باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

ئىسلام دىنىدىكى دەپنە مۇراسىمى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

شېرىپجان داموللا ھاجى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ، بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەۋلادىنى بەك ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ئالاھىدە دەرىجىلەر ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى خەلىپىسى قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلاپ ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىن مۇسۇلمان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھايات-ماماتىنىمۇ ئۆز لايىقىدا قەدىرلىدى. مۆمىن كىشى بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ تۇغۇلغان كۈندىكى دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا پاكىز يۇيۇندۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ئەزان، تەكبىرلەر ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىنسا، ئۇ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ ئاخىرەت سەپىرىنى قىلغان ئاخىرقى مىنۇت-سېكۇنتلىرىدىمۇ ناھايىتى زور ھۆرمەت-ئېھتىراملار بىلەن يۇيۇندۇرۇلۇپ، ئاپئاق، پاكىز كىيىملەر بىلەن كىيىندۈرۈلۈپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياخشى گۇۋاھلىقىدا ناماز ئوقۇلۇپ ئۆز ھۆرمىتى بىلەن ئۇزىتىلىدۇ.

ھەممىگە مەلۇم، ئادەم بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ خۇددى بىر ئۆتكۈنچى ئۆتەڭدىن ھاردۇق ئېلىپ بولۇپ كېتىپ قالغاندەك خوشلىشىدۇ. شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى بۇ دۇنيادىكى قىسقىغىنا مۇددەتلىك ھاياتىنى قەدىرلىشى، ۋاقتىنى بىھۇدە، مەنىسىز ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلماسلىقى، ئىمكانقەدەر ئۆزىنىڭ بۇ قىممەتلىك ھاياتىدا دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە جەمئىيەت ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياخشى ناملىرىنى قالدۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش جەريانىدا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ھەمكارلىشىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك، شۇنىڭدەك بىرەر قېرىندىشى ۋاپات بولۇپ، ئاخىرەت سەپىرىنى قىلسا، ئۆز لايىقىدا ھۆرمەتلەپ، يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى ئوقۇپ ياخشى ئۇزىتىپ قويۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىغا نىسبەتەن ھەقىقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. مەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئىسلام دىنىمىزدىكى دەپنە قىلىش پائالىيەتلىرىنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.

1. ئادەم كېسەل بولغاندا:

ئىنسانلار بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوخشاش بولمىغان بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى بىلەن بېكىتىلگەن فىترى قانۇن بولۇپ، بۇ كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر داۋالاش ئارقىلىق شىپا تېپىپ ساقىيىپ ئەسلىگە كەلسە، يەنە بەزىلىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كېسەل تۈپەيلىدىن ۋاپات بولۇپ، ئاخىرەت سەپىرىنى قىلىدۇ. شۇڭا ئادەم بۇنداق كۈتۈلمىگەن كېسەللەرگە، ئاغرىقلارغا يولۇققاندا ناھايىتى سەۋرچانلىق، ساقىيىش ئۈمىدۋارلىقى بىلەن كېسىلىنى داۋالىتىشى، ھەرگىز بۇ دۇنيادىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ۋۇجۇدىدىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا كۈتۈلمىگەن ھەر خىل بالا-قازالارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىنىڭ سەۋر-تاقىتىنى سىناش ئۈچۈن مۇپتىلا قىلىدىغان بىر خىل سىناق بولۇپ، بۇ سىناقلارغا شۈكۈر قىلىپ، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭ مەغپىرىتىگە، رەھمىتىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن تەلپۈنگەن بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، لېكىن كېسەل كىشىنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىمەن دەپ كېسىلىنى داۋالاتماي، ئۆز ھالىتىدە تاشلاپ قويۇشى ياخشى ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز: ”ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر كېسەلنى ئۆز داۋاسى بىلەن چۈشۈرىدۇ، شۇڭا سىلەر داۋالىنىڭلار“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

تېنى ساغلام كىشىلەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىشى، تېنى ساق، ساغلام ۋاقتىنى قەدىرلىشى، ھەمدە بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئاللاھ تائالاغا كۆپرەك ئىبادەت قىلىۋېلىشى، ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئالدىن بېجىرىپ تۇرۇشى، ياخشى ئىشلارنى، باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى، باشقىلار بىلەن ھەر قانداق تىپتا ئاداۋەت ساقلىماسلىقى، ئىمكانقەدەر ۋاقىت ئاجرىتىپ كېسەل بولۇپ قالغان يېقىن تۇغقانلىرىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ ياردەملىشىپ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بولسا ياردەم بېرىشى كېرەك. كېسەل كىشىلەرنى يوقلاپ كىرگەندە ئۇلارغا ياقىدىغان ياخشى سۆز، خۇشال قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىشى، ئۇلارنى سەۋر قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ پات ئارىدا كېسىلىدىن ساقىيىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشى كېرەك ھەمدە كېسەل كىشىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭدىن ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى ئالاھىدە ھۆرمەتلىشى كېرەك. چۈنكى كېسەل كىشىنىڭ ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز:”ئەگەر سەن بىر كېسەل كىشىنىڭ يېنىغا كىرسەڭ، ئۇنىڭغا سەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىل. چۈنكى كېسەل كىشىنىڭ دۇئاسى پەرىشتىلەرنىڭ دۇئاسىغا ئوخشاش“ دېگەن.

2. كېسەل ئادەم سەكراتلىق ھالەتتە:

بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈم گىردابىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. بەزى ۋەقە-ھادىسىلەر بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، يەنە بەزى كېسەللەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندە ئادەمنى ئۆلۈمگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتى توشۇپ ئەجىلىگە يەتكەن كىشىلەرنى ئۆلۈمگە سەۋەبچى قىلىپ، ئالدىن بېكىتىپ قويغان تەقدىردۇر. كېسەل كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ھالىتى سەكراتلىق ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەل كىشىلەر بۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، قالايمىقان كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەسلىكى كېرەك. پەقەت ئۇنىڭغا يېقىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالايدىغان، تەقۋادار، ۋەسىيەت ئاڭلاش مۇمكىنچىلىكى بار كىشىلەر كىرسە بولىدۇ. كېسەل كىشى بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، ئەتراپتىكى كىشىلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئورۇندىشى كېرەك:

1. ئالدى بىلەن كېسەل كىشىنىڭ ئوڭ يېنىنى باستۇرۇپ، قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ ياتقۇزۇپ قويۇشى ياكى كېسەل كىشىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ پۇتىنىڭ ئۇچىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ، باش تەرەپنى بىر ئاز كۆتۈرۈپ قويۇشى كېرەك. بۇ ئىككى خىل ياتقۇزۇش ئۇسۇلىدا كېسەل كىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قىبلىگە يۈزلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى ياتقۇزۇش ئۇسۇلى ياخشى دەپ قارىلىدۇ.

2. كېسەل كىشىنىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا كەلىمە شاھادەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، شاھادەت كەلىمىسىنى يېنىك تەكرارلىشى، ئۇنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزى”لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ“ بىلەن ئاياغلىشىشى كېرەك. شاھادەت ئۆگەتكەندە، بەك قوپاللىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ كۆپ تەكرارلاپ كېسەلنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.

3. كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر كۆپلەپ دۇئا قىلىشى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى، بولۇپمۇ سۈرە ياسىننى ئوقۇشى كېرەك. قۇرئان ئوقۇغاندا ئىچكى ئاۋازدا ئوقۇشى لازىم.

4. كېسەل كىشىگە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلدۇرۇشى، ھاياتىدىكى ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى ئېسىگە سېلىپ، ئاللاھ تائالا چوقۇم مېنى ئەھلى جەننەتلەرنىڭ قاتارىدا قىلىدۇ دەيدىغان تونۇشقا ئېلىپ كېلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىدا: ”مەن بەندىلىرىم قانداق گۇمان قىلسا شۇنداق ھالەتتە بولىمەن“ دېگەن.

3. كېسەل كىشى جان ئۈزگەندە:

سەكراتلىق ھالەتتىكى كېسەل كىشىنىڭ ئەھۋالى بىردىنلا ئۆزگىرىپ جان ئۈزگەنلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ۋاپات بولغانلىقىغا ھەر خىل سىناقلار ئارقىلىق ئىسپات تۇرغۇزۇلسا، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئالدى بىلەن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئىككى كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويۇشى، ئېڭىكىنى قوشتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە مېيىتنى يەردىن ئازراق كۆتۈرۈلگەن تاختاينىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۈستىگە پۈتۈن بەدىنىنى تولۇق ياپالىغۇدەك چوڭ بىر يوپۇق يېپىپ قويۇشى كېرەك. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشى كېرەك:

(1) ۋاپات بولغان كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى بولسا ئېنىقلاپ، قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىۋېتىشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز:”مۆمىن كىشىنىڭ روھى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىپ بولمىغۇچە ئۇنىڭغا باغلىنىپ تۇرىدۇ“ دېگەن.

(2) مەرھۇمنىڭ باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، يارۇ-بۇرادەرلىرىنى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى، ئۇلارغا ناھايىتى تۆۋەن، قايغۇلۇق ئاۋازدا خەۋەر يەتكۈزۈشى كېرەك، خەۋەر قىلغاندا ھەرگىز ۋارقىراپ-جارقىراپ توۋلىماسلىقى، باشقا كىشىلەرگە تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرماسلىقى كېرەك.

(3) مېيىتنى يۇيۇش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا جىددىي تۇتۇش قىلىشى كېرەك.

(4) مۇسىبەت يەتكەن مېيىتنىڭ ئىگىلىرى ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزلىرىنى تۇتىۋېلىشى، ھەرگىز ئاھ ئۇرۇپ، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقى، ئاللاھ تائالادىن مېيىتكە رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى كېرەك. كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئاۋاز چىقارماي كۆز يېشى قىلسا بولىدۇ.

4. مېيىتنى قانداق يۇيۇش كېرەك؟

مېيىتنى يۇيۇش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، دەپنە قىلىش ئىشلىرى ئىسلام دىنىمىزدا پەرز كۇپايە بولۇپ، بۇ پەرزنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى ئادا قىلسا، قالغان قىسمىنىڭ گەدىنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان بىر خىل دىنىي مەجبۇرىيەت، شۇڭا مېيىتنى يۇيۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە يۇيۇش سالاھىيىتىگە شەرتلىرى توشقان بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئورۇندالسا، بۇ پەرز تولۇق ئادا قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېيىتنى يۇيۇشقا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەرنىڭ شەرتلىرى: ئالدى بىلەن بىر مۇسۇلمان، ئاقىل بولۇشى، مېيىتنى يۇيۇشنى نىيەت قىلىشى، راستچىل، ئىشەنچلىك بولۇشى، مېيىتنى شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەن يوسۇندا يۇيالايدىغان بولۇشى، مېيىتنىڭ بەدىنىدە بەزى ئەيىب-نۇقسانلار بولسا باشقىلارغا يايمايدىغان بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ مېيىتنى يۇيۇش سالاھىيىتى توشىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن سەۋرچانلىق بىلەن مېيىتنى يۇيۇش ئىمكانىيىتى بارلار بولسا، ئۇلار يۇسا تېخى ياخشى.

مېيىتنى يۇيۇش ئالدىدا ئۇنى پەردە كەينىگە ئېلىپ كىرىپ، تاختاي ئۈستىگە ياتقۇزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە كىيىم ياكى ئورالغان نەرسىلەر بولسا سالدۇرۇۋېلىپ، كىندىكىدىن تىزىغىچە ئەۋرىتىنى ياپالىغۇدەك بىر پارچە رەخت بىلەن يېپىپ قويىدۇ ھەمدە مېيىت ياتقان تاختاينى تاق قېتىم(ئۈچ ياكى بەش ياكى يەتتە قېتىم) خۇشبۇي ھىدلار بىلەن ئىسرىقدايدۇ. ئاندىن كېيىن مېيىتنى يۇيۇش جەريانىدا پاسكىنا سۇلارنىڭ تاختاينىڭ ئاياغ تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، باش تەرەپنى ئازراق كۆتۈرۈپ قويۇپ، قولىغا بىر پارچە يۇمشاق رەخت پارچىسىنى ئېلىۋېلىپ، مېيىتنىڭ نىجاسەت ئورۇنلىرىنى، نىجاسەت تېگىپ قالغان جايلىرىنى سۈرتۈپ، يۇيۇپ پاكىزلىۋالىدۇ.

مېيىتنى رەسمىي يۇيۇشقا باشلىغاندا، يۇغىلى كىرگەن كىشى قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى ھۆل قىلىپ، مېيىتنىڭ كالپۇك، چىش تۈۋىلىرىنى، بۇرۇن تۆشۈكلىرىنى سۈرتۈپ پاكىزلاپ قويىدۇ. ئاندىن كېيىن مېيىتنى نامازدا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغۇزىدۇ. لېكىن ئېغىز-بۇرۇنلىرىغا سۇ كىرگۈزمەيدۇ. ئاندىن كېيىن مېيىتنىڭ ئوڭ يان تەرىپىگە سۇ قۇيۇپ، پاكىز يۇيۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سول يان تەرىپىگە سۇ قۇيۇپ يۇيىدۇ. ئاخىرىدا باش-ساقاللىرىنى يۇيۇپ بولۇپ، مېيىتنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئاستىغا قارىتىپ يېنىك سىيلايدۇ. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن مېيىتنىڭ ئارقا-ئالدىدىن نىجاسەت چىقىپ قالسا، چىققان نىجاسەتلەرنى پاكىزلىۋەتسە بولىدۇ. قايتىدىن تاھارەت، غۇسلى قىلدۇرۇش ھاجەتسىز. لېكىن شۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەككى، مېيىتنى يۇغاندا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايىنى بىر قېتىم ئالا قويماي يۇيۇش پەرز بولۇپ، يۇيۇش جەريانىدا بەدەننىڭ ھەر قانداق جايىغا سۇ تەگمەي قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ بەدەننى پاكلايدىغان ھەر خىل سوپۇن ياكى كافۇر سۇلىرى بولسا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا ئاگاھ بولۇش كېرەككى، مېيىتنى يۇيۇش جەريانىدا ھەرگىز قاتتىق قوللۇق قىلماسلىقى، ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈگەندە يۇمشاق-سىلىق بولۇشى كېرەك.

5. مېيىتنى قانداق كېپەنلەش كېرەك؟

مېيىتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى كېپەنلەش كېرەك. مېيىتنىڭ كېپەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ساقلاپ قويغان ئىقتىسادى بولسا، كېپەنلىكنى شۇنىڭغا سېتىۋالسا بەك ياخشى بولىدۇ. ئەگەر مېيىت ھايات ۋاقتىدا ئاجىز، تۇرمۇش جەھەتتىن باشقىلارغا تايىنىپ ياشىغان بولسا، ئۇنىڭ تۇرمۇش راسخوتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر پۇل ئاجرىتىپ كېپەنلىك چىقىمىنى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا مۇسۇلمانلار ئىقتىسادىي خەزىنىسىدىن ياكى پۇلدار مۇسۇلمانلار ئۆز يېنىدىن پۇل ئاجرىتىپ ئۆلگۈچىنىڭ كېپەنلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىدۇ.

ئەر كىشىنىڭ سۈننەت تەرىقىدىكى كېپەنلىكى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: (1) قەميس(مېيىتنىڭ گەدىنىدىن پۇتىغىچە كېلىدىغان،يەڭ، يانچۇقلىرى بولمىغان تۈپتۈز ئاق كۆڭلەك)؛ (2) ئىزار(مېيىتنىڭ چوققىسىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە بولىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن قىسقاراق كېلىدىغان مېيىتنى ئورىيالىغۇدەك ئاق رەخت)؛ (3) لىفافە(بۇ مېيىتنىڭ چوققىسىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە كۆڭلەك، ئىزارلىرى بىلەن قوشۇپ ئورىيالىغۇدەك، ئىزاردىن سەل ئۇزۇنراق كېلىدىغان ئاق رەخت)لەردىن ئىبارەت. شارائىت تولۇق بولمىغاندا ئىزار بىلەن لىفافە كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر ئامال يوق بىر ئەھۋال ئۈستىدە بولسا، لىفافە بىلەن كېپەنلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

ئايال كىشىلەرنىڭ سۈننەت تەرىقىسىدىكى كېپەنلىكى بەش بولۇپ، ئۇلار: (1) قەميس؛ (2) ئىزار؛ (3) لىفافە؛ (4) خىمار(بۇ ئايال كىشىنىڭ بېشىدىن كۆكسىگىچە چۈشۈرۈلۈپ، كۆڭلەكنىڭ ئۈستىدە، ئىزارنىڭ ئاستىدا چىگىپ قويۇلىدىغان ياغلىق)؛ (5) خىرقە(بۇ ئايال كىشىنىڭ كۆكسىنى ياپتۇرۇپ چىگىپ قويىدىغان رەخت پارچىسى)لاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا شارائىت تولۇق بولمىسا ئىزار، لىفافە، خىمار بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

مېيىتنى كېپەنلەشتە ئالدى بىلەن كېپەنلىكلەرنى تاق قېتىم(ئۈچ، بەش، يەتتە قېتىم) ئىسرىقداپ خۇشبۇي بېرىپ بولۇپ، ئاندىن لىفافەنى سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزارنى يايىدۇ. ئاندىن مېيىت ياخشى سۈرتۈلۈپ قۇرۇغاندىن كېيىن، ئىزارنىڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ باش، ساقاللىرىغا، سەجدە قىلىدىغان ئورۇنلىرىغا(پېشانە، بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پۇتىغا) خۇشبۇي نەرسىلەرنى قويىدۇ. ئەگەر خۇشبۇي كافۇردىن بولسا ياخشى دەپ قارىلىدۇ. ئاندىن كېيىن مېيىتكە قەمىيسنى كىيدۈرۈۋېلىپ، ئىزارنىڭ سول تەرىپىنى مېيىتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئوڭ تەرىپى بىلەن باستۇرۇپ ئورايدۇ. لىفافەنىمۇ ئىزارنىڭ ئۈستىگە شۇنداق ئورايدۇ. ئەگەر كېپەنلىكنىڭ بوشاپ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇنىڭ باش ۋە ئاياغ تەرىپىنى بوش تېڭىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

ئايال كىشىلەرنى كېپەنلەشمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ كۆكسىگە خىرقە چىگىپ قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ چېچى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈلۈپ، كۆينەكنىڭ ئۈستىدە مەيدىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ياغلىقى كۆڭلەكنىڭ ئۈستىدە چاچلىرىنى ياپتۇرۇپ چىگىلىدۇ. ئەمما ئەر-ئايال مېيىتلەرنى كېپەنلىگەندە چاچ-ساقاللار تارالمايدۇ ھەم چاچ، تىرناقلار ئېلىنمايدۇ.

6.مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش ئالدىدا:

مېيىت نامىزىنى ئادا قىلىش ئىسلام دىنىدىكى بىر كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەت بولۇپ، بۇنىڭغا قاتنىشىدىغان جامائەتنىڭ ئاز-كۆپلۈكى شۇ مېيىتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە بولغان قېرىنداشلىق ھېسسىياتى يەنىلا ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە باشلاپ بارىدۇ. شۇڭا ئىمام مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن يىغىلغان جامائەتكە ھايات-ماماتنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بىز قانداق پەيدا بولدۇق، قانداق ياشىشىمىز كېرەك، قانداق ۋاپات بولۇشىمىز كېرەك دېگەنلەرنى جامائەتنىڭ ئېسىگە سېلىپ، ئۇلارنى نامىزىنى چۈشۈرۈش ئالدىدا تۇرغان مېيىتنىڭ ۋاپاتىدىن ئىبرەت ئېلىشقا تەشەببۇس قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەم ھاياتىنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ئىشلارغا دۇچار بولۇپ، بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا بەزى كىشىلەرنى رازى قىلالىسا يەنى بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇپ، ئۆزئارا زىددىيەت چىقىدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئاداۋەت ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەگەر نامىزىنى چۈشۈرۈش ئالدىدا تۇرغان مېيىتنىڭ مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلىرى بولسا، يىغىلغان جامائەتنىڭ رازى بولۇپ كېتىشىنى، ئەگەر مېيىت بىلەن ئىقتىسادىي بېرىش-كېلىشى بولسا، مېيىتنىڭ ۋارىسلىرى بىلەن كېلىشىۋېلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۇزۇندىن بېرى ئومۇملىشىپ كەلگەن بەھىللىق سوراش ئادىتى بولۇپ، بۇنىڭ ۋاقتى قىسقا، مەزمۇنلۇق، دۇنيا سۆزى ئارىلاشمىغان، جامائەتنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغان، مېيىت نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ قويمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا بولسا، دىنىمىزدا ياخشى ئادەتلەر قاتارىدا سانىلىدۇ ھەمدە بۇ ۋاپات بولغۇچىنى بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر بىلەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقلىرىدىن خالاس قىلىپ، ئاخىرەتلىك سەپىرىگە پاك-پاكىز ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ھايات كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئىنتىلىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر ۋاپات بولغان كىشى ھەقىقەتەن ياخشى، ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان، جەمئىيەتكە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىلىرى، ياخشى ئىش-ئىزلىرى بولسا، جامائەتكە سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى، شەرەپلىك ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە جامائەتتىن ياخشى گۇۋاھلىق ئېلىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ھايات كىشىلەرنىڭ ئۆلۈكلەرگە گۇۋاھچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۇلار بىر جىنازا نامىزىغا بارغاندا ئۇلار شۇ مېيىتكە ياخشى باھا بېرىپ ماختىغان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ۋاجىپ بولدى‘ دېگەن. كېيىن ئۇلار يەنە بىر جىنازا نامىزىغا بارغاندا ئۇ مېيىتنىڭ يامان تەرىپىنى قىلىشىپ كەتكەن. (بۇنىڭغىمۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ۋاجىپ بولدى‘ دېگەن. (بۇ ۋاقتىدا) ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ’نېمە ۋاجىپ بولدى؟‘ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ماۋۇ كىشىنى ماختىۋېدىڭلار، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولدى؛ ماۋۇ كىشىنى ئەيىبلىۋېدىڭلار ئۇنىڭغا دوزاخ ۋاجىپ بولدى. سىلەر بولساڭلار ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى‘ ‘‘دېگەن(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبىرىمىز: ”سىلەر ئۆلۈكلىرىڭلارنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلىشىڭلار“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا بىر كىشىنى ئاخىرەت سەپىرىگە ئۇزىتىش ئالدىدا ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرى، ياخشى ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى كۆپلەپ سۆزلەپ، ئۇنىڭ يامان تەرەپلىرىدىن سۆز ئاچماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ توغرىسىدىمۇ پەيغەمبىرىمىز يوليورۇق بېرىپ:”سىلەر ئۆلۈكلىرىڭلارنى تىللىماڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىگە كېتىپ قالدى“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

7.مېيىت نامىزىنى قانداق ئادا قىلىش كېرەك؟

مېيىت نامىزىنى ئادا قىلىش ئىسلام دىنىدا پەرز كۇپايە بولۇپ، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىشى بىلەن قالغانلارنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. بۇ نامازنى ئادا قىلىشنىڭ شەرتلىرى: ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ تاھارىتى بولۇشى، كىيىمى، ئۆزى پاكىز بولۇشى، قىبلىگە يۈزلىنىشى كېرەك. يەنە نامىزى چۈشۈرۈلمەكچى بولغان مېيىتنىڭ يۇيۇلغان بولۇشى ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدى تەرىپىگە قويۇلۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

مېيىت نامىزىنىڭ ئىككى پەرزى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى قىيامدا تۇرۇش، يەنە بىرى تۆت تەكبىرنى ئوقۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، قالغان پائالىيەتلەر سۈننەت ھېسابلىنىدۇ.

مېيىت نامىزىغا ئىمام بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ يۇرتنىڭ سۇلتانىنى ياكى قازىسىنى تەكلىپ قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇ بولمىسا مېيىت ۋاپات بولغان مەھەللىنىڭ ئىمامى باش بولۇپ، نامىزىنى چۈشۈرسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر بولالمىغان بولسا، مېيىتنىڭ ئىگىلىرى، يېقىنلىرى ئىمام بولۇپ چۈشۈرسە بولىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئىگىسى نامازغا كېچىكىپ قېلىپ، نامازغا داخىل بولالمىغان بولسا، نامازنى قايتىدىن ئوقۇسا بولىدۇ. لېكىن مېيىت ئىگىلىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ نامازنى قايتىلاپ ئوقۇشىغا بولمايدۇ.

ئەگەر ۋاپات بولغان كىشى باشقا بىر يۇرتتا بولۇپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، نامىزىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى تۇرغان جايدا قىبلىگە يۈزلىنىپ غايىب نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ. ناماز چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىشقا تېگىشلىك مېيىت ناماز ئوقۇلماستىن دەپنە قىلىنىپ قالغان بولسا، مېيىتنىڭ چىرىپ كېتىشىدىن بۇرۇن قەبرە بېشىغا بېرىپ ناماز چۈشۈرسە بولىدۇ.

ئەگەر ناماز چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە مېيىت كەلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇلارغا بىر ناماز بىلەنلا ناماز چۈشۈرسىمۇ بولىدۇ.

مېيىت نامىزىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلى: ئىمام مېيىتنىڭ مەيدىسى ئۇدۇلىدا تۇرىدۇ، جامائەت ئىمامنىڭ كەينىدە ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ سەپ بولۇپ تۇرسا بولىدۇ. ئىمام نامازغا كىرىش ئۈچۈن تەكبىر ئوقۇپ، قۇلاق قېقىپ نامازغا كىرگەندە، جامائەتمۇ تەڭ تەكبىر ئوقۇپ نامازغا كىرىدۇ. ئاندىن كېيىن سانا(سۇبھانەكەئاللاھۇممە، ۋەبىھەمدىكە، ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالاجەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۈكە)نى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئىمام ئىككىنچى تەكبىرنى ئوقۇپ بولۇپ دۇرۇت (ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدە ۋەئەلا ئالىي مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋەئەلا ئالىي ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيدۇن، ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدە ۋەئەلا ئالىي مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋەئەلا ئالىي ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيدۇن)نى ئوقۇيدۇ.

ئىمام ئۈچىنچى تەكبىرنى ئوقۇپ مېيىتكە، بارلىق تىرىك، ئۆلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە دۇئا(ئاللاھۇممەغفىرلى ھەييىنا، ۋەمەييىتىنا، ۋەسەغىرىنا ۋە كەبىرىنا، ۋەزەكرىنا ۋە ئونسانا، ۋە شاھىدىنا ۋە غائىبىنا ئاللاھۇممە مەنئەھيەيتەھۇ مىننا، فەئەھيىيھى ئەلەل ئىسلام ۋەمەن تەۋەففەيتەھۇ مىننا فەتەۋەففەھۇ ئەلەل ئىيمان ئەللاھۇممە لاتەھرىمنا ئەجرەھۇ ۋەلاتۇدىلەنا بەئدەھۇ)نى ئوقۇيدۇ. ئەگەر مېيىت كىچىك بالا بولسا(ئەللاھۇممەجئەلھۇ لەنا فەرتەن ۋەزۇخرەن شافىئەن، مەشەففەئەن) دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئىمام دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۆتىنچى تەكبىرنى ئوقۇپ سالام بېرىدۇ. ئىمام بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن قول كۆتۈرمەي تەكبىرلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىدۇ. كەينىدىكى جامائەت ئىچكى ئاۋازدا ئوقۇپ ئىمامغا ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېيىت نامىزى تامام بولىدۇ.

8.مېيىتنى دەپنە قىلىش

مېيىت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مېيىتنىڭ تۇغقانلىرى، يارۇ-بۇرادەرلىرى تاۋۇتنى تېزدىن كۆتۈرۈشۈپ قەبرىستان تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشى كېرەك. تاۋۇتنى كۆتۈرگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئوڭ مۈرىسى بىلەن كۆتۈرۈشى، بىر ئاز ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا سول مۈرىسىگە يۆتكىشى كېرەك. قالغان جامائەت ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىغا، ئەمەلىي شارائىتلىرىغا قاراپ، مېيىتنىڭ تاۋۇتىغا ئەگىشىپ قەبرىستانغا بېرىشى كېرەك، ئىمكانىيىتى بولسا، تاۋۇتنىڭ كەينىدىن ماڭسا بولىدۇ. جىنازىنىڭ كەينىدىن قەبرىستانغا بېرىش سۈننەت بولۇپ، ئەگىشىپ ماڭغاندا چوقۇم قايغۇرۇش ھالىتىدە ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ كېتىۋاتقان دىنىي قېرىندىشى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى كېرەك ھەمدە بۇ قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبرەت ئېلىپ، بۇندىن كېيىن ھاياتىدا قانداق ئىشلارنى قىلىشى، قانداق ئىشلارنى قىلماسلىقى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ مېڭىشى، ھەرگىز دۇنيا سۆزلىرىنى، كۈلكە-چاقچاقلارنى قىلىپ يۈرمەسلىكى لازىم. ئەگەر بىر مۇسۇلمان كىشى باشقىلارنىڭ يول ئۈستىدە جىنازىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ خوشلىشىشى كېرەك، قەبرىستانغا يېتىپ بارغاندا، تاۋۇتنى يەرگە قويۇشتىن بۇرۇن ئولتۇرۇۋالماسلىقى كېرەك.

مېيىت ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىنىڭ چوڭلۇقى بەلگىلىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ھالدا ئىچكى ئۆي-تاشقى ئۆي قىلىپ تەييارلانسا تېخىمۇ ياخشى. مېيىتنى قەبرىگە ئېلىپ كىرگەندە قىبلە تەرەپ بىلەن ئېلىپ كىرىش كېرەك. ئەگەر بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ كىرسە بولىۋېرىدۇ، ئەگەر مېيىت ئايال كىشى بولسا، قەبرىنىڭ ئاغزىنى بىرەر نەرسە بىلەن پەردە قىلىپ توسۇپ تۇرۇش كېرەك.

مېيىتنى قەبرىگە ئېلىپ كىرگەن كىشىلەر مېيىتنى يەرگە قويغاندا، ”بىسمىللاھىر ۋەدەئناكە، ۋەئەلا مىللەتى رەسۇلۇللاھى سەللەمناكە“ دەپ ئوقۇپ مېيىتنىڭ ئوڭ يېنىنى باستۇرۇپ، قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ ھەمدە كېپەننىڭ يېشىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چىگىپ قويغان چىگىشلەرنى يېشىپ قويۇپ، خوشلىشىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەبرىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ توپا تاشلاشقا باشلايدۇ.

مېيىتنىڭ قەبرىسىنى ياسىغاندا سۈننەت تەرىقىسىدە يەر يۈزىدىن بىر غېرىچ كۆتۈرۈپ ئۈستىنى ئۇچلاپ، چوققا چىقىرىپ قويسا بولىدۇ. قەبرىنى كۆتۈرمەي تۈز ھالىتىدە قويۇپ، بەزى تاش ياكى ياغاچلار بىلەن بەلگە قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان بىننى مەزئۇننىڭ قەبرىسى ئۈستىگە بىر تاش بىلەن بەلگە قىلىپ قويغان.

9. تەزىيە بىلدۈرۈش، قارىلىق تۇتۇش

تەزىيە بىلدۈرۈش دېگەنلىك، مۇسىبەت كەلگەن كىشىلەرگە تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يەتكەن مۇسىبەتكە سەۋر-تاقەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش ھەمدە ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ مۇسىبەتكە قىلغان سەۋر-تاقەتلىرىگە ئەجىر-ساۋاب تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارغا ئورتاقلىشىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەت بولۇپ ھېسابلانسا، بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا مۇستەھەپ ئىشلار قاتارىدا سانىلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان كىشىگە مۇسىبەت كەلسە، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا مۇسىبەت يېتىپ ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەر ھەر قانداق ئۇسلۇبتا بولسۇن، بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈرۈشى ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشى ”ئەززەمەللاھۇئەجرەكە، ۋەئەھسەنە ئەزاكە، ۋەغەفەرەلىمەييىتىكە“ دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ”ئاللاھ تائالا ساڭا ئەجىر-ساۋاب بەرسۇن، ياخشى سەۋر-تاقەت ئاتا قىلسۇن. مېيىتىڭنى مەغپىرەت قىلسۇن“ دېگەن بولىدۇ. مۇسىبەت يەتكەن كىشى جاۋاب قايتۇرۇپ:”ئىستەجابەللاھۇ دۇئائەكە ۋە رەھمىنا ۋەئىيياكە“ دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ”دۇئايىڭنى قوبۇل قىلسۇن ھەمدە بىزگە ۋە ساڭا رەھمەت قىلسۇن“ دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار بىر-بىرى بىلەن ئورتاقلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىشىپ، دىنىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بارغان ئۆيدە ئۇزاق ئولتۇرۇپ، مۇسىبەت كەلگەن كىشىلەرنىڭ قايتىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ قايغۇرۇشىغا، كۆز يېشى قىلىپ يىغلىشىغا سەۋەبچى بولماسلىقى كېرەك.

ھازىر بىزنىڭ دىيارىمىزدا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۇسلۇبلىرى، سۆز-ئىبارىلىرى خىلمۇخىل قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، تەزىيە بىلدۈرگۈچى مۇسىبەت يۈز بەرگەن كۈنىدە مۇسىبەت ئىگىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ، ”ئەلھوكمۇلىللاھ“ دەيدۇ. جامائەت مېيىتنى دەپنە قىلىپ قايتىپ كەلگەندە مۇسىبەت بولغان ئۆيگە كىرىپ ئايەت ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسىبەتتىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقان ياكى كېچىكىپ قالغان كىشىلەر مۇسىبەت بولغان ئۆيگە كىرىپ”فاتىھە“ قىلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ قۇرئاندىن بىر قانچە ئايەت ئوقۇپ كەينىدىن مېيىتكە ساۋابىنى بېغىشلاپ دۇئا قىلىدۇ. بۇلار بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۇزۇندىن بېرى ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان تەزىيە بىلدۈرۈش ئادەتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا مۇسىبەت ئىگىلىرىگە تەسەللى بېرىشنى، مېيىتكە رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىشنى، ئوقۇغان ئايەتلىرىنىڭ ساۋابىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەردىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىن باشقا مۇسىبەت يەتكەن ئايال كىشىلەرنىڭ قارىلىق تۇتۇش ئادەتلىرى بار، بۇنىڭدا ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ مۇسىبەت بولغان كۈندىن باشلاپ، ئۈچ كۈنگىچە قارىلىق تۇتسا بولىدۇ. ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشى ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى بولسا، بۇ ئايال يولدىشىغا بولغان سەمىمىيەتلىكىنى، ۋاپادارلىقىنى، ھەقىقىي ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتىدۇ.

ئايال كىشى قارىلىق تۇتقان مەزگىلدە ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ سۈرمە سۈرۈش، ئەتىر چېچىش، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش، يىپەك كىيىملەرنى، گۈللۈك، رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش قاتارلىق بارلىق گۈزەللەندۈرۈش ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاجىپ.

10. قەبرىنى زىيارەت قىلىش

قەبرە زىيارەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەپ بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بۇ توغرىلىق مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”مەن(بۇرۇن) سىلەرنى قەبرىستاننى زىيارەت قىلىشتىن توسۇغانىدىم . سىلەر(ھازىر) زىيارەت قىلىڭلار. چۈنكى قەبرىستاننى زىيارەت قىلىش سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ“. شۇڭا ۋاقتى بوش، قەبرىستاننى زىيارەت قىلىشقا قۇلايلىق شارائىتى بار كىشىلەر قەبرىستاننى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. قەبرىستانغا بارغاندا ئۆلۈكلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت، رەھمەت تەلەپ قىلىشى كېرەك. قەبرىستاننى ھەر بىر قېتىم زىيارەت قىلغاندا ئۆلۈمنى ئېسىگە ئېلىشى، بۇنىڭ ھەر قانداق بىر كىشى ئۈچۈن مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، ئۆلگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، بۇ دۇنيالىق قىسقىغىنا ھاياتىدا ئاللاھ تائالاغا كۆپرەك ئىبادەت قىلىۋېلىشقا، باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشكە ئىرادە باغلىشى كېرەك. لېكىن شۇنىڭغا ئاگاھ بولۇش كېرەككى، زىيارەت قىلىش جەريانىدا ھەرگىز ئۆلۈكلەردىن مەدەت، ياردەم تەلەپ قىلماسلىقى، ئۇلارغا يالۋۇرۇپ يىغلىماسلىقى ھەمدە چوقۇنۇش يۈزىسىدىن قەبرىلەرنى قۇچاقلاپ، سىلاپ تاۋاپ قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدا ھېچقانداق قۇدرەت، ئىقتىدار قالماي، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ قىلچە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ، بەلكى ئۇلار بىز ھايات ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشىنى، ئۇلارغا رەھمەت ئىشىكىنى ئېچىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلىشىمىزغا، ئۇلارغا ساۋابىنى بېغىشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا موھتاج. شۇڭا كۆپىنچە ئۆلىمالار ئاياللارنىڭ قەبرىستاننى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ چوقۇم سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى، ئاسانلا ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئاياللار كۆڭلى ئىنچىكىلىك قىلىپ، ھېسسىياتىنى باسالماي قايغۇرۇپ، قەبرىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپ كېتىدىغان، قەبرىدە ياتقۇچىدىن مەدەت تەلەپ قىلىپ، يالۋۇرىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا قەبرە زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 1996-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر