باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

مۇسۇلمانلارنىڭ تېپىۋالغان نەرسىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەدەپ-قائىدىلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-02   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

مال-مۈلۈك، پۇل-پۇچەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى شۇ نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ تېپىۋىلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋالدۇر. بىراق، تېپىۋالغان نەرسە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغاچقا، ئۇ ئامانەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمە دېگەن ياخشى! ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 58-ئايەت}. مانا بۇ ئۇلۇغ ئايەتكە ئاساسلانغاندا، تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا تىرىشىش باشقىلارنىڭ ھەققىدىن ئېھتىيات قىلىدىغان، راستچىل، ئىشەنچلىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر خىل ئالامەتتۇر. شۇڭا بىز تۆۋەندە مۇسۇلمانلارنىڭ تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش جەھەتتىكى ئەدەپ-قائىدىلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز:

1.مال-مۈلكى، پۇل-پۇچەكلىرى ۋە چارۋىلىرى يوقاپ كەتكەن ۋە ياكى ئۇنى تېپىۋالغان ئادەمنىڭ ئۇنى كوچا، بازار، كىشىلەر توپلاشقان ئومۇمىي سورۇنلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىشى تولىمۇ ياخشى ئىشتۇر. بىراق، مەسچىتتە ئېلان قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىرەر كىشىنىڭ مەسچىتتە ئېلىم-بېرىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار: ’ئاللاھ سوداڭنى پايدىلىق قىلمىسۇن‘ دەڭلار، بىرەر كىشىنىڭ يىتكەن نەرسىسىنى مەسچىتكە كېلىپ ئىزدەش بىلەن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار: ’ئاللاھ ئۇ نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن‘ دەڭلار“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). يەنە بۇرەيدە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ”بىر ئادەم مەسچىتتە يىتكەن تۆگىنىڭ دېرىكىنى ئېلىپ: ’قىزىل تۆگە تېپىۋالغانلار بارمۇ؟‘ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’تاپالمىغايسەن، مەسچىتلەر ھەقىقەتەن ئىبادەت قىلىش، زىكرى- تەسبىھ ئېيتىش، قۇرئان ئۆگىنىش ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان‘ دېدى“(مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

2.قىممەت باھالىق مال-مۈلۈك ياكى كۆپ پۇل ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەرسە-كېرەك تېپىۋالغان ئادەم ئۇنى جامائەت سورۇنلىرى ياكى گېزىت، رادىيو، تېلېۋېزورلاردا مەلۇم ۋاقىت ئېلان قىلدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى ئاشكارا قىلماي ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىگە قېتىۋالسا، ئۇ ئادەم توغرا يولدىن ئازغان ئىشەنچىسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە زەيد ئىبنى خالىد جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى باشقىلارنىڭ يىتتۈرۈۋەتكەن مېلىنى ئېلان قىلماي، ئۆزىنىڭ مېلىغا قېتىۋالسا، ئۇ ئازغۇندۇر“(مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). شۇڭا، تېپىۋالغان مالنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئۆز مېلىغا قېتىۋالغان ئادەم دوزاخنىڭ ئوتىدىن بىر پارچىنى قېتىۋالغان بولىدۇ. بۇ ھەقتە جارۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مۇسۇلماننىڭ يىتكەن نەرسىسى(ئۇنى ئېلان قىلماي خىيانەت قىلىپ ئېلىۋالغان ئادەم ئۈچۈن) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر“(دارىمى رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستىن تېپىۋالغان نەرسە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى خالىغانچە سۇيىئىستېمال قىلشنىڭ قەتئىي ھالال بولمايدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە ھەرقانچە قىممەت باھالىق مال-دۇنيا ئۇچرىغاندىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سالماي ئىگىسىنى ئىزدەپ تېپىپ تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل، راستچىل كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار راستىچىل بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشسە، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ. ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم راست سۆز قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا راستچىل دەپ پۈتۈلىدۇ. يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ. بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ پۈتۈلىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3.كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەرسە-كېرەك تېپىۋالغان ئادەم ئۇنى تولۇق بىر يىل ئېلان قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئىگىسى كېلىپ ئۇنىڭ ئوراش، قاچىلىنىش ئەھۋالى ۋە سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بەرسە، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئىگىسى كەلمىسە خالىسا ئۆزى ئىشلىتىشى ياكى خەير-ئېھسان قىلىشى سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە زەيد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ، تېپىۋالغان نەرسىنى(قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق) سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ئۇنىڭ قاچىلىنىش ۋە ئوراش ھالەتلىرىنى(كىشىلەرگە) بىر يىل ئېلان قىلغىن، ئەگەر ئۇنىڭ ئىگىسى كەلسە بەرگىن، بولمىسا ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىلغىن‘ دېدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنە ئىياز ئىبنى ھىمار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى چۈشۈپ قالغان نەرسىنى تېپىۋالسا ئادىل ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ ئوراش، قاچىلىنىش ھالەتلىرىنى ساقلىسۇن، ئاندىن يوشۇرماي ۋە يوقتىۋەتمەي(ئېلان قىلسۇن)، ئەگەر ئىگىسى كەلسە ئۇنىڭغا ئىگىسى ھەقلىقراق، بولمىسا ئۇ ئاللاھنىڭ مېلى، (ئاللاھ)ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ“(ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستىن قىممەت باھالىق نەرسە تېپىۋالغان ئادەم، ئۇنىڭغا ئادىل ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى، بۇنداق بولغاندا ھەر ئىككىلى تەرەپ يامان گۇماندىن خالىي بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئىگىسى كەلگۈچە بولغان مۇددەتكىچە، ئۇنىڭ ئوراش، قاچىلىنىش ھالەتلىرىنى بۇزماي ساقلاپ تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر تېپىۋالغان مالنىڭ بىر يىلغىچە ئىگىسى چىقمىسا، ئۇنى ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بولغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىش دۇرۇس، ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېپىۋالغان مالنىڭ ئىگىسى چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىگىسىنى رازى قىلىش كېرەك. بۇ ھەقتە زەيد ئىبنى خالىد جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېپىۋېلىنغان ئالتۇن ياكى كۈمۈش توغرۇلۇق سورالغاندا: ”ئۇنىڭ ئوراش ۋە قاچىلىنىش ھالەتلىرىنى(كىشىلەرگە) بىر يىل ئېلان قىلغىن، ئەگەر ئۇنىڭ ئىگىسى چىقمىسا، ئۇنى سېنىڭ قېشىڭدىكى ئامانەت قويۇلغان نەرسە ھېساۋىدا سەرپ قىلغىن. ئەگەر(ئۇنىڭ ئىگىسى) كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنى ئىزدەپ كەلسە، ئۇ  مالنى ئۇنىڭغا ئادا قىلىپ بەرگىن(يەنى ئۇنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ۋە ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنى قايتۇرۇپ بەرگىن)“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

4.كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىرەر ئارغامچا، ھاسا ياكى قىممىتى شۇنچىلىك نەرسە-كېرەك تېپىۋالغان ئادەم ئۇنى كىشىلەرگە ئۈچ كۈن ئېلان قىلىشى لازىم. ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئالتە كۈن ئېلان قىلىپ ئىگىسىنى تېپىپ قايتۇرۇپ بېرىشى، بولمىسا باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلىشى سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى چۈشۈپ قالغان ئارغامچا ياكى بىر دەرھەم پۇل ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش(قىممىتى) ئاز بولغان نەرسە تېپىۋالسا، ئۇنى ئۈچ كۈن ئېلان قىلسۇن، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە ئالتە كۈن ئېلان قىلسۇن، ئەگەر ئىگىسى كەلسە(بەرسۇن)، بولمىسا خەير-ئېھسان قىلسۇن“(ئىمام ئەھمەد، تەبەرانى ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىستىن بىرەر ئارغامچا ياكى ھاسا ۋە ياكى بىر دەرھەم پۇلغا ئوخشاش نەرسە-كېرەكنى چۈشۈرۈپ قويغان ئادەم، ئۇنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگەچكە، ئۇنى تېپىۋالغان ئادەم خالىسا خەير-ئېھسان قىلسا، خالىسا ئۇنىڭدىن ئۆزى پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە(ئۇقتۇرۇپ) ھاسا، قامچا، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى تېپىۋالغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). يۇقىرىقى ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغان بىر دەرھەم پۇل، ھاسا، قامچا ۋە ئارغامچا دېگەندەك نەرسە-كېرەكلەرنى چۈشۈرۈپ قويغان ياكى تېپىۋالغان ئادەم ئۈچۈن ئۇ نەرسە دۇنيالىقتا چوڭ زىيان ۋە ياكى چوڭ پايدا ئېلىپ كېلەلمىگەچكە، ئۇنى تېپىۋالغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى رۇخسەت قىلىنغان. يەنە شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىگىسى چىقىپ قالسا، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشى ياكى تۆلەپ بېرىشى سۈننەت. بۇ ھەقتە ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر دىنار پۇلنى تېپىۋالدى. ئاندىن ئۇ دىنار پۇل بىلەن(رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى بولغان ئايالى) فاتىمەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى(قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت) سورىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’بۇ ئاللاھ بەرگەن رىزىق‘ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھ خىراجەت قىلدى، ئەلى ۋە فاتىمەمۇ خىراجەت قىلدى. ئاشۇنىڭدىن كېيىن بىر ئايال(ھېلىقى) بىر دىنار پۇلنى سۈرۈشتە قىلىپ كەلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ئى ئەلى! بىر دىنار پۇلنى ئادا قىلىۋەت‘ دېدى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

5.مەككە مۇكەررەمەدە تېپىۋالغان نەرسىنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ. بىراق ئۇنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىدىن قورقسا ئالسا بولىدۇ. ئۇنى تېپىۋالغان ئادەم ئەگەر ھەرەمدە تۇرسىلا ئېلان قىلىشى لازىم، ئەگەر ھەرەمدىن چىقىپ كەتمەكچى بولسا ھوقۇقدارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇ مالغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئەبباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى بولغاندا، ئۆزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: ”مەككەدە چۈشۈپ قالغان نەرسىنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ، لېكىن ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئالسا بولىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس شەرىفتىن ھەرەمدە چۈشۈپ قالغان نەرسە-كېرەكلەرنى زايا بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئالسا بولىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئىگىسى چىقمىسا ئۆزى پايدىلىنىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. چۈنكى مەككە شەھىرى ئۇلۇغ جاي بولغاچقا ئۇ جايدا چۈشۈپ قالغان نەرسىلەر ئالاھىدە قوغدىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئابدۇرەھمان ئىبنى ئوسمان تەيمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىنىڭ چۈشۈپ قالغان نەرسىسىنى(ئېلىپ پايدىلىنىشتىن) توستى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەخسىيەتچىلىك، تەرەپبازلىق ۋە تەپرىقچىلىكتەك يامان ئىللەتلەردىن ساقلاپ، باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئىناق، ئىتتىپاق مۇھىت بەرپا قىلىدىغان مۇئمىنلەردىن قىلغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر