قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا دىل ھۇزۇرى پەيدا بولۇش ئۈچۈن:
(1) قۇرئاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش لازىم. قۇرئان ئوقۇش ئالدىدا تاھارەت ئېلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ ﴾{سۈرە ”ۋاقىئە“ (56-سۈرە)، 79-ئايەت}. قۇرئان ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئىنئام قىلغان سانسىزلىغان ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنى ئەسلىشىمىز لازىم. قولىمىزدىكى بۇ ئۇلۇغ كىتاب قۇرئاننىڭ پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى، پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن ئىمان نۇرىغا يېتەكلىگۈچى قىبلىنەما ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
(2) زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نەپسى خاھىشنىڭ ئازدۇرۇشىدىن يىراق تۇرۇشىمىز، دىلىمىز چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسى ئىچىدە قۇرئان ئايەتلىرىنى تەرتىل بىلەن دانە-دانە، ئوچۇق ئوقۇشىمىز لازىم. قۇرئان ئوقۇغاندا خۇددى ئاللاھ تائالا بىز بىلەن سۆھبەتتە بولۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئوقۇشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۆلىمالار: ”ئەگەر سەن ئاللاھ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلساڭ، قۇرئان ئوقۇغىن، ئاللاھ تائالا ساڭا سەن ئۈمىد قىلغان مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئەگەر سەن ئاللاھ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلساڭ، ناماز ئوقۇغىن، نامىزىڭدا ئاللاھ تائالاغا كۆڭلۈڭنى ئىزھار قىل“ دەيدۇ. ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھسان توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېھسان دېگەن نېمە؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ”ئېھسان دېگەن ئاللاھنى سەن خۇددى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش(يەنى چىن ئىخلاس بىلەن دىلدا ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولۇش)، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈرە ”فاتىھە“نىڭ خاسىيىتى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ: ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”نامازنى مەن بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدا تەڭدىن ئىككىگە بۆلدۈم، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ“، بەندە: ”جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر“ دېسە، ئاللاھ تائالا: ”بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى“ دەيدۇ؛ ”ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر“ دېسە، ”بەندەم ماڭا سانا ئېيتتى“ دەيدۇ؛ ”قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر“ دېسە، ”بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى“ دەيدۇ، يەنە بىر قېتىم ”بەندەم ئۆزىنى ماڭا تاپشۇردى“ دەيدۇ؛ ”(رەببىمىز)ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز“ دېسە، ”بۇ، مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسى، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ“ دەيدۇ؛ ”بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا(باشلىغىن) “ دېسە، ”بۇ بەندەمنىڭ، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ“ دەيدۇ(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ﴿ پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا(كامىل) مۇئمىنلەردۇر ﴾{سۈرە”ئەنفال“ (8-سۈرە)، 2-ئايەت}.
(3) قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ئىپادىلىگەن چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇشىمىز لازىم. چۈنكى قۇرئان بەندىنىڭ دىلىنى پاكلايدۇ، بەندىگە شىپالىق ئېلىپ كېلىدۇ. قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت(ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟). ئېيتقىنكى، ”بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ“﴾ {سۈرە”زۇمەر“ (39-سۈرە)، 9-ئايەت}؛ ﴿ ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ﴾{سۈرە”ئال ئىمران“ (3-سۈرە)، 18-ئايەت}. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنى پەرىشتىلەر بىلەن تەڭ زىكرى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ﴿ ھېكمەتنى(يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ ﴾{سۈرە”بەقەرە“ (2-سۈرە)، 269-ئايەت}؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ)ساڭا كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم(يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ(يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ(يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار(يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ(يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ(ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: ” ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ“﴾{سۈرە”ئال ئىمران“ (3-سۈرە)، 7-ئايەت}.
﴿ (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم(ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟(ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند-نەسىھەت ئالىدۇ ﴾{سۈرە”رەئد“ (13-سۈرە)، 19-ئايەت}. ئومۇمەن، ئىلىم ئەھلىلىرى، ئەقىل ئىگىلىرى قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زور ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقى قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان.
(4) قۇرئان ئوقۇغاندا دىلى ئېرىيدىغان، ئاللاھقا چىن ئىخلاس بىلدۈرۈپ، تەقۋادارلىق قىلىدىغان بولۇش لازىم. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى:﴿ ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىىمىز ﴾{سۈرە”ھەشر“ (59-سۈرە)، 21-ئايەت}. قۇرئان ئوقۇغاندا چوڭقۇر مۇھەببەت، چىن ئىخلاس، تەقۋادارلىق ۋە ھۇزۇرىي قەلب بىلەن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە(يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر ﴾ {سۈرە”ھەدىد“ (57-سۈرە)، 16-ئايەت}. «تەپسىر ئىبنى كەسىر»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردەك بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ساماۋى كىتابلارنى كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزگەرتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتكەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)