باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقلار

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-01   
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆز ئۈممىتىگە مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىگە زور دەرىجىدە ئاساس سالغان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مۇسۇلمانلار ئاللاھ بۇيرۇغان، رەسۇلۇللاھ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىپ، ئۇنى سۆز-ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلاپ، ھاياتىنى گۈزەل، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى لازىم. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”شۈبھىسىزكى، مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”ھەقىقەتەن ئاللاھ سېخىيدۇر، سېخىيلىقنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى ياخشى كۆرىدۇ ، ناچار ئەخلاقلارنى يامان كۆرىدۇ“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كاتتا ئەخلاق بىلەن سۈپەتلەپ: ”سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت} دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورالغاندىمۇ ئۇ: ”رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ جاۋاب بەرگەن. رەسۇلۇللاھ: ”ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ۋە خاتالىقلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەغپىرەت قىل؛ ئى ئاللاھ! ماڭا يار-يۆلەك بول، ماڭا ياردەم بەر. ئى ئاللاھ! مېنى ياخشى ئەمەللەرگە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا باشلىغىن، چۈنكى گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەلگە پەقەت سەنلا باشلايسەن. يامان ئەخلاق ۋە يامان ئەمەلدىن پەقەت سەنلا توسۇپ قالىسەن“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان) دەپ دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىنى ياخشى ئەخلاققا باشلىشىنى، يامان ئەخلاقتىن توسۇشىنى سورىغان. شۇڭا گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن سۈپەتلەنگەن مۇئمىنلەر مۇئمىنلەرنىڭ كامىللىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ: ”ئاراڭلاردا ياخشىراقىڭلار ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
1.گۈزەل ئەخلاق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغان ئادەم ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي قىسمىدىكى ئۆيگە كېپىل بولىمەن“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھەققىدە سورالغاندىمۇ: ”ئاللاھتىن ھەقىقىي يوسۇندا قورققانلار ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولغانلار“(تىرمىزى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) دەپ جاۋاب بەرگەن.
2.گۈزەل ئەخلاق ئاللاھنىڭ شۇ بەندىنى ياخشى كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ يارايدىغىنى ئەخلاقى ياخشى بولغان كىشىلەر“(تەبەرانى رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
3.گۈزەل ئەخلاق قىيامەت كۈنىدە رەسۇلۇللاھقا يېقىنلىشىشقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شاپائىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ئۈممىتىمدىن مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ۋە قىيامەت كۈنىدە ماڭا يېقىن ئورۇندا تۇرىدىغانلار ھەقىقەتەن ئەخلاقى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
4.گۈزەل ئەخلاق بەندىنىڭ تارازىسىدا ئەمەللىرىنىڭ ئېغىر بولۇشىغا(يەنى ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا) كۈچ قوشىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە توختىلىپ: ”تارازىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر كېلىدىغان ئەمەل يوق“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
5.گۈزەل ئەخلاق بەندىلەرنى كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتقانلارنىڭ مەقامىغا يەتكۈزىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ھەقىقەتەن كىشى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتقانلارنىڭ دەرىجىسىنى تاپىدۇ“(ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
6.گۈزەل ئەخلاق ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلىدۇ، يۇرتنى گۈللەندۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”گۈزەل ئەخلاق قوشنىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ يۇرتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئۆمۈرلەرنى ئۇزۇن قىلىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
دېمەك، گۈزەل ئەخلاق ئىنساننىڭ ئىچكى-تاشقى پاكلىقىنى قوغدايدىغان ياشاش پىرىنسىپى بولۇپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىغا، ياشاش يوللىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە ھاياتىدا سۇدەك، ھاۋادەك زۆرۈر بولغان، بىرى كەم بولسا ھەر ئىككى دۇنيالىقىغا زەرەر يېتىدىغان گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:
1.راستچىللىق. ئاللاھ تائالا بىزنى راستچىللاردىن بولۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 119-ئايەت}.
راستچىللىق مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ مۇھىملىرىدىن بولۇپ، راستچىللارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئورنى يۇقىرى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ. ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. ھەقىقىي كىشى راستچىل بولىدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راستچىل دەپ خاتىرىلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. رەسۇلۇللاھ يەنە: ”راستچىللىق ئىشەنچتۇر، يالغانچىلىق شەكتۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
راست سۆزلەش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، ئېلىم-سېتىمدا دۇرۇس بولۇشلار راستچىللىقنىڭ تىپىك ناماياندىلىرى بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمان راستچىللىق بىلەن ياشىمىسا يالغانچى-كاززاپلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. يالغانچىلىق، سەمىمىيەتسىزلىك مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا يالغانچىلىق قىلىش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ“؛ ”يالغانچىلىق ھەقىقەتەن دوزاخقا باشلايدۇ، كىشى يالغان سۆزلەۋەرسە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاززاپ دەپ خاتىرىلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ يەنە: ”كىمكى ماڭا يالغانچىلىق قىلسا(مەن دېمىگەننى دېدى دېسە) ئۆز ئورنىنى دوزاختىن تەييارلاپ قويسۇن“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. بەزى مۇسۇلمانلار چاقچاقتا يالغانچىلىق قىلىشقا سەل قارايدۇ، بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، شۇندىلا مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”مەن گەرچە چاقچاق بولسىمۇ يالغانچىلىقنى تەرك ئەتكەن ئادەم ئۈچۈن جەننەتتىكى ئۆيگە كېپىل بولىمەن“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
خۇلاسە كالام، مۇسۇلمانلار يالغانچىلىقنىڭ ھەرقاندىقىدىن ساقلىنىشى، راستچىللىق، سەمىمىيلىك بىلەن ياشىشى لازىم. بۇ ھەربىر مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي تەلەپ ھەم ياشاش ئۆلچىمى.
2.ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بولۇپ، ئاسمان-زېمىن ئۇ ئامانەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن قورقۇپ ئۈستىگە ئالمىغاندىن كېيىن ئىنسان ئۇنى ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى(يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ(ئېغىرلىقى)دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى“{سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 72-ئايەت}.
شۇڭا ئەمەللەرنى تەكلىپ قىلغاندەك ئادا قىلىش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامانەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارمۇ ئامانەت بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ئېرى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ، ئايالى ئېرى بىلەن بىرگە بولۇپ، كېيىن ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارىلىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىلەرنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 58-ئايەت}.
رەسۇلۇللاھمۇ: ”ساڭا ئامانەت قويغان ئادەمگە ئامانىتىنى تولۇق قايتۇر، ساڭا خىيانەت قىلغان ئادەمگە سەن خىيانەت قىلما“(تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) دېگەن. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ئامانەتنى تەلەپ بويىچە قايتۇرماسلىق، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىش مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ: ”ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىدۇ“ دېگەن. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئامانەت قويۇلغان ۋە ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىلەرنى ئىگىسىگە تولۇق قايتۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى ئاللاھ بەرگەن ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ، ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ناچار، پەسكەش ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.
3.ئىپپەتلىك، ھايالىق بولۇش. ھارامدىن ئۆزىنى تارتىش مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاق بىلەن سۈپەتلىنىشى ۋاجىب. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ”ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن“ دېگەن{سۈرە«نۇر»(24-سۈرە)، 33-ئايەت}.
ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەجىر-ساۋابنى ئۈمىد قىلىپ پاك ياشايدۇ، بۇزۇقچىلىقتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بۇزۇقچىلىق قىلىش ئېغىر گۇناھ بولغاندىن سىرت، ئەيدىزگە ئوخشاش ئەجەللىك كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى— نەپسىنى يىغىپ زىنادىن ساقلىنىش. بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن ساقلانغانلار ئاخىرەتتە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ”چىرايلىق ئايال چاقىرسا، مەن ھەقىقەتەن ئاللاھتىن قورقىمەن دېگەن ئەر“لەرنى شۇ كىشىلەردىن ھېسابلىغان.
ھايا قەبىھ ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە ئۈندەيدىغان مەنىۋى كۈچ بولۇپ، ئۇ ئىنسان بىلەن گۇناھ-مەئسىيەت ئوتتۇرىسىدا قالقان بولىدۇ ھەم شۇ ئىنساننى ئاللاھنىڭ ھەققىگە سەل قاراشتىن توسىدۇ. ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە ”ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچە، ئۇنىڭ ئەۋزىلى ’لا ئىلاھە ئىللەللاھ‘، ئۇنىڭ ئەدناسى(كىشىلەرگە زەرەر يەتكۈزىدىغان) نەرسىلەرنى يولدىن ئېلىۋېتىش. ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن. شۇڭا ئىمان مۇسۇلماننىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭگەندە ھايا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلالايدۇ. ھايا گۈزەل ئەخلاق بولغاچقا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئاللاھمۇ ھايالىق بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ھايا قىلىشنىڭ ھەممىسى ياخشى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”ئاللاھ ھەقىقەتەن ھايالىقتۇر، ئىپپەتلىكتۇر، ھايالىق ۋە ئىپپەتلىك بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ“(ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) دېگەن. ھايانىڭمۇ يۇقىرى-تۆۋىنى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى ئاللاھتىن ھايا قىلىشتۇر. رەسۇلۇللاھ: ”سىلەر ئاللاھتىن ھەقىقىي يوسۇندا ھايا قىلىڭلار“ دېگەندە، كىشىلەر: ”ئاللاھقا شۈكرى، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ھايا قىلىۋاتىمىز“ دېگەن. رەسۇلۇللاھ: ”ئىش ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ئاللاھتىن ھەقىقىي ھايا قىلىدىكەن، باش ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەزالارنى ساقلىسۇن؛ قورساق ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەزالارنى ساقلىسۇن، ئۆلۈم ۋە مۇسىبەتنى ئەسلىسۇن؛ كىمكى ئاخىرەتنى ئىختىيار قىلسا دۇنيانىڭ زىننىتىنى تەرك ئېتىدۇ، كىمكى ئاشۇنداق(يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك) قىلسا، ئاللاھتىن ھەقىقىي ھايا قىلغان بولىدۇ“(تىرمىزى، ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
4.تەمەخورلۇقتىن قول ئۈزۈش. تەمەخورلۇقتىن قۇتۇلۇش، تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىش، ھالال ئەمگىكى بىلەن ئاللاھتىن رىزىق تىلەشمۇ مۇھىم ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 273-ئايەت}. رەسۇلۇللاھمۇ: ”بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى. ئىشنى ئائىلەڭدىن باشلا. سەدىقىنىڭ ياخشىسى باي ۋاقتىدا بەرگەن سەدىقىدۇر. كىمكى ئۆزىنى ئىپپەتلىك تۇتسا ئاللاھ ئۇنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ. كىمكى ئۆزىنى(باشقىلاردىن) بىھاجەت تۇتسا، ئاللاھ ئۇنى بىھاجەت قىلىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. بۇ ئايەت، ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، تەمەخورلۇق، تىلەمچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش، ئۆز غۇرۇرى ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاش شۇ مۇسۇلماننى تېخىمۇ ئەزىز قىلىدۇ. تىلەمچىلىك قىلىشتىن ساقلانغانلار ئوخشاشلا ئۆزىنى ئىپپەتلىك تۇتقانلار قاتارىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.
5.سېخىي بولۇش. سېخىيلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەم ياخشى خىسلەتلىرىدىن بولۇپ، خەير-ساخاۋەتنى ھەر قانداق جەمئىيەت، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ، تەشەببۇس قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ سېخىيلىق، مەردلىكنى بىزلەرگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ”رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ سېخىي ئادەم“ دېگەن. ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنى سېخىيلىق بىلەن سۈپەتلەپ، ئۇلارغا نائىل بولىدىغان مۇكاپات ھەققىدە: ”ماللىرىنى كېچە-كۈندۈز(يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير-ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا(ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 274-ئايەت} دېگەن. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ بىر سۈپىتى سېخىيلىقتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ سۈپەت ئارقىلىق ئالىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مېھمانلارنى، قوشنىلارنى كۈتۈشمۇ سېخىيلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن، مېھمىنىنى كۈتسۇن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېگەن. خەير-ئېھسان قىلىش، سېخىيلىق قىلىش بېخىللىق قىلىشتىن مىڭ مەرتىۋە ئەۋزەل بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”ئى ئادەم بالىسى! سەن ئەگەر ئارتۇقىنى سەرپ قىلساڭ، سەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى؛ ئەگەر بېخىللىق قىلساڭ، سەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياماندۇر“(مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
ئىنسان قانداق چاغدا خەير-ئېھسانغا پۇل سەرپ قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير-ئېھسان قىلىسىلەر(يەنى خەير-ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار). ماللىرىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ(يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 272-ئايەت}.
رەسۇلۇللاھ سېخىي بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختىلىپ: ”ئاللاھ ’ئى ئادەم بالىسى! خەير-ئېھسان قىل، خەير-ئېھسان قىلىنىسەن‘ دەيدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
6.ۋاپادار بولۇش. ۋەدىگە، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئاللاھ بۇيرۇغان گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ”ئى مۇئمىنلەر! ئەھدىلەرگە(يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 1-ئايەت} دېگەن. بۇ ئايەتتىكى ئەھدىگە ۋاپا قىلىش نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى بارلىق ئەھكاملارغا بويسۇنۇش ئەھدىگە يۈكسەك دەرىجىدە ۋاپا قىلىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر پۈتۈن، مۇكەممەل، توغرا بىر ئىزغا سالىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئېلىم-سېتىم، ۋەدە، نىكاھ قاتارلىق ئىشلاردىكى شەرت، ۋەدىلەرگە ۋاپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە ئۈچ تۈرلۈك سۈپەتنى ئېنىق ئېيتقان، ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتۇر. بۇ قىلىقنى ھەر قانداق جەمئىيەت، ھەر قانداق شەخس مۇتلەق ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىشى، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشى، ئەھدىگە سادىق بولۇشى، لەۋزى ھالال ياشىشى لازىم.
7.ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىش. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ھەقىقەتەن پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى پەيغەمبەرلەرنى بۇيرۇغان نەرسىگە بۇيرۇدى. شۇڭا ئاللاھ: ’ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار‘{سۈرە «مۇئمىنۇن»(23-سۈرە)، 51-ئايەت}؛ ’ئى مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار‘ {سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 172-ئايەت} دېگەن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
شۇڭا ھالال كەسىپ قىلىش، ھارام ئىشنى تەرك ئېتىش، ھالال بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز بولۇپ، مۇسۇلمانلار ھالال رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى، ھارامدىن يىراق قېچىشى كېرەك. ئىبادەتلەر، سالىھ ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولۇشى ئىچكى-تاشقى پاكلىققا باغلىق. ئەگەر تاپقىنى ھارام بولسا يېگەن-ئىچكىنىمۇ ھارام بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ پاك بولۇش، دۇرۇس بولۇشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ھالال كەسىپ، توغرا يوللار ئارقىلىقلا پاك رىزىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
8.قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلىش. قوشنىسىغا ئەخلاقلىق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئەمەلدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا(يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار“{سۈرە«نىسا» (4-سۈرە)، 36-ئايەت}.
رەسۇلۇللاھمۇ قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ: ”تەقۋادار بول، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى بولىسەن؛ قانائەتچان بول، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ شۈكرى قىلغۇچى بولىسەن؛ ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەننى كىشىلەرگىمۇ ياخشى كۆر، مۇئمىن بولىسەن؛ قوشناڭنىڭ قوشنىسىغا ياخشىلىق قىل، مۇسۇلمان بولىسەن“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
دېمەك، قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر. قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئورتاق پايدىلانغىلى بولىدىغان نەرسىلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ روناق تېپىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”تۆت تۈرلۈك نەرسە بەخت-سائادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئۇلار سالىھ ئايال، ئازادە ئۆي، ياخشى قوشنا، مىنىدىغان ئۇلاغ(قاتناش قۇرالى)تىن ئىبارەت“(ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان).
9.ھاجەتمەنلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش. ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”بەندە قېرىندىشىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ بەندىگە ياردەم بېرىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ بەندىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). موھتاجلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ئىنسانپەرۋەرلىك، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى جەھەتتىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. رەسۇلۇللاھ: ”تۇل خوتۇن ۋە يېتىملارغا ياردەم بەرگۈچى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلغۇچىغا ئوخشاش“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. مۇسۇلمانلار ئاشۇنداق ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىدۇ ھەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېغىر-بېسىق بولۇش، ئەپۇچان، كەڭ قورساق بولۇش، باشقىلارغا كۆيۈنۈش، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇتۇشتىن ساقلىنىش، سەۋرچان بولۇش، مېھرىبان بولۇش، كەمتەر بولۇش...قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاقلار ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم؛ شۇنداقلا جەمئىيەتتە ياخشى ئادەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى كەيپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!
 (ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر