باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

ئىسراپخورلۇق ئەخلاقنىڭ دۈشمىنى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-23   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«ھىجر»(89-سۈرە)، 14-ئايەت}.

ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەم كامىل مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئەخلاقسىز ئادەم تېتىقسىز مېۋىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى كىشىلەر قاڭسىق تۇيۇلغاندەك، ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن كىشىلەر سەسكىنىپ قاچىدۇ. ئەخلاقلىق ئادەم شېرىن مېۋىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ شېرىن لەززىتىدىن كىشىلەر لەززەتلەنگەندەك، ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. بىزدە ”ھايالىق كىشى باھالىق كىشى، ھايا بار يەردە ۋاپا بار“ دېگەن گەپ بار. ھايالىق ئادەم يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، گۈزەل ئىشلارنى قىلىدۇ.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”گۈزەل ئەخلاقلىق كىشى گۈزەل ئەخلاقى سەۋەبىدىن نەپلە ناماز ۋە نەپلە روزا ۋە كېچىلەردە ئىبادەت قىلغۇچىلار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلەيدۇ“ دېگەن.

ئىبادەت قىلغۇچى ئىبادەتنى ئۆزى ئۈچۈن قىلىدۇ، ھالبۇكى ئىبادەت شۇ كىشىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن مەھكەم باغلىنىشى كېرەك. تەقۋا ھەم گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىنىڭ ئەخلاقىدىن باشقىلار ئۈلگە ئېلىپ، ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئاتلانسا بۇ كىشى تېخىمۇ زور ساۋاب، شاراپەت، ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ.

بىز ھازىر 21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. بۇ دەۋر ئىقتىساد دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى. زامان ھەر قانچە تەرەققىي قىلىپ كەتسىمۇ ئېتىقاد ۋە ئەخلاق يەنىلا ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك ھاياتلىق مىزانى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا ئەقىدە-ئەخلاق ۋە يۇقىرى ساپا بۇ دەۋرنىڭ ھەر ئىنسانغا قويىدىغان ئەقەللىي تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە تەپەككۇر قىلىدىغان مېڭە ۋە ھەر خىل مۇكەممەل ئىقتىدارغا ئىگە ئەزالارنى ئاتا قىلدى، بۇلارغا شۈكرى قىلىش، پىكىر قىلىش، ياراتقۇچىنى زىكرى قىلىش، ئادەملىك قىممىتىمىزنى تونۇپ، ئېتىقادىمىزنى تىكلەپ، ئەخلاقىمىزنى تۈزەپ، ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئىشلارغا ئالدىراپ، يامانلىقلاردىن قول ئۈزۈشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“{سۈرە«زەلزەلە»(99-سۈرە)، 78-ئايەت}.

جەمئىيەت تەرەققىياتى، ماددىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى زەئىپلىشىپ، ماددىي چۈشكۈنلۈككە، ئابرۇيپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە قاراپ يۈزلىنىپ ئىسراپخورلۇق قىلماقتا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ“{سۈرە«فۇرقان»(25-سۈرە)، 67-ئايەت}.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

 ھازىر جەمئىيەتتە تويلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يىگىتلەر پەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلالمايۋاتىدۇ. خېلى ئوقۇمۇشلۇق ئاتا-ئانىلار تويلۇقنى ئاز كۆرگەنلىكتىن قىزلار ئولتۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. تويلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان ماشىنىنىڭ ماركىسنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ماشىنا سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، توينىڭ يۈز ئاچقۇ كۈنى ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپتىن بىر قوي ئەكىلىشىنى تەمە قىلىش، قۇدا-باجىلار بىر-بىرىگە ئۇششۇقلۇق قىلىش، بىر-بىرىنى كەمسىتىش...قاتارلىق ئىللەتلەر كىشىنى ئېچىندۈرمەي قالمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”شۈبھىسىزكى، نىكاھنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىكى چىقىمىنىڭ ئەڭ ئاز بولغىنىدۇر“. قۇدا بولغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ناچار ھاۋاسىغا بېقىپ ئۆزئارا بەسلىشىش، ئابرۇيپەرەسلىك قىلىش، تەمەگەرلىك ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلمىغىچە پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىنى ھەقىقىي يارىتىپ بېرەلمەيدۇ ۋە تۈگىمەس باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. تەمە قىلىش شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ئىنساننىڭ كۆڭلى تارىيىپ، ئەخلاقى زەئىپلەشكەندە تەمە خۇرجۇنىنى ئارتىپ ساپايى چېلىشقا باشلايدۇ. بۇنداقلار ئاچكۆزلۈكلىرىگە چەك قويۇشى، تەمەگەرلىكتىن يىراق تۇرۇشى، ئەخلاقسىزلىق تىغى بىلەن تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىماسلىقى كېرەك. بىزدە ”تۇغقاننىڭ سېپى ئالتۇن“ دېگەن گەپ بار.

يەنە شۇنداق بىر ئەھۋالمۇ باركى، بەزى ۋىجدانسىز ئەرلەر ئايالىنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى چاغدا خىزمىتىگە سالىدۇ، ئايالى كېسەل بولۇپ قالسا ئايالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ داۋالىتىشىنى كۈتىدۇ. يېڭى بوۋاق كۆز ئاچقاندا ئوغۇل تەرەپتىن ئۈچ ئادەم كېلىپ ئىسىم قويىدىغان ئادىتىمىز ھازىر چاكىنىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئوغۇل تەرەپ ئىسىم قويغىلى نۇرغۇن كىشىلەرنى باشلاپ كېلىپ، قىز تەرەپنى مول داستىخان راستلاشقا سېلىپ، يەپ-ئىچىپ ئىسراپ قىلىپ، بۇنى ئاز دەپ قىز تەرەپنى ماددىي جەھەتتىن چىقىمدار قىلماقتا.

ھازىر يەنە ئۆي بېزەكچىلىكىدىمۇ سۆلەتۋازلىق، مودا قوغلىشىش ئېغىر، بەزى شەھەردىكىلەر 100مىڭ يۈەنلەپ، يېزىدىكىلەرمۇ 40، 50 مىڭ يۈەنلەپ خەجلەپ، ھەتتا قەرز ئېلىپ ئۆي بېزەپ ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي بېسىم يۈكلىمەكتە، بۇ بېسىم تۈپەيلىدىن چىرايلىق ئۆيلىرى ئۆزلىرىگە ھۇزۇر بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۆزلىرىگە سەت كۆرۈنمەكتە. نەچچە يىللاردىن كېيىن، قەرزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئۆيلىرى كونىراپ، پاسونى مودىدىن قېلىپ، بېزەكلىرى تۈگىمەس كۆڭۈل يارىسىغا ئايلانماقتا. ئۆي بېزەكچىلىكى زامانىۋى تۇرمۇش ئېقىمىنىڭ تەلىپى، شۇنداقتىمۇ ھەر ئىشنىڭ مۇۋاپىق، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىلىنغىنى ياخشى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى يۈكسىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن بولسا ئابرۇي تالاشماي، كەمبەغەل ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، قولۇم-قوشنىلىرىغا يار-يۆلەكتە بولغان بولسا، ھەسسىلەپ ساۋاب ھەمدە كىشىلەردىن ھۆرمەت تاپقان بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”تۇغقانغا، مىسكىنگە، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرغا(خەير-ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن ۋە پۇل-مېلىڭنى بۇزۇپ-چاچمىغىن. بۇزۇپ-چاچقۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى“{سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 26-، 27-ئايەت}؛ ”سەن قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن(يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىۋەتمىگىن، ئۇنداق قىلساڭ، (يەنى بېخىللىق قىلساڭ ياكى بۇزۇپ-چاچساڭ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن“{سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 29-ئايەت}.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئىسراپ قىلىش ھارام، پىلانلىق بولۇش ھاياتلىقنىڭ يېرىمىدۇر“ دېگەن.

ئۇزاق تارىختىن بېرى ئەمگەكچان خەلقىمىز ئىسلام نۇرى ئاستىدا ئېسىل خىسلەت، ئۆرپ-ئادەت، يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان بولۇپ، مېھماندوستلۇقتا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەشھۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن“ دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).  ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ’ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى نېمە؟‘ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ’كىشىلەرگە ئاش، نان بېرىش، تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان ئادەملەرگىمۇ سالام قىلىش‘ دەپ جاۋاب بەردى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇشىمىز كېرەككى، ئىجتىمائىي ئەخلاق بۇزۇلۇپ، بەزى بايلار مېھماندارچىلىقنى ئىسراپچىلىق بىلەن بۇلغىماقتا. ”ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس“ دېگەندەك، بەزىلەر ھالىغا باقماي ئۇلارنى دوراپ، ئىسراپخورلۇق جامىدا مەي ئىچىپ، ئاخىر پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق، زىيان ئازابىدا پۇچۇلىنىپ يۈرمەكتە.

ئائىلىلەردە تاماق ئەتكەندىمۇ خۇرۇچلارنى تەڭشەپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش لازىم. بىر تال داننىڭ قانچىلىك زور ئەمگەك بىلەن تەييار بولىدىغانلىقىنى، تومۇزدا تونۇردەك لاۋۇلداپ تۇرىدىغان پىژغىرىم ئاپتاپتا ئاچ-توق يۈرۈپ ئىشلەيدىغان مېھنەتكەش دېھقاننىڭ شۇ دانلارنى توپا-ساماندىن ئايرىپ ئادالاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارماي، ئاشلىقنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز لازىم. ئىسراپچىلىق ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى زايە قىلغانلىق. ئاش-ناننى خارلاش بىزدە ئېغىر گۇناھ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدا ”ئاش-ناننى خارلىساڭ ئۇنىڭ خارلىقىغا قالىسەن“ دېگەن ھېكمەتلىك گەپ بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 31-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىسراپ قىلماستىن ۋە چوڭچىلىق قىلماستىن يەڭلار، ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تائالا پۇل-ئىقتىساد بەرسە ئۇنى ئىسراپ قىلماستىن يوقسۇل، يېتىم-يېسىرلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشقا، مەسچىت، كۆۋرۈك سېلىشقا، ئاممىۋى ھاجەتخانا، مۇستەھەبخانا، مۇنچا سېلىشقا، يەر ئاستى ئەۋرەز يوللىرىنى ئوڭشاشقا، يول ياساپ قويۇشقا، ئېرىق-ئۆستەڭ سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇشقا، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ تىكىپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، مەكتەپلەرنىڭ، دوختۇرخانىلارنىڭ، ساناتورىيەلەرنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشكە، كەمبەغەللەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياردەم قىلىشقا، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىئانە بېرىشكە، كېسەللەرنى يوقلاشقا، كەمبەغەللەرنىڭ ئاخىرەتلىك بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ بېرىشكە، مەسچىتكە گىلەم، جايناماز سېلىپ قويۇشقا، قىش كۈنلىرى موھتاجلارغا ئوتۇن-كۆمۈر ئېلىپ بېرىشكە... قىسقىسى، ھاجەتمەن ئورۇن ۋە ئادەملەرگە نېمە ئەڭ كېرەكلىك بولسا شۇنى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ھازىرلاپ بېرىشكە سەرپ قىلىشى كېرەك. ساۋابلىق ئىشلارغا  بېخىللىق قىلىشتىن ھەرگىز پايدا يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 180-ئايەت}؛ ”كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگىدۇر“{سۈرە«جاسىيە»(45-سۈرە)، 15-ئايەت}؛ ”ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن نېمەتلەر توغرۇلۇق بۇ كۈندە سوراققا تارتىلىسىلەر“{سۈرە«تەكاسۇر»(102-سۈرە)، 8-ئايەت}؛ ”سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 197-ئايەت}.

خۇلاسە كالام، بىز مۇسۇلمانلار ئىسلامىيەتنىڭ شۆھرىتىنى خۇنۈكلەشتۈرمەي، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكلىشىگە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. دۇنيانىڭ مىسلىسىز تەرەققىي قىلىشى تۈرتكىسىدە زامانىۋى تۇرمۇش ئېقىمى ئىنسانىيەتكە كەڭ قۇچاق ئاچماقتا. زامانىۋى تۇرمۇش قاينىمىدا ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەخلاقىنى قوغداشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى ھەمدە تىرىكچىلىك ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشىشى لازىم. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە ماددىي ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى لازىم.

)ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر