باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مەشھۇر ھەدىس دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-04   

ئىبنى ھەجەر مەشھۇر ھەدىسكە مۇنداق تەبىر بەرگەن: ”ئۇ ئىككىدىن ئارتۇق سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستۇر“.

ئىككىدىن ئارتۇق سەنەد دېيىش ئارقىلىق مۇتەۋاتىر ھەدىس بولۇش ئېھتىماللىقى، شۇنداقلا غەرىيب ھەدىس بولۇش ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

بىراق سۇيۇتى ھەمدە بىر قىسىم مۇھەددىس ئالىملار مەشھۇر ھەدىسكە: ”مەشھۇر ھەدىس ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ رىۋايەت سەنەدى بولغان، لېكىن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىستۇر“ دەپ تەبىر بەرگەن.

مۇھەددىسلەر ۋە بىر قىسىم ئېتىقادشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ”مەشھۇر ھەدىس“ كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ”داڭلىق ھەدىس“ بىلەن مەنىداش بولۇپ، ھەدىس ئىلمى نۇقتىسىدىن ئايرىغاندا ”مەشھۇر ھەدىس“ دېگەندە سەنەددىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ سانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئەمما ”داڭلىق ھەدىس“ دېگەندە ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

يەنە بىر قىسىم فەقىھ ۋە ئېتىقادشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىچە، داڭلىق ھەدىس مەشھۇر ھەدىس ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇلار  سەنەدنىڭ ھەربىر قاتلىمىدا ئۈچ ياكى ئۈچتىن يۇقىرى رىۋايەتچى(رىۋايەتچلەرنىڭ سانى سەنەدنىڭ ھەربىر قاتلىمىدا بىردەك بولۇشى كېرەك) بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ ئوخشاش يالغاننى توقۇش ئېھتىماللىقى ئەقىلدىن ساقىت قىلىنغان ھەدىسنى ”داڭلىق ھەدىس“ دەپ ئاتىغان.

ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش داڭلىق ھەدىسنىڭ پەقەت مەشھۇر ھەدىس ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ھەدىس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى باب ۋە بۆلەك مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. يەنى مەشھۇر ھەدىسنى باب دېسەك، داڭلىق ھەدىس ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەكتۇر. شۇڭا، داڭلىق ھەدىسنىڭ ھەممىسى مەشھۇر ھەدىس، لېكىن مەشھۇر ھەدىسنىڭ ھەممىسى داڭلىق ھەدىس بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، مەشھۇر ھەدىس سەنەدىنىڭ ھەربىر قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ، ئەمما داڭلىق ھەدىسكە بۇنداق شەرت قويۇلمايدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، بەزىلەر داڭلىق ھەدىسكە مۇنداق تەبىر بەرگەن:  ”رىۋايەتچىلەرنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر ھەدىسنى ئىسلام ئۈممىتى قوبۇل قىلغان بولسىلا ئۇ مەشھۇر ھەدىس ھېسابلىنىدۇ“. بۇنداق تەبىر بېرىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى بۇنداق تەبىردە رىۋايەتچىلەرنىڭ سانىغا ئېنىق ئۆلچەم قويۇلمىغان، ئۇ پەقەتلا مۇتەۋاتىر ھەدىسنىڭ باشقا شەكىلدىكى چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر.

شۇڭا، ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇسى بولغان مەشھۇر ھەدىسنىڭ رىۋايەتچى سانىغا ئېنىق بەلگىلىمە قويۇلغان. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ: بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى ئابدۇللا ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ  كىشىلەردىن ئىلىمنى ئالىملارنى قەبزى روھ قىلىش ئارقىلىق تارتىۋالىدۇ. ھەتتاكى ھەقىقىي ئالىم قالمىغاندا كىشىلەر بىلىمسىزلەرنى باشلامچى قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىلمەستىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۆزىمۇ ئازىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ“.

بۇ ھەدىسنى ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر، ئائىشە ۋە زەيياد ئىبنى لەبىد قاتارلىق ئۈچ ساھابە رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى ئابدۇللا ئىبنى ئەمىرنىڭ رىۋايىتىنى رىۋايەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ”ئائىشە ۋە زەيياد ئىبنى لەبىدمۇ مەزكۇر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان“ دېگەن.

لېكىن، كىشىلەر رېئال تۇرمۇشتا لۇغەت مەنىسىگە قاراپلا مەشھۇر ھەدىسنى داڭلىق ھەدىس دەپ چۈشەنسە، مەشھۇر ھەدىسمۇ كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ داڭلىق ھەدىسكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، داڭلىق ھەدىسنىڭ بىرلا ياكى كۆپ سەنەدى بولۇشى، ھەتتا سەنەدى ۋە ئاساسى بولماسلىقى مۇمكىن، يەنى مۇتەۋاتىر، ھەسەن، زەئىپ، ھەتتا توقۇلما يالغان ھەدىس ۋە تاشلىۋېتىلگەن ھەدىس بولۇشىمۇ مۇمكىن.

داڭلىق ھەدىسلەر تارقالغان ساھەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بىر قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ:

1) مۇھەددىسلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان داڭلىق ھەدىسلەر. مىسالەن: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھ بىر ئاي نامازدا رۇكۇ قىلىپ قوپقاندىن كېيىن قونۇت ئوقۇپ رەئل ۋە زەكۋان قەبىلىسىنى قارغاپ دۇئا قىلدى“.

2) مۇھەددىسلەر، ئالىملار ۋە ئاۋام ئارىسىدا داڭلىق بولغان ھەدىسلەر. مىسالەن: ”مۇسۇلمان دېگەن تىلى ۋە قولى بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمىگەن كىشىدۇر“.

3) فەقىھ ئالىملار ئارىسىدا داڭلىق بولغان ھەدىسلەر. مىسالەن: ”ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغان ھالال ئىش تالاقتۇر“.

4) ئېتىقادشۇناس ئالىملارنىڭ ئارىسىدا داڭلىق بولغان ھەدىسلەر. مىسالەن: ”ئۈممىتىمدىن ئۇلار خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلىرى كۆتۈرۈۋېتىلدى“.

5) گىرامماتىكاشۇناسلار ئارىسىدا داڭلىق بولغان ھەدىسلەر. مىسالەن: ”مەن سۆزلىگەن ئەرەبچە ئەڭ ئۆلچەملىك، چۈنكى مەن قۇرەيشتىن“. ئىبنى كەسىر ۋە باشقا ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ ئىپادىلىگەن مەزمۇنى توغرا، لېكىن بۇ سەنەدى يوق ھەدىس دېگەن.

6) ئاۋام خەلق ئارىسىدا داڭلىق بولغان ھەدىسلەر. مىسالەن: ”ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن“، ”ئۈممىتىمنىڭ ئالىملىرى بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئوخشايدۇ“. زەرەكشى، ئىبنى ھەجەر ۋە سۇيۇتى قاتارلىق مۇھەددىس ئالىملار مۇنداق دېگەن: ”كېيىنكىسى ئاساسى بولمىغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ ئۈممەت قوبۇل قىلغان بىرمۇ ھەدىس كىتابىغا كىرگۈزۈلمىگەن ھەدىستۇر“.

داڭلىق ھەدىسكە بېرىلگەن تەبىر ۋە ئۇنىڭ خىلمۇخىل تۈرلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داڭلىق ھەدىس سەھىھ ھەدىس بولۇشىمۇ، ھەسەن ھەدىس بولۇشىمۇ ۋە زەئىپ ھەدىس بولۇشىمۇ ھەتتا يالغان ئويدۇرۇپ چىقىلغان ھەدىس بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇنداقلا سەنەدى يوق ياكى كۆپ سەنەدلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. يۇقىرىقى تۈردىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. شۇڭا، داڭلىق ھەدىسنىڭ بەزىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، بەزىلىرىنى  بولمايدۇ. داڭلىق ھەدىسنى دەلىل قىلىش-قىلماسلىق ئۇنىڭ ھەدىس قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە ھازىرلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مۇھەددىس ئالىملار مەشھۇر ھەدىسكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، مەخسۇس مەشھۇر ھەدىسلەرنى توپلاپ كىتاب قىلغان ھەمدە ھەربىر ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى بايان قىلغان. بۇ كىتابلاردىن ئاساسلىق تۆۋەندىكىلىرى بار:

1) زەرەكشى (ھىجرىيە 794-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «مەشھۇر ھەدىسلەر توپلىمى»؛

2) ساخاۋى (ھىجرىيە 902-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «مەشھۇر ھەدىسلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى»؛

3) سۇيۇتى (ھىجرىيە 911-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «مەشھۇر ھەدىسلەر جەملەنمىسى»؛

4) ئىبنى شەيبە (ھىجرىيە 944-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «مەشھۇر ھەدىسنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىش»؛

5) ئەجلۇنى (ھىجرىيە 1162-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «ئاۋام ئارىسىدىكى ھەدىسلەردىن ياخشىسىنى تاللاش» قاتارلىقلار.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر