى سىناق دەپ بىلىپ، ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن تەمكىن تۇتۇپ، بېشىغا كەلگەن قازا ۋە قەدەرگە سەۋر قىلسا، ئەنە شۇ كىشى ئاخىرەتتە مول ساۋابقا مۇشەررەپ بولىدۇ.

ئومۇمەن، تۇرمۇشىمىزدا قانائەتچان بولۇپ، روھىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى باي قىلىپ ياشاش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاللاھنى ياد ئېتەيلى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاملار ئېيتايلى. چەكسىز روھىي بايلىققا، شۈكۈر-قانائەتكە ئېرىشىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەقىقىي بەخت ئىگىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشايلى.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر