باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

قانداق ھەدىس ئۆزى سەھىھ ھەدىس بولىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-23   

مۇھەددىسلەر سەھىھ ھەدىسنى ئۆزى سەھىھ ھەدىس ۋە ئۆزگە بىلەن سەھىھ ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلگەن. ئۇلار ئۆزى سەھىھ ھەدىسكە بىرقانچە خىل تەبىر بەرگەن:

 ئىبنى سالاھ مۇنداق دېگەن: ”ئۆزى سەھىھ ھەدىس سەنەدى باشتىن-ئاخىر ئۇلانغان، دىيانەتتە ئادىل، ئىلىمدە ئىشەنچلىك بولغان رىۋايەتچىلەر ئۆزىگە ئوخشاش دىيانەتتە ئادىل، ئەقىلدە كامىل رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلغان، مۇخالىپلىق ۋە ئەيىب-نۇقسان بولمىغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ“.

ئىبنى ھەجەر ۋە ئاسفاھانىنىڭ تەبىرى مۇنداق: ”سەنەدى باشتىن-ئاخىر ئۇلانغان، دىيانەتتە ئادىل، ئىلىمدە ئىشەنچلىك كىشىلەر دىيانەتتە ئادىل، ئىلىمدە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان، مۇخالىپلىق ۋە ئىللەت بولمىغان ئاھاد ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ“.

بۇ ئىككى تەبىرنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئىبنى ھەجەرنىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

”سەنەدنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۇلىنىشى“− ھەربىر رىۋايەتچىنىڭ ئۇستازىدىن ھەدىسنى ئاڭلىغان بولۇشى ھەمدە مۇشۇ شەكىلدە ئۈزۈلمەستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى ساھابە ۋە ياكى تابىئىن بىلەن (ئەگەر بۇ ھەدىس ساھابە ياكى تابىئىن ئارقىلىق ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇلىنىدىغان بولسا) ئۇلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. سەنەدنىڭ ئۇلانغان بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولۇشى لازىم، ئۇلار:

1) ھەربىر رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئۇستازىدىن ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان بولۇشى.

2) ھەدىسنىڭ بارلىق رىۋايەتچىلىرى تولۇق بولغان، بىرەرىمۇ چۈشۈپ قالمىغان بولۇشى.

”رىۋايەتچىنىڭ دىيانەتتە ئادىل بولۇشى“−رىۋايەتچىنىڭ ئاللاھتىن قورقىدىغان تەقۋادار ۋە مۇرۇۋۋەتلىك كىشى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھتىن قورقىدىغان تەقۋادار بولۇش−ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، بىدئەت ۋە دىنىي ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇرۇۋۋەتلىك بولۇش− ئۆزىنى پاك تۇتقان، بۇلغىمىغان بولۇش، كىشىلەر ۋە شەيئىلەرگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، بازاردا يەپ-ئىچىش، يولدا تەرەت قىلىش، قالايمىقان كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتكە يات ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

”ئىلىمدە ئىشەنچلىك بولۇشى“− رىۋايەتچى ھەدىسنى يادلىغان ۋە رىۋايەت قىلغان ۋاقىتتا ئويغاق ۋە سەگەك بولۇشى، ئەسلىي پېتى يادلىغان بولۇشى، قىلچىلىك بىخەستەلىك قىلماسلىقى، چۈشۈرۈپ قويماسلىقى ۋە شەك-شۈبھە سادىر قىلماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىسنى ئەسلىي پېتى رىۋايەت قىلىشتا، ھەدىسنى يادلىغان بولسا پىششىق يادلاش، خالىغان ۋاقىتتا يادلىيالايدىغان بولۇش، يېزىپ خاتىرىلىگەن بولسا سۆز-جۈملىلىرىنى ئەسلىي پېتى ئېنىق يېزىش، قىلچىلىكمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق ياكى قوشۇۋالماسلىق لازىم. ئەگەر ھەدىسنى  سۆز-جۈملە بويىچە ئەسلىي لەفزىنى ئەمەس ئۇنىڭ مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلغان بولسا رىۋايەتچىنىڭ ھەدىس مەزمۇنىنى توغرا چۈشەنگەن ۋە ئىگىلىگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

”دىيانەتتە ئادىل ۋە ئىلىمدە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان بولۇش“−ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى باشتىن-ئاخىرغىچە بارلىق رىۋايەتچىلەرنىڭ بىردەك ”دىيانەتتە ئادىل، ئىلىمدە ئىشەنچلىك بولۇش“ شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ”باشتىن-ئاخىرغىچە“ دېگەن سۆز، سەنەدنىڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلەر ۋەياكى تابىئىنلاردىن باشلاپ ئۈزۈلمەستىن ئۇلىنىپ سەنەدنىڭ باشلانمىسىغىچە يېتىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سەھىھ ھەدىس− مەرفۇئ ھەدىس، مەۋقۇف ھەدىس ۋە مەقتۇئ ھەدىستىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ھەدىستىن تەركىب تاپىدۇ.

”مۇخالىپلىق بولماسلىق“− رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچلىك رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

”ئەيىب-نۇقسان بولماسلىق“− ھەدىس زاھىرى جەھەتتە ئادەمنى ئۇنىڭ سەھىھلىكىدىن شۈبھىلەندۈرۈپ قويىدىغان ئىللەتلەرنىڭ بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقى شەرتلەر ئىچىدىن قايسى بىر شەرت كەم بولسا، ئۇ ھەدىسنى ئۆزى سەھىھ ھەدىس دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ.

ئۆزى سەھىھ ھەدىسنىڭ مىسالى:

بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى»دا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئابدۇللا ئىبنى يۇسۇف بىزگە مۇنداق دېدى: مالىك بىزگە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن، ئىبنى شىھاب مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى مۇتئىمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ دادىسى مۇنداق دېگەن: ’مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز شامغا سۈرە تىيننى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان‘ “. مەزكۇر ھەدىس يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆزى سەھىھ ھەدىسنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغان.

شۇڭا، بىرى بۇ ”ھەدىس سەھىھتۇر“ دېسە ئۇنىڭ مەنىسى ”بۇ ھەدىس سەھىھ ھەدىسنىڭ بارلىق زۆرۈر شەرتلىرىنى ھازىرلىغان“ دېگەن بولىدۇ. لېكىن، بۇ مۇتلەق سەھىھ دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى رىۋايەتچىنىڭ خاتالىشىش ۋە ئۇنتۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇنداقلا، بىرسىنىڭ ”بۇ سەھىھ ھەدىس ئەمەس“ دېيىشى پەقەت بۇ ھەدىس سەھىھ ھەدىسنىڭ بەش خىل شەرتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىرىنى ھازىرلىماپتۇ دېگەنلىك بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مۇتلەق خاتا دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ھەمىشە خاتالىشىدىغان رىۋايەتچىنىڭ توغرا يەتكۈزىدىغان ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

  (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال- جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر