باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

ئىبادەتلەرنىڭ ئەخلاققا بولغان تەسىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-02   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئالەمدىكى كۇللى مەخلۇقلار يەر شارىنىڭ خەلىپىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان، ئىشلىتىشى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغان. سەۋەبى، ئىنسانلار بىباھا، يۈكسەك مەنىۋىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ روھى ساماۋى روھتىن يورۇغاندۇر. ئۇ شۇ روھنىڭ تەسىرىدە گاھى تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۆمسە، گاھى غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم قورشاۋىدا ئاچچىق ئىڭرايدۇ. گاھى سەلتەنەت، مال-دۇنيا، ئابرۇي نۇرلىرى چېھرىدىن جۇلالىسا، گاھى شۇ يۈزلەرنى چاڭ–توزان باسىدۇ. ھەقىقەت تارازىسى كامالەت ئىگىسى رەببىمىزنىڭ(قۇدرەت) قولىدا بولۇپ، ئۇ زات بىر بەندىسىگە تارازىسىنى ئېغىر كەلتۈرۈپ بەرسە، يەنە بىرسىگە يەڭگىل قىلىپ بېرىدۇ. ھالبۇكى ئېغىر كەلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن، يەڭگىل بېرىلگەنلەرنى ئەدلى–ئادالىتى بىلەن تارتۇقلىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىنى بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق، قېرىنداشلىق، ھېسداشلىق، ئۇيۇشچانلىق، ئىرادىلىك، تىرىشچانلىق، سەۋرىچانلىق، نومۇسچانلىق مەقسەتلىرى ئارقىسىدا يۈكسەك مەنىۋىيەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈندۇر. ”رەب“ كەلىمەسىنىڭ مەنىسى ھەم ”تەربىيەلىگۈچى“ دېگەنلىك بولۇپ، شۇ مەنەنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.

ھەرقانداق چاغدا ئېسىل ئەخلاق ۋە ياخشى نىيەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان مۇسۇلمان، خۇشال بولغىنىدا غەمكىنلەرنى ئۇنتۇمايدۇ، غەمكىن بولغاندا خۇشاللارغا ھەسەت قىلمايدۇ. بۇ تۈردىكى يۈكسەك قەلب ئۈچۈن ئېسىل ئەخلاق، يۈكسەك پەزىلەت ھەممىدىن ئەلا. ۋەھالەنكى، بەخت مال–دۇنيا، بالىچاقىدا ئەمەس، يۈز-ئابرۇي، سەلتەنەت–مەرتىۋىدە ياكى سەتەڭلەرنىڭ ناز-كەرەشمىلىرىدە ئەمەس. ئەگەر ئەخلاق بولمايدىكەن، ئىنسانلار بىر-بىرىدىن ئۇيالمىسا، ھەممە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتسا، خەلق ئارىسىدا بۇزۇقچىلىق، ھاياسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىق تۇمانلىرى سەير قىلىپ، جەمئىيەت پۈتۈنلىكىگە ئېغىر دەز كېتىدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن قارىغاندىمۇ زېمىن سەتھىسىدە ئەخلاقنىڭ رولى مىسلىسىزدۇر. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ نۇرلۇق مەشئىلىنى كۆتۈرگۈچى، ھىدايەت يولىنى تونۇتقۇچى، بەختسىزلىك ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى، ئىنسانىيەت سەھنىسىنىڭ ئۆچمەس يۇلتۇزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىدىكى سەۋەبنى بايان قىلىپ: ”مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم“(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان) دېسە، ئاللاھ تائالا بۇ مەزمۇننى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ: ”(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق“{سۈرە«ئەنبىيا»(21-سۈرە)، 107-ئايەت} دەيدۇ. بۇ ھەدىس بىلەن ئايەتتىن مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك مەقسىتى ئەدەپ-ئەخلاقنى تولۇقلاش، ئالەمگە رەھمەت نۇرلىرىنى چېچىپ، ئىنسانلارنى ئەخلاق-پەزىلەت رىشتىسى ئارقىلىق بىر–بىرىگە رەھمەت قىلىدىغان، ئومۇملۇقنى كۆزلەيدىغان، يۈرىكى گۈزەللىككە تەلپۈنگەن ھەقىقىي ئىنسانلىق سۈپەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

   دېمەك، ئەخلاق جەمئىيەت پۈتۈنلۈكىنىڭ ئۇل تېشى بولغاچقا ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزنى ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن. بەزىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋەتىلىشىدىكى مەقسەت بەش پەرزنى ئۆگىتىش تۇرسا، پەيغەمبىرىمىز: ”ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن تۇرسا، بۇلار نەدە قالدى؟ دېيىشى مۇمكىن. جاۋاب شۇكى، چىن مەنىسىگە تويۇنغان ھايات مۇۋازىنىتى ئۈچۈن ئەدەپ-ئەخلاق بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ. ئەدەپ–ئەخلاق شۇنداق قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگەكى، ئۇنىڭ بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ئىدارە قىلغىلى  بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغان جەمئىيەت ئۆز رولىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. ئىسلامنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەرەب جەمئىيىتىدە ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ شاھىدى بولالايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك پىرىنسىپى ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان، كامالەت-پەزىلەتتە ۋايىغا يەتكەن جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنى ئىككىلا دۇنيادا بەختكە ئېرىشتۈرۈشتۇر. ھالبۇكى شۇ بەخت–سائادەت ئەخلاق، رەھمەت مۇۋازىنىتىنى يادرو قىلىپ چۆرگىلەيدۇ. ئىسلامىيەتنى تەلىم ئەتكۈچى ئۇستاز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ”گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىشى“دىكى ھېكمەتمۇ شۇنىڭدا. ئەخلاق مانا شۇنىڭدەك قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ بارچە كۆرسەتمىلىرىدە ئەخلاق-پەزىلەت گەۋدىلىنىدۇ، ئەخلاق-پەزىلەتتىن مۇستەسنا بولغان ھېچقانداق ئەمەلنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئىسلامنىڭ نېگىزى بولغان شۇ ئىبادەتلەرنى قىلىشتىكى مەقسەتلەرنىڭ مۇھىمى ھەم ئەخلاقلىرىمىزنى ياخشىلاش، ئۆز روھىمىزنى پاكلاش ئۈچۈندۇر.

ئاللاھ تائالا دىنىمىزدىكى مۇھىم ئىبادەت جۈملىسىدىن بولغان نامازنى ئوقۇشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ رولىنى بايان قىلىپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”نامازنى مۇكەمممەل ئوقۇغىن، مۇكەممەل ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش ئەلۋەتتە ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ“{سۈرە«ئەنكە بۇت»(29-سۈرە)، 45-ئايەت}. ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتكە مۇنداق تەپسىر بەرگەن: ”ناماز قەبىھ ئىشلارنى ۋە شەك-شۈبھىنى تاشلاشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئوقۇش شۇ يامان ئىشلارنى تاشلاشقا ئېلىپ بارىدۇ“. بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ئەگەر بىراۋ نامازنى ئوقۇپ تۇرۇپ بىراۋنىڭ ھەققىنى يېسە، غەيۋەت قىلسا، باشقىلارغا ئازار بەرسە، تىنچ ياشاۋاتقانلارغا بۆلگۈنچىلىك سالسا، ھايا قىلمىسا، يالغان سۆزلىسە، چېقىمچىلىق قىلسا، بېخىللىق قىلسا، ھاراق-شاراپتىن ئۆزىنى تارتمىسا، ئۇ ئادەم ئوقۇغان نامىزىنىڭ مۇكاپاتى، مېۋىسىدىن قۇرۇق قالىدۇ. ئۇنىڭ نامىزى كۈنلۈك ئادەت، ئىختىيارىي پائالىيەت ياكى تەنتەربىيە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاللاھ كىملەرنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ھەدىس قۇددۇسىيدا: ”مەن نامىزى ئارقىلىق مېنىڭ بۈيۈكلۈكۈم ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلغان، مەخلۇقاتلارغا زۇلۇم قىلمىغان، گۇناھنى داۋاملاشتۇرمىغان، كۈن بويى مېنى ئەستىن چىقارمىغان، ئاجىز، مۇساپىر، تۇل ۋە مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارغا مېھىر–شەپقەت يەتكۈزگەن كىشىنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلىمەن“ دەيدۇ(بەززار رىۋايەت قىلغان). بىراۋ ئەخلاقىنى ئوڭشىمىسا، ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن ئىشلەشنى ئاۋارىچىلىق دەپ بىلسە، قەلبىدە مېھىر-شەپقەت بولمىسا، ئەمما بەش ۋاخ نامازنى ۋاقتى قارارىدا، تەئدىل ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلسا، كامىل مۇسۇلمان بولغان ھېسابلانمايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بۇنداق مۇسۇلماننىڭ قولىدىن ئانچە چوڭ ياخشىلىق كەلمەيدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىلغان تەشەببۇسلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئەگەر ئۇ زات نامازنى ئوقۇپ قويۇپلا باشقا ئىش بىلەن كارى يوق ئۆتكەن بولسا، بەلكىم ئىسلامىمىزنىڭ بۈگۈنى بولماس ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئادالىتى، چىقىشقاقلىقى، ئەپۇچانلىقى، تىرىشچانلىقى، زېرەكلىكى، سەۋرچانلىقى، بىلىم خۇمارلىقى قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ باشقىلارغا ئۈلگە بولغاچقا ئازغۇنلۇق پاتقاقلىرىغا پېتىپ قالغان ئەرەب يېرىم ئارىلىنى قىسقىغىنا 20 نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالىغان ئىدى. شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىنى تۇتقان، ئۇ زاتقا ئەگىشىمەن دېگەن ھەربىر مۇسۇلمان نامازنى ئوقۇپ قويۇپلا، ئۇنىڭ مېۋىسى بولغان ئەخلاق، مېھىر-شەپقەت بىلەن كارى يوق يۈرمەي، ئۆزى، ئائىلىسى، يۇرتى، ۋەتىنى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش رىيازىتىگە چىن دىلى بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىنى بەخش ئېتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغان ناماز ئۆز مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ.

زاكات ھەققىدە توختالغىنىمىزدىمۇ، ئۇنىڭ پۇل-مالدىن ئېلىنىدىغان باج ئەمەس ئىكەنلىكىنى، بەلكى ئەخلاق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا «تەۋبە» سۈرىسىنىڭ 103-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى(گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن“. ”پاكلاش“ سۆزى ھەربىر شەخس ۋە جامائەتكە ئومۇمىيدۇر. چۈنكى زاكات شەخسلەرنى گۇناھتىن، بېخىللىق، پەسكەشلىك، باغرى قاتتىقلىق، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ۋە تەمەخورلۇقتەك پاسكىنا خۇي–ئادەتتىن ۋە بىر-بىرىگە ھەسەت قىلىدىغان، دۈشمەنلىشىدىغان، يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى بولىدىغان ئىجتىمائىي رەزىللىكلەردىن پاكلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىش روھىنى ئۆستۈرىدۇ“[«ئىسلام دىنىنىڭ روھى»، 1985-يىل بېيرۇت(ئەرەبچە) نەشرى، 343-بەت].

”زاكات — بىر-بىرى بىلەن ياردەملىشىدىغان، بىرى-بىرىنى سۆيىدىغان، ئادالەتلىك، شەپقەتلىك بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى. چۈنكى، زاكات بايلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنىڭ ھالىنى ياخشىلاش بىلەن پېقىرلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى بايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىك تۇيغۇلىرىنى يېڭىپ، بايلار بىلەن پېقىرلار ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىقنى پەيدا قىلىش ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەختلىك ھايات كەچۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىدىغان بىر خىل ئىبادەتتۇر“(ئا. مۇنئىم: «ئىسلام ئېنسىكلېوپىدىيەسى»، 23-بەت). دېمەك، جەمئىيەتنى بەختكە ئېرىشتۈرگەن بۇنداق ياخشىلىق، سېخىيلىق، ئىتتىپاقلىق، ئاسايىشلىق ئىشلار ئەخلاق جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

دىنىمىزدىكى ئۇلۇغ پەرزلەرنىڭ يەنە بىرسى روزا بولسا، نوقۇل يەپ–ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى تارتىش ئارقىلىق ئۆزىنى قىيناش ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم تەربىيە، يەنى ئىنساننى يامان ئەخلاق، يامان ئىش، ئەسكى خۇيلاردىن ساقلاپ، ياخشى ئىشلار ۋە ئەخلاقلار بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىدىن ئىبارەت. بۇ ماۋزۇدا رەسۇلىمىز: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا كەلسە-كەلمەس سۆزلەرنى قىلمىسۇن، تالاش-تارتىش قىلمىسۇن، ئەگەر بىراۋ ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا مەن روزىدارمەن دېسۇن“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)، دەيدۇ. روزا تۇتقان ئادەم جەمئىيىتى، ۋەتىنى ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولىدۇ، سۆزلىسە راست سۆزلەيدۇ، ئىش قىلسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ، ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ، تىجارەتتە ئالدىم-يۇتتۇم قىلمايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىنى ساپلاپ، ئەخلاقىنى ياخشىلاپ، ئالىيجاناب روھقا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، يەنى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ ئەكسىنى قىلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: ”نۇرغۇن روزا تۇتىدىغان ئادەملەر باركى، ئۇلارنىڭ تۇتقان روزىسىدىن ئۇلارغا قالىدىغىنى پەقەت ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقدۇر“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)، خالاس. بۇ خىلدىكى روزىدار ئاللاھ رىزالىقىنى ئىستەپ روزا تۇتقان، بەزى چەكلىمىلەرنى تاشلىغان بولسىمۇ، ھەقىقىي تاشلىنىشى كېرەك بولغان نەرسىنىڭ ماھىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ بىكاردىن ئۆزىنى قىيناپ، ئاۋارە بولغاندىن ئۆزگە نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، روزىدىكى ئەسلى غايىمۇ ئىنساننى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۈكسەك غايىلىك ئىنسان قىلىش ئۈچۈندۇر.

ھەج پائالىيىتىمۇ ئېكسكۇرسىيە ياكى زىيارەت ئەمەس. بەلكى بەلگىلەنگەن ئاي، بەلگىلىك كۈن، بەلگىلىك ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە جەملەش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئىتتىپاقلىق، پاكىزلىق، تىرىشچانلىق، سېخىيلىق، كەڭ قورساقلىق روھىنى ئۇرغۇتۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ”ھەج ۋاقتى مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر(يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە دائىر سۆزلەرنى قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جېدەل-ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 197-ئايەت} دەيدۇ. ھەج ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى تازىلاپ، مىجەز، ئەخلاقىنى ھەرخىل ئىللەتلەردىن پاكلايدۇ، ئۇلارغا يېڭىدىن ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، يەنە كەلگەن جايلىرىغا ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە ئېيتىلغان مۇنۇ ھەدىستە ئاجايىپ تېرەن مەنە بالقىپ تۇرىدۇ: ”كىمكى ئاللاھ يولىدا ھەجگە بېرىپ، ھەج جەريانىدا چەكلەنگەن ئىشلارنى ۋە گۇناھلارنى قىلماي ھەجىنى تاماملاپ قايتسا، خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلىرىدىن تازىلىنىپ قايتىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ھالبۇكى ئىنسان بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا كەمچىللىك، گۇناھ بولۇشى مۇقەررەر، مەندە كەمچىللىك، گۇناھ يوق دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ. ھەجگە بارغان كىشى يۈرىكىنى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەكلىرى بىلەن جەم قىلىدۇ-دە، ئۇلۇغ ماقام ئاستىدا ئۆز كەمچىللىكلىرىنى تونۇيدۇ. بۇرۇن بىلىپ-بىلمەي قىلغان خاتالىقلىرىغا خاتىمە بېرىپ، روھىنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك مەسۇم ھالەتكە ئەكىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ئادەم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنىلا گۇناھ ئىشلارنى سادىر قىلسا، ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ھەجىسى پۇل-مېلىنى چېچىپ ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن ئۆزگە ھېچنېمىگە ھېساب بولمايدۇ. ”بارغان ھېساب ئەمەس ئالغان ھېساب“ دەپ قايسىبىر دانىشمەن ئېيتقاندەك، ھەجگە بارغان ھېساب ئەمەس، ئۇنىڭ قوبۇل بولغىنى ھېساب. ئۇنداقتا ئۇنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ مەسىلە مانا شۇ يەردە. بۇنىڭغا قارىتا بېرىلگەن مۇنۇ جاۋابنى ئىسلام ئۇلىمالىرى بىردەك قوللىغان: ”ھەجگە بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقىدا ئۆزگىرىش بولسا، بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەخلاقلىق، سېخىي، تەقۋا ئادەم بولسا ئۇ ئادەمنىڭ ھەجى قوبۇل بولغان بولىدۇ.

ئىنسانلار ئارىسىدا مۇنداق بىر ھەقىقەت ئۆز رولىنى ئەبەدىي جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ”ئىشلىگەن چىشلەر“. بۇنىڭ ئەكسى ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ، كىمكى ئىشلىمىسە، تىرىشمىسا، ئويلانمىسا ئۇنىڭ ئەھۋالىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ شۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئىشىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى، ئىرادىسى، پوزىتسىيەسى، نىيىتى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراۋ ئىشلىسە ئەمما چىشلىيەلمىسە بۇ ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ياكى پوزىتسىيەسى ناچار ۋە ياكى نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر شۇ ئىشنى توغرا، نەتىجىلىك قىلغىنىدا ئۇ چوقۇم چىشلەر ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبچىسى يەنىلا شۇ شەخس ئۆزىدۇر. ئىسلام پىرىنسىپى بىزگە شۇنى جاكارلايدۇكى، ئەمەل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىلا قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسىنى ئالالمايدۇ، ئەمىلى ئارقىلىق جەننەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ قىلغانلىرىنى توغرا، ئەستايىدىل، نەتىجىلىك قىلمىغان. ئۇ نوقۇللا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۇنىڭ ماھىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئوخشىماي قالغان، يەنى ئۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئىسلام پىرىنسىپىدىن مۇستەسنا دەپ قاراپ ئۆز نەپسى–خاھىشى، ھاۋايى-ھەۋىسى بىلەن ئىش قىلىپ، ئىبادەتلەرنىڭ سەمەرىسى بولغان ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمىگەن. بۇ ھەقتە رەسۇلىمىز مۇنداق دېگەن ئىدى: ”سىلەر نامراتنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟“ ساھابىلەر: ”بىز پۇل-مېلى يوق ئادەمنى نامرات دەپ قارايمىز“ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”نامرات دېگەن مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە شۇنداق بىر كىشىدۇركى، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ئوقۇغان نامازلىرى، تۇتقان روزىلىرى ۋە بەرگەن زاكاتلىرى بىلەن كېلىدۇ، لېكىن ئۇ دۇنيادىكى چاغدا بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان، بۇنىڭ مېلىنى يەۋالغان، ئۇنىڭ ناھەق قېنىنى تۆككەن، بۇنى ئۇرغان بولىدۇ-دە، بۇ كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى تۈگەپ كېتىپ ئۇنىڭ زىممىسىدە ئادا قىلىنمىغان باشقىلارنىڭ ھەققى يەنە قېپقالسا، ھەققى قېپقالغانلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىنىپ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئادەم دوزاخقا تاشلىنىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). شۇڭا، ئىبادەت قىلغان ھەربىر مۇسۇلمان شۇ قىلغان ئىبادىتىنىڭ ماھىيىتىگە چۆكۈپ كىرىپ، ئىبادەتتىكى مەقسەتنى توغرا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، ئۇنىڭدىكى غايە، مۇراد-مەقسەتنى چۈشىنىشكە، ئۆز ھاياتى بىلەن تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسە، ئىبادەتنى قىلسا، ئەمما ئەخلاقى قىلچە ياخشىلانمىسا، شەكسىزكى، ئۇ ئىبادەتنىڭ سەمەرىسىنى ئالالمىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەھۋالى باغ قىلىپ مېۋە ئالالمىغان ياكى يەر تېرىپ ھوسۇل ئالالمىغان دېھقاننىڭ ھالىغا ئوخشاش بولىدۇ. ”يەر دېھقاننى ئالدىمايدۇ، دېھقان يەرنى ئالدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەردىن ھوسۇل ئالالمايدۇ، نەتىجىدە دېھقان ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ“ دەپ ئېيتىلغاندەك، ئاللاھ مۇسۇلماننى ھەرگىزمۇ ئالدىمايدۇ، مۇسۇلمان بىلىپ-بىلمەي ئاللاھنى ئالدايدۇ. قىلغان ئەمەللىرىنى توغرا، ماھىيەتلىك قىلمايدۇ. ئىبادەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىبادەت قىلمىغانلاردىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ، ئىبادەتنىڭ سەمەرىسى بولغان ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئېيتىلغاندەك قىلغان ئەمەللىرىنى زايە كەلتۈرۈپ، ئىبادەتلىرى سەمەرىسىز قالىدۇ-دە، نەتىجىدە ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇ ئوخشىتىشتىن بىز شۇنداق يەكۈن ئالىمىزكى، دېھقان قانچە ئىشلىسە، قانچە چىقىم تارتسا شۇنچە ھوسۇل ئالغىنىدەك، مۇسۇلمان ئىبادەتلەرنى قانچە قىلغانسېرى ئەخلاقى قانچە تۈزەلسە، قانچە پەزىلەتلىك بولسا، رەھمەت نۇرلىرىنى ئەتراپىغا چاچراتسا شۇنچىلىك ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا، نەتىجىلىك ئىش قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغايكى، ئىبادەتنى قىلىپ تۇرۇپ ئەخلاقسىزلىق قىلىدىغان، قەۋم–قېرىنداشلىرىغا يۈك بولىدىغان ئەبگا بولۇشىمىزدىن ساقلىغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر