باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىنى قانداق تىڭشاش كېرەك؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-23   

«قۇرئان كەرىم» ئوقۇلغاندا جىم تۇرۇپ، دىققەت بىلەن ئاڭلاش ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار(يەنى سۆز قىلماڭلار) ﴾{سۈرە ”ئەئراف“(7-سۈرە)، 204-ئايەت}.

قۇرئان ئوقۇلغاندا شۈك ئولتۇرۇپ تىڭشاش كىشىنى چوڭقۇر تەپەككۇرغا سالىدۇ، روھىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا، جىنلار جىم تۇرۇپ تىڭشىغانىدى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا(بىر-بىرىگە): ”جىم تۇرۇڭلار“ دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى. ئۇلار ئېيتتى: ”ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق“. ”ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ“  ﴾ {سۈرە ”ئەھقاف“(46-سۈرە)، 29—31-ئايەتلەر}.

ئۇندىن باشقا، كىشى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلىغاندا، كىشىنىڭ ئىمانى ۋە ئىخلاسمەن-تەقۋادارلىقى كۈچىيىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا(كامىل) مۇئمىنلەردۇر ﴾{سۈرە ”ئەنفال“(8-سۈرە)، 2-ئايەت}. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغۇچىلارنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ: ﴿ ئۇلار)يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر)يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئـۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ)يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ). ئۇلار: ”ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى)يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى)تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى)يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى)قىلغىن“ دەيدۇ ﴾{سۈرە ”فۇرقان“(25-سۈرە)، 72—74-ئايەتلەر}. ئاللاھ تائالا ئىلگىرى ئۆتكەن ئەھلى كىتابلار(ساماۋى كىتاب بېرىلگەنلەر)نى تەسۋىرلەپ ئېيتىدۇركى: ﴿ قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە-دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ-بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق. ”قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار(مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار ئۇنىڭغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار ئۇنىڭغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)“ دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا(تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ. ئۇلار: ”پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ“ دەيدۇ. ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ(قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ ﴾{سۈرە ”بەنى ئىسرائىل“(17-سۈرە)، 106—109-ئايەتلەر}.

شۇڭا، قۇرئاننى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئوخشاشلا روھنى پاكلاش، يۈكسەلدۈرۈش، ھاياتنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر