باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ئەزىز ھەدىس دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-04   

پەقەت ئىككى رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىس ئەزىز ھەدىستۇر. سەنەدنىڭ مەلۇم قاتلىمىدا ئىككى رىۋايەتچىلا بولسا، بۇ ھەدىس ئەزىز ھەدىس ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئۇ سەنەدنىڭ ھەممە قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئىككىدىن ئاز بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ ئىبنى ھەجەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆپ ساندىكى مۇھەددىسلەر بەرگەن ئېنىقلىمىدۇر.

بۇنىڭدىن ئەزىز ھەدىسنىڭ تۆت خىل شەكلىنىڭ بولىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.

1) ئىككى ساھابە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان، ئىككى تابىئىن بۇ ئىككى ساھابىنىڭ بىرىدىن رىۋايەت قىلغان، ئىككى تابىئ تابىئىن بۇ ئىككى تابىئىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

2) ئىككى ساھابە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان، ئىككى تابىئىن بۇ ئىككى ساھابىدىن رىۋايەت قىلغان، ئاندىن كېيىن ئىككى تابىئ تابىئىن بۇ ئىككى تابىئىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

3) بىرقانچە ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان، ئاندىن ھەربىر ساھابىدىن ئىككى تابىئىن رىۋايەت قىلغان، ئاندىن ئىككى تابىئ تابىئىن ھەممە تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

4) ئىككىدىن ئارتۇق ساھابە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان، ئاندىن ھەربىر ساھابىدىن ئىككى تابىئىن رىۋايەت قىلغان، ئاندىن ئىككى تابىئ تابىئىن ئىككى تابىئىن ئىچىدىكى بىرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

يۇقىرىدىكى تۆت خىل شەكىلنىڭ ھەممىسى ئەزىز ھەدىس بولۇپ، سەنەدنىڭ ھەربىر قاتلىمىدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى رىۋايەتچى بار، بەزى قاتلامدا ئىككىدىن ئارتۇق رىۋايەتچىنىڭ بولۇشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، ھەدىس رىۋايەت ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەدىسنى دەرىجىگە ئايرىشتا ئۆلچەم قىلىنىدىغىنى سەنەددىكى كۆپ رىۋايەتچى قاتلىمى بولماستىن ئەڭ ئاز رىۋايەتچى قاتلىمىدۇر.

مىسالەن: بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىكتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان ”بىرىڭلار مېنى ئاتا-ئانىسىدىن، بالىسىدىن ۋە پۈتۈن كىشىلەردىن ئۆتە ياخشى كۆرمىگۈچە ئۇنىڭ ئىمانى ھەقىقىي كامىل بولمايدۇ“ دېگەن ھەدىس.

مەزكۇر ھەدىس ئىككى ساھابە ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان، ئۇلار ئەنەس ئىبنى مالىك ۋە ئەبۇ ھۇرەيرەدۇر، ئاندىن ئىككى تابىئىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئىككى ساھابە ئىچىدىكى بىرىدىن−ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان، ئۇلار قەتادە ۋە ئابدۇلئەزىز ئىبنى سۇھەيبتۇر. ئاندىن كېيىن ئىككى نەپەر تابىئ تابىئىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقىرىدىكى ئىككى تابىئىندىن رىۋايەت قىلغان. قەتادەدىن رىۋايەت قىلغان ئىككى تابىئ تابىئىن شۆئبە ئىبنى ھەججاج ۋە سەئىد ئىبنى ئەبۇ ئۇلبەدۇر. ئابدۇ ئەزىز ئىبنى سۈھەيبتىن رىۋايەت قىلغانلار بولسا ئىسمائىل ئىبنى ئۇليە ۋە ئابدۇل ۋارىستۇر. ئاندىن كېيىن بۇ سەنەددىن نۇرغۇن كىشىلەر رىۋايەت قىلغان.

ئۇنىڭدىن سىرت، ئىبنى سالاھ ۋە نەۋەۋى ۋەكىللىكىدىكى مۇھەددىس ئالىملار ئەزىز ھەدىسكە ”ئىككى ياكى ئۈچ رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىس“ دەپ تەبىر بەرگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ تەبىر بويىچە ئەزىز ھەدىس ۋە مەشھۇر ھەدىس سەنەدىنىڭ ھەربىر قاتلىمىدا ئۈچتىن رىۋايەتچى بولغاندا ئۇ ئىككىسىنىڭ ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر