ھەدىس رىۋايەت قىلىنىش يولىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قاراپ مۇتەۋاتىر ھەدىس ۋە ئاھاد ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مۇتەۋاتىر ھەدىس بىر تۈركۈم كىشىلەر بىر تۈركۈم كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان، ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى يوق بولغان، سەنەددىكى مەلۇم بىر رىۋايەتچىنىڭ يالغان ئېيتىشى سەۋەبلىك بارلىق رىۋايەتچىلەرنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىيالماسلىق ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشى ماھال بولغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.
مۇتەۋاتىر ھەدىس ھەققىدە بىز يۇقىرىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتۇق، ئەمدى ئاھاد ھەدىس ھەققىدە توختىلىمىز.
ئاھاد ھەدىس مۇتەۋاتىر بولمىغان ھەدىسلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ رىۋايەت قىلىنىش يوللىرىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
1) غەرىيب ھەدىس
پەقەت بىر رىۋايەتچىلا رىۋايەت قىلغان ھەدىس غەرىيب ھەدىستۇر. سەنەدنىڭ مەلۇم قاتلىمىدا پەقەت بىرلا رىۋايەتچى بولغان ھەدىس غەرىيب ھەدىس بولىدۇ. لېكىن، سەنەدنىڭ ھەممە قاتلىمىدا چوقۇم بىرلا رىۋايەتچى بولۇشى شەرت ئەمەس، ئەكسىچە بىرقانچە بولسىمۇ بولىدۇ. غەرىيب ھەدىس مۇتلەق غەرىيب ھەدىس ۋە نىسپىي غەرىيب ھەدىس دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
2) ئەزىز ھەدىس
پەقەت ئىككى رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىس ئەزىز ھەدىستۇر. سەنەدنىڭ مەلۇم قاتلىمىدا ئىككى رىۋايەتچىلا بولغان ھەدىس ئەزىز ھەدىس ھېسابلىنىدۇ. بىراق، سەنەدنىڭ ھەممە قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئىككىدىن ئاز بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ. مىسالەن، بىر ھەدىسنى ئىككى تابىئىننىڭ ھەربىرى بىر ساھابىدىن رىۋايەت قىلىشى، ئاندىن ئىككى تابىئ تابىئىن ئايرىم ھالدا بۇ ئىككى تابىئىندىن رىۋايەت قىلىشىغا ئوخشاش.
3) مەشھۇر ھەدىس
سەنەدىنىڭ ھەممە قاتلىمىدا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رىۋايەتچى بولغان ھەدىس مەشھۇر ھەدىس بولىدۇ. سەنەدنىڭ ھەربىر قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئۈچتىن كەم بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەشھۇر ھەدىس ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى رىۋايەت سەنەدى بولغان، لېكىن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىستۇر.
يۇقىرىدا ئاھاد ھەدىسنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توختالدۇق، ئىشەنچلىكلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاھاد ھەدىس سەھىھ ھەدىس بولۇشىمۇ، ھەسەن ھەدىس بولۇشىمۇ ياكى زەئىپ ھەدىس بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئاھاد ھەدىسنىڭ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى قانچىلىك دەرىجىدە ھازىرلىغانلىقىغا قارىلىدۇ.
ئاھاد ھەدىسنى دەلىل قىلىش-قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ھەدىسنى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولسا ئېتىقاد ۋە ئەھكام مەسىلىلىرىدە دەلىل قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتا ئىمام شافىئىينىڭ «رىسالە» دېگەن كىتابىدا جەزملەشتۈرۈلگەن. بۇخارى ۋە مۇسلىم «سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سەھىھۇل مۇسلىم »غا ئاھاد ھەدىسلەرنى كىرگۈزگەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)