باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

ياخشى سۆز-ھەرىكەتلىك مۇسۇلمان ھەققىدە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-08   
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشىلەر ئۆز ئەۋلادلىرىنى ھايالىق، ئەدەپلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنى بۇ ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ بايلىقىم دەپ قارىغاچقا بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا بۇنداق تەلەپچان، كۆيۈمچان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئەقلى-ھوشىنى تاپقاندىن بېرى ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان سۆزلىرى ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار بولۇشى مۇمكىن. ئەخلاق ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى، تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى پاكلىق ۋە ناپاكلىق، رەزىللىك ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدىن بېشارەت بېرىپ ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىگۈچى ئەينەكتۇر. ئەخلاقنىڭ ياخشى، يامانلىق خاراكتېرى ھەربىر ئىنساننىڭ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ھەربىر ئىنسان كوللېكتىپ ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۆزدىن باشلىنىدۇ. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر جۈملە سۆز شۇ كىشىنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، گېزى كەلگەندە شۇ سۆز ئادەمنىڭ ئار-نومۇسىغا، ئىززەت-ھۆرمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى ئورتاق پىسخىكا شۇكى، چىرايلىق، ياخشى سۆزلەرگە خۇشتار كېلىدۇ. ياخشى سۆز ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئويغىتىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ. ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلاردا بىر ئېغىز سۆزنىڭ ياخشى-يامانلىقى شۇ كىشىنىڭ ھايات-ماماتلىق تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بەخت-سائادەت، مېھىر-مۇھەببەتتىكى رىزقىغا تەسىر قىلىدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلى شۇنداق نازۇككى بىر ئېغىز چىرايلىق سۆزدىن شادلىنىپ، بىر ئېغىز يامان گەپتىن لەت يەيدۇ. بىزنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز ياخشى سۆزلۈك بولۇشنى ياخشى مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن“{سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 28-ئايەت}؛ ”ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 5-ئايەت}.
بىر ئادەم ئۆز ئۆمرىدە خاتا سۆزلىمەي، خاتا ئىش قىلماي ياشىيالىشى ناتايىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، يامان ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى دەرھاللا ھېس قېلىپ يېتەلىسىغۇ تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ يامان سۆز قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىۋاتقانلىقىنى، يامان ئىش قىلىپ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى دەرھاللا ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ كۆپچىلىك ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا قويۇپ قويغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كېتىشىدۇ. باشقىلارنىڭ رىزقىغا چاڭ سېلىپ نەپسىنى قاندۇرۇۋېلىشقانلىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. شۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا، يول كۆرسىتىشىگە، چىرايلىق سۆز بىلەن نەسىھەت قىلىشىغا موھتاج. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 104-ئايەت}.
بۇ ئايەتتىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، جەمئىيىتىمىزدە ياخشى ياماننى تونۇتقۇچى، قەلبلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغۇچى سۆز پېشىۋالىرىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. يۇرت بېشى ئاۋامغا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە، تىجارەتچىلەر خېرىدارلارغا ياخشى سۆز بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، سەۋەنلىكلىرىنى تاتلىق سۆزلەر بىلەن تونۇتۇشى كېرەك. ياخشى سۆز قانداقتۇر ئېغىزىنىڭ يېلى ئەمەس، بەلكى مېھرىبانلىقنىڭ، كۆيۈمچانلىقنىڭ، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئىزھار قىلىنىشىدۇر. كىشى باشقىلارغا ياخشى سۆز ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، دىيانەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساس سېلىپلا قالماستىن ئۆزىنىڭ پەزىلىتىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ياخشى سۆز قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەدىقە“. جايىدا ئېيتىلغان ياخشى سۆز ئالتۇن-يامبۇ ئاتا قىلالمايدىغان خۇشاللىقلار ئارقىلىق قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ. شۇڭا ئارىمىزدىكى ئالىملار، ئۇلىمالار، يازغۇچى شائىرلار، تەتقىقاتچىلار قەلب شىپاگەرلىرىدۇر. خەلقىمىز ئەزەلدىن گەپ سۆزلىرى ھاياسىز، چىركىنلىككە تولغان ئازاب ئاتا قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلارغا رەددىيە بېرىپ، ياخشى سۆزلۈك ئىنسان بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كەلگەن. ياخشى سۆز بەرق ئۇرىدىغان جايدا قىز-يىگىتلەر ھايالىق، ئار-نومۇسلۇق، غۇرۇرلۇق بولىدۇ، ماڭغان يولى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشاشنى قەلبلەرگە سىڭدۈرىدۇ. ئىززەت ھۆرمەتنى كۈچەيتىدۇ. قىسقىسى، ياخشى سۆزلۈك ئىنسان نومۇس بىلەن ياشاشنى بىلىدۇ. ياخشى ھەرىكەتلەرگە دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، پاكلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ. ياخشى سۆز بىر كىشىنى ئادىمىيلىك بوسۇغىسىغا باشلاپ كىرسە، ياخشى ھەرىكەت ئادىمىيلىكنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ.
ئىنسان ئەخلاقىنىڭ يادروسى ئىش-ھەرىكەتتۇر. ئىنسان كىشىلىك مۇناسىۋەت، جاھاندارچىلىق يولىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىش-ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرلەرنى بېرىدۇ. ياخشى ھەرىكەتكە ئىگە ئادەم ھارام يېيىشنى نومۇس بىلىدۇ. باشقىلارنى قايغۇغا، مەغلۇبىيەتكە، دىشۋارچىلىققا ئۇچرىتىدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولىدۇ، ئىشنى ھالاللىق، پاكلىق، ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلغاچقا كۆزلىگەن نىشانغا ئوڭۇشلۇق يېتەلەيدۇ. شەخسىيەتچىلىكى ئاجىز بولغاچقا شەخسىي ئىشلاردىمۇ ئومۇمنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. ئادەم شەخسىي ئىشىنى قانۇنغا، سىياسەتكە، ئەخلاققا ئۇيغۇن ئېلىپ بارسا ئىجابىي خاراكتېرنى ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمدە: ”ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ“{سۈرە«نەجم»(53-سۈرە)، 39-ئايەت}، دېيىلگىنىدەك ياخشى ئىش قىلسا ھامان ئەجرىنى كۆرىدۇ. يامان ئىش قىلسا زۇلۇمىنى كۆرىدۇ. بىر كىشى ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزمەي قانۇن، ئەخلاقتىن چەتنىمەي ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپلا يۈرسە، ياخشى ھەرىكەتلىك ئادەم بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ئىشنىڭ ياخشىلىقى ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر پەيدا قىلىشىدا، قانداق مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىكىدە ئىپادىلىندۇ. ئىنسان كوللېكتىپ ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ھامان باشقىلارنىڭ نازارەت قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ياخشى-يامان ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بەزىدە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىمەن دەپ يامان بولۇپ قالىدىغان، ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىش قىلىمەن دەپ كوللېكتىپقا ياخشىلىق قىلىدىغان پۇرسەتلەر بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارغا قىلغان زەررىچە ياخشىلىقنىڭ خاسىيىتى شۇنچىلىككى، ئىنساننىڭ شۇ ياخشىلىقى باشقىلار بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ، ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ، يولىنى راۋان قىلىدۇ. كىمكى باشقىلارغا ياخشى ئىش قىلىپ قايىللىققا ئېرىشسە، ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، مېھرىبانلىقى ئاشىدۇ. ئىش-ھەرىكەتنى تېخىمۇ گۈزەللىككە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ. گۈزەللىككە ئىگە بولغان ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەزىلەتلىك ئىنسانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. باغرى ئىللىق دۇنيانى بەرپا قىلىدۇ. جەمئىيەتتە سەلبىي ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئادەملەر بۇرۇنمۇ كۆرۈلگەن، ھازىرمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەرنى ياخشى يولغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىدۇر. يامان ھەرىكەتلىك ئادەملەرگە سۆز ئارقىلىق تەربىيە بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش كېرەك.
قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق(يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ“{سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 34-ئايەت}.
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى چىركىنلىكنى، ھەرىكىتىدىكى چاكىنىلىقنى تازىلىغىلى، ياخشىلىققا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.
”خەلق ئادىل باھالىغۇچى“ دەيدۇ ئاقىللار. بىر ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆزىدىن بەكرەك باشقىلار ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ، يول كۆرسىتىپ كېلىدۇ. ھازىرمۇ جەمئىيىتىمىزدە ياخشى سۆز، ياخشى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولۇۋاتقانلار بار. ئەمما ياخشى ھەرىكەتلەرگە قارىغاندا ھەرىكىتى ئاز، ياخشى سۆزى كۆپلەر بىر قەدەر كۆپ. شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى، باشقىلارغا ئىنتايىن ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. نىكاھ، تۇرمۇش، تىرىكچىلىك، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئادەمگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس ئۆتۈپ كېتىدۇ. دەبدەبىلىك، كىشىگە ياغدەك ياقىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان تەدبىركار كىشىنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاقىل، ئۇلۇغ كىشىلەر بولۇپ كېتىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېغىزىدا ياخشى سۆز بولغىنى بىلەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى، ئۆزىنىڭ دېگىنىگە ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغانلارمۇ بولىدۇ. سۆزى باشقا، ھەرىكىتى باشقىدەك ئىش قىلىدۇ. سۆزمەن، باشقىلارنى ئاغزىغا قارىتىپ ھەيران قالدۇرالايدىغان، گەپ ئىنقىلابى قىلىدىغانلارنىڭ ئالدىدا ئالقىشلار ياڭراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ كەينىدىن غەيۋەت كۆپىيىدۇ. ئۆزى ئەمەل قىلمىغان گەپنى باشقىلارغا دېسە قانچىلىك ئۈنۈمى بولماقچى؟ بۇ ياخشى سۆزنىڭ ھېچقانداق رولى يوق دېگەنلىك ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن، مۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا سۆزى ئارقىلىق توسسۇن، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا دىلىدا نارازى بولسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، يامان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئىپادىسى ياخشى ھەرىكەت. چۈنكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۈن-تۈنسىز بولىدۇ، لېكىن جانلىق بولىدۇ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇنداق ھەرىكەتكە كېلىش ئۈچۈن شۇ ھەرىكەتنىڭ يامانلىقىنى سېزەلەيدىغان قەلب بولۇش كېرەك. قەلب كاللىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. تەپەككۇر يولى ئېچىلغاندا قانداق سۆزلەشنى بىلىدۇ، سۆزلەش جەريانىدا ھەرىكەت يېتىلىدۇ. سۆز بىلەن ھەرىكەت ئەزەلدىن قوشماق مېغىزلاردىندۇر. ئۇلار بىر-بىرىنى چەكلەيدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئۇلار ئايرىلىدىكەن، قىممىتى، ئۈنۈمى بولمايدۇ. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى ئەپەندى قاتارلىقلار خەلقنى ئويغىنىشقا، ئىلىم-پەن ئارقىلىق نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىق قىلغان، شېئىرلارنى يازغان ھەم ئۆزلىرى مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىغا قاتناشقان. ئۇلار يازغان شېئىرلاردىن بەكرەك يالقۇنلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر سۆزنى ئاز قىلىدۇ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپ قىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى ياخشى سۆز قىلىشنى بىلمەيدىغان گاچا دېيىشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يالغۇز سۆز ئارقىلىق قىلغان تەربىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئىش-ھەرىكەتكە قارىغاندا ئاز بولىدۇ.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار، بىزگە ياخشى سۆزلۈك كىشىلەرمۇ، ياخشى ھەرىكەتلىك كىشىلەرمۇ كېرەك. ئۆزى ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىقالمايدىغان، ئېغىزىدا گېپى بارلارغا قارىغاندا، سۆزى ئاز بولسىمۇ ياخشى ھەرىكىتى كۆپ كىشىلەر كېرەك. ”دىلى بىلەن تىلى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش“نى ھەممىمىز تەشەببۇس قىلىمىز. ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تاختىبېشىغا ئېلىپ قويىدىغان سۆزمەنلەردىن بولۇۋالماي، سۆزى ۋە ھەرىكىتى بىردەك بولغان، ئۈلگىلىك شەخس، ئىمانلىق ئادەم، ھۆرمەتكە سازاۋەر يولباشچى بولۇشىمىز زۆرۈر.
ياخشى سۆزلۈك، ياخشى ھەرىكەتلىك مۇسۇلمان بولۇش ھەممىمىزگە ئىككى ئالەملىك بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. پەزىلەتلىك بولۇپ، پاكلىقنى ھەمراھ قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكۈدەك ھەرىكەت بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرايلى، بىز شۇندىلا ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭغان بولىمىز.
)ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر