باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مەخسۇس مۇتەۋاتىر ھەدىس توپلانغان كىتابلاردىن قايسىلار بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

نۇرغۇن مۇھەددىسلەر مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى مەخسۇس توپلاپ كىتاب قىلغان. ئۇلار بۇرۇنقى ئالىملار تۈزگەن ھەدىس كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭدىكى مۇتەۋاتىرلىق شەرتىنى ھازىرلىغان ھەدىسلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ھەدىس تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ رىۋايەت يوللىرىنى تەھقىقلىشى ۋە تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن مۇستەقىل كىتاب قىلىپ جەملىگەن.

مەخسۇس مۇتەۋاتىر ھەدىس توپلانغان مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار:

1) سۇيۇتىنىڭ «ئەلئەزھارۇل مۇتەناسىرە فىلئەخبارىل مۇتەۋاتىرە» (مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردىن چېچىلغان گۈل-چېچەكلەر) ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى «ئەننۇزۇمۇل مۇتەناسىر مىنەل ھەدىسىل مۇتەۋاتىر» (مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردىن تاللانما) ناملىق كىتابى. سۇيۇتى بۇ ئىككى كىتابتا باب ۋە فەسىل بويىچە ئون ئىككىدىن ئارتۇق ساھابە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى، ھەربىر ھەدىسنىڭ بارلىق سەنەدلىرىنى، رىۋايەت يوللىرىنى ۋە ئوخشىمىغان سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە يەتمىشتىن ئارتۇق ساھابە رىۋايەت قىلغان ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش ھەققىدىكى ھەدىس، ئەللىك ساھابە رىۋايەت قىلغان نامازدا قول كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىس، يىگىرمە يەتتە ساھابە رىۋايەت قىلغان ”سۆزۈمنى ئاڭلاپ يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ نۇرلۇق قىلسۇن“دېگەن ھەدىس، يىگىرمە يەتتە ساھابە رىۋايەت قىلغان «قۇرئان»نىڭ يەتتە خىل شېۋە بىلەن نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس قاتارلىقلار بار. سۇيۇتى بۇ ھەدىسلەرنى مۇتەۋاتىر ھەدىس دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بەزى ھەدىسلەرنى »تەدرىيب ئەرراۋى« (رىۋايەتچىنى چېنىقتۇرۇش) دېگەن كىتابىدا نەقىل قىلغان.

2) مۇھەممەد ئىبنى جەئفەرنىڭ «مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى تولۇقلاش» ناملىق كىتابى. بۇ كىتاب سۇيۇتىنىڭ «ئەلئەزھارۇل مۇتەناسىرە فىلئەخبارىل مۇتەۋاتىرە» دېگەن كىتابىدا توپلانغان ھەدىسلەرنى ۋە مۇھەممەد ئىبنى جەئفەر ئۆزى توپلىغان مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى كىرگۈزۈپ ھەمدە قايسى ھەدىسنى سۇيۇتى توپلىغانلىقىنى، قايسى ھەدىسنى ئۆزى توپلىغانلىقىنى ئايرىم بەلگە قويۇپ تۈزگەن.

3) ئىبنى تولۇن ئەددىمەشقى (ھىجرىيە 953-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «ئەللەئالىل مۇتەناسىرە فىلئەھادىسىل مۇتەۋاتىرە»(مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردىن چېچىلغان ئۈنچە-مەرۋايىتلار) ناملىق كىتابى.

4) مۇھەممەد زۇبەيدى (ھىجرىيە 1250-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «ئەللۇقەتۇل لەئالىل مۇتەناسىرە فىلئەھادىسۇل مۇتەۋاتىرە» (مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردىن چېچىلغان ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تېرىش) ناملىق كىتابى.

  (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال- جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر