باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەقىدە-ئىمان

ئىسلامدا ئېھسان

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-24   

ئادىل ھاجى كېرىم

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئېھسان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ”ياخشى ئىش قىلىش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، بىر ئىشنى ياكى بىر نەرسىنى ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە قىلىشقا تىرىشىش“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتىكى ئىستېمال مەنىسىدە ”ئاللاھقا خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئىبادەت قىلىش، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ“ دەپ بىلىشتىن ئىبارەت.

ياخشى ئەمەللەرنى زور قىزغىنلىق بىلەن قىلىشقا ئالدىراش ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ مۇھىم بىر ئاساسىدۇر، ئېھساندا باشقىلارنىڭ ھەققىنى تېخىمۇ ئارتۇق بېرىپ، ئۆز ھەققىنى ئېلىشتا تېخىمۇ ئازايتىپ ئېلىش روھىيىتى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ئېھسان كەلىمەسى ھەرخىل تۈرلىنىشلەردە كېلىپ جەمئىي 195 قېتىم زىكرى قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېھسان دېگەن سۆز 12 قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، ئېھسان قىلىشنىڭ ئىسلامدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ھەقىقەتەن(كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 90-ئايەت}.

قۇرئان كەرىمدە ئېھسان كەلىمەسى ھەم ئاللاھقا، ھەم ئىنسانلارغا نىسبەت قىلىنىپ، 70تىن ئارتۇق ئايەتتە بەزىدە مەسدەر(سۆز يىلتىزى) شەكلىدە، بەزىدە پېئىل ۋە ئىسىم شەكلىدە تۈرلىنىپ زىكرى قىلىنغان، بۇ كەلىمە ئاللاھقا نىسبەت قىلىنغاندا، بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىلەرنى مۇكەممەل، چىرايلىق قىلىپ ياراتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ: ”ئۇ(ئاللاھ تائالا) ھەممە نەرسىنى چىرايلىق(يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق، جايىدا) ياراتتى“{سۈرە«سەجدە»(32-سۈرە)،7-ئايەت}؛ ”ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى“{سۈرە«تەغابۇن»(64-سۈرە)، 3-ئايەت}.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە بولغان لۇتفى-كەرەمى ۋە مېھىر-شەپقىتىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى بايان قىلىنىدۇ: ”ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت}؛ ”كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (ئاللاھ)ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق(يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ“{سۈرە«تەلاق»(65-سۈرە)، 11-ئايەت}.

بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئېھساننى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت قىلىپ: ”ئى رەببىم! مېنى چىرايلىق سۈرەتكە كىرگۈزۈپ ياراتقىنىڭدەك، ئەخلاقىمنىمۇ چىرايلىق قىلغىن“ دەپ دۇئا قىلاتتى، بۇ دۇئادا ئېھسان كەلىمەسىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى مەنە جەھەتتە بىرلىك ھاسىل بولغان.

ئېھسان كەلىمەسى ئىنسانغا نىسبەت قىلىنغاندا، ”بىر ئىشنى ياكى بىر نەرسىنى ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە قىلىش“، ”ئاللاھقا ئىخلاسمەن-تەقۋادار بولۇش“ دېگەن مەنىلەردە كېلىپ، بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئىتائەت روھى ۋە بۇ روھىي ھالەتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

دېمەككى، مۇئمىن مۇسۇلمان ئىبادەتنى ھەممە شەرتلىرى ۋە ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئورۇندىغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى جىمى تەلەپلىرى ۋە ئەدەپلىرى بىلەن مۇكەممەل ئادا قىلغاندا، ئۆزى خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ، تائەت-ئىبادەتنى ھۇزۇرى قەلبى بىلەن ئادا قىلىپ، ئىبادەتنىڭ ھېكمىتى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ھۇزۇرلىنىدۇ، ھەر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن چىرايلىق رەۋىشتە ئورۇندايدۇ، ئىخلاسمەنلىك-تەقۋادارلىقنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىشقا تىرىشىدۇ، ناشايان ۋە ناپاك ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ، شۇڭا ئىسلام ئەخلاقىدا ئېھسان قىلىش ھەم قىزغىن تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ھەم ئېسىل پەزىلەتلىك ئەمەل دەپ قارىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېھسان ساھىبى بولغان مۇھسىنلار(ياخشىلىق قىلغۇچىلار)نى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا مۇشەررەپ قىلىدۇ، مانا بۇ ئېھسان قىلغۇچىلارنىڭ شاراپىتى ۋە ئالىي مەنزىلىدۇر. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن(ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ“{سۈرە«يۈسۈف»(12-سۈرە)، 90-ئايەت}؛ ”ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر“{سۈرە«نەھل» (16-سۈرە)، 128-ئايەت}؛ ”ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 56-ئايەت}؛ ”ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 195-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىمۇ ئېھسان قىلىشنىڭ مۇسۇلماننىڭ ھەممە ئىشلىرىدا نامايان تېپىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان، شۇڭا رەسۇلۇللاھ: ”ئاللاھ تائالا ئېھساننى جىمى نەرسىلەرگە پۈتۈۋەتكەن“ دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام دىنى ئېھساننى ئەدەپ-ئەخلاق دەپلا قارىماستىن، بەلكى ئۇنى ئەقىدىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ چوڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ، چۈنكى، ئىسلام دىنى ئۈچ ئىش ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھسان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرىشتە جىبرىئىلنىڭ ئېھسان توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا: ”ئېھسان دېگەن ئاللاھقا خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش، ئەگەر سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ“ دەپ جاۋاب بېرىپ ساھابىلەرگە: ”ئۇ پەرىشتە جىبرىئىل بولىدۇ، ئۇ كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن“ دەيدۇ(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھساننىڭ مۇسۇلمان ئەقىدىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئېھسان قىلىش ئىبادەتتە ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇسۇلمان بەندە ئاللاھ تائالا ئەمر قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى چوقۇم ئاللاھ رازى بولىدىغان يولدا ئىخلاسمەن-تەقۋادارلىق بىلەن ئادا قىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامانلىقتىن توسۇشى، ئاللاھ بەندىلەرگە ياخشىلىق قىلغاندەك، بەندىلەرمۇ بىر-بىرىگە ياخشىلىق قىلىشى، ئېھسان قىلىش يوللىرىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ، پەزىلەتلىك مۇئمىن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى لازىم.

ئېھسان قىلىش يەنە تۆۋەندىكى يوللار بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:

1. جىسمانەن مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئېھسان قىلىش

جىسمانىي جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، زىيانلىقنى دەپئى قىلىشقا ئادەتلىنىش ئېھسان ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن يولدىكى كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھەم تەشەببۇسى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دەيدۇ: ”ئىنسان ئۆز بەدىنىدىكى ھەربىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن ھەر كۈنى سەدىقە بېرىپ تۇرۇشى لازىم، ئىنساننىڭ ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل بولۇشى سەدىقە ھېسابلىنىدۇ، بىر كىشىنىڭ ئۇلاغقا مىنىشىگە ياردەملىشىشى، ئاندىن يۈك-تاقىنى ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ بېرىشى سەدىقە بولىدۇ، ياخشى سۆزمۇ، ناماز ئوقۇشقا ماڭغان ھەربىر قەدەممۇ سەدىقە بولىدۇ، يولدىكى ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىنى ئېلىۋېتىشمۇ سەدىقە بولىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

2. پۇل-مال بىلەن ئېھسان قىلىش

ئاللاھ تائالا بەندىگە رىزىقنى مول ئاتا قىلغان ئىكەن، بەندە بۇ شۈكرانە نېمەتكە شۈكۈر قىلىپ، ئۇنى ئۆز جايىدا سەرپ قىلىشى، يەنى يېتىم-يېسىر، ئاجىز-موھتاجلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشى، ئاچ قالغانلارغا ئاش-نان بېرىشى، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشى لازىم. مانا بۇلار پۇل-مال جەھەتتىكى ئېھساندىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ تەلىم بېرىدۇ: ”ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت}.

3. ئىلىم بىلەن ئېھسان قىلىش

ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئىلىم ئۆگىتىش ئىسلام دىنى تەرغىب قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىلەردىن بىرى، چۈنكى، بۇ تۈردىكى ئېھسان كىشىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتكە مۇشەررەپ قىلىدۇ، ئىلىم ئۆگەنگەن كىشى ئاللاھ تائالاغا ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلىتىپ تائەت-ئىبادەت قىلىدۇ، شۇڭا ئىلىم بىلەن ئېھسان قىلىش، بىلمىگەنگە ئىلىم-بىلىم ئۆگىتىش، ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا يېتەكلەش ئېھسان مەنزىلىگە يېتىشنىڭ مۇھىم بىر ئاساسىدۇر.

4. ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيى مۇنكەر بىلەن ئېھسان قىلىش

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۈممىتى ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشى ئۈممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە پەزىلەتلىك بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ تۇتۇشى، ھەممە ئىشتا كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامانلىقتىن توسىدىغان بولۇشى كېرەك. خۇددى قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغاندەك: ”(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 110-ئايەت}.

شۇنداق ئىكەن، مۇئمىن مۇسۇلمان بەندە كىشىلەرگە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا ئۈندەپ، يامان ئىشتىن توسۇشى، ئۆزىنى ئىلىم-ھېكمەت بىلەن ھازىرلىشى، باشقىلاردىن كەلگەن ئەزىيەتكە سەۋر قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تەلىم بېرىلگەن: ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار(يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار)بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 125-ئايەت}؛ ”(كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 17-ئايەت}.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەممۇ يامان ئىللەتلەرنى توسۇشتا ئۈچ باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچتا نەتىجە ھاسىل بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۈچىنچى باسقۇچتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەمر قىلغان: ”سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن؛ ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا، سۆزى ئارقىلىق توسسۇن؛ بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، ئۇنىڭغا دىلىدا نارازى بولسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئېھسان قىلىش تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا تەشەببۇس قىلىنىدۇ:

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرۇغاندىن كېيىنلا يەنە سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى زىكىر قىلغان: ”ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا(يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 36-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇسۇلمان بەندىنىڭ ھەممە جەھەتتە ئېھسان قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

1.ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن، ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرۇپ، ئۇ ئىككىسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىپ، ئاتا-ئانىنىڭ ئىسلامدىكى يۈكسەك ئورنىنى نامايان قىلدى: ”(ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 14-ئايەت}.

دېمەك، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش — ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش، خەيرلىك يەتكۈزۈش، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەش، ئۇلارغا دۇئا قىلىش ۋە مەغپىرەت تىلەش، ۋەدىلىرىنى ئورۇنداش، ئۇلارنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەھدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2.ئۇرۇق-تۇغقانلارغا نىسبەتەن، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارغا يامانلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق.

3.يېتىملەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قوغداش، ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئۇلارنى پەس كۆرمەسلىك، ئۇلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى سىلاش.

4.مىسكىن-كەمبەغەللەرگە نىسبەتەن، ئۇلارغا ئاش-نان بېرىش، باشقىلارنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەش، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش، ئۇلارنى پەس كۆرمەسلىك، ئۇلارغا يامانلىق يەتكۈزمەسلىك، ئۇلارنى بىر ئىشقا مەجبۇرلىماسلىق.

5.قولۇم-قوشنىغا نىسبەتەن، ئۇلارغا گەپ-سۆز ئارقىلىق زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئۇلار ياردەم سورىسا ياردەم بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، خۇشال بولسا مۇبارەكلەش، مۇسىبەتكە ئۇچرىسا كۆڭۈل بۆلۈش، موھتاج بولسا مەدەت بېرىش، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش، قوشنىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش، تاملىرىغا بىر نەرسە يۆلەپ قويۇشتىن چەكلىمەسلىك، ئۆزئارا ئالاقىدار نەرسىلەرنى مەسلىھەت سورىماي ساتماسلىق ياكى ئىجارىگە بەرمەسلىك قاتارلىقلار.

6.مۇساپىرغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش، ئۇلارغا دوستلۇقنى يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۇلار يول سورىسا دەپ بېرىش، ئازغان بولسا توغرا يولغا باشلاپ قويۇش.

7.ئۆي خىزمەتچىسىگە ياكى قول ئاستىدىكىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ۋاقتىدا بېرىش، ئۇلارنى زۆرۈر بولمىغان ياكى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلىماسلىق، ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش.

8.ئومۇمىي خەلققە نىسبەتەن، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، گەپ-سۆزدە گۈزەل بولۇش، چىرايلىق مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، توغرا يولغا باشلاش، بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىش، ئۇلارغا ھەققانىي بولۇش، زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بارلىق ھۆل جىگەر ئىگىسىگە قىلغان ياخشىلىققا ئەجىر بار“(ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

9.ئەر-ئايالغا ئورتاق بولغان ھەقلەرگە نىسبەتەن، ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەت ئورنىتىش، ھوقۇقتىن ئەر-ئايال ئوخشاش بەھرىمەن بولۇش، بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇش، كۆيۈنۈش، ئۆزئارا سەمىمىيلىك ۋە دۇرۇسلۇقتا قىلچە گۇمان بولمايدىغان ئىشەنچ ھاسىل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 237-ئايەت}؛ ”ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 19-ئايەت}.

10.ھايۋانلار ئاچ، ئۇسسۇز قالغاندا يەم بېرىش ۋە سۇغۇرۇش، كېسەللىرىنى داۋالاش، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماسلىق، ئىشلەتكەندە كۆيۈنۈش، ھېرىپ قالسا ئارام ئالدۇرۇش. ھەتتا ئۇلارنى بوغۇزلىغان ۋاقتىدا قوپاللىق قىلماسلىق، ھېسداشلىق قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئېھسان جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، ئۆلتۈرسەڭلار چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار، بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، بوغۇزلىنىدىغان مالنىڭ جېنىنى قىيناپ قويماسلىق ئۈچۈن، پىچىقىڭلارنى ئوبدان بىلەڭلار“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئومۇمەن، ئىسلام دىنى ھەممە ئىشتا ئېھسان قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەمەل-ئىبادەتنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغان مۇئمىن بەندىسىنى دوست تۇتىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ تەلىم بېرىدۇ: ”ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت}.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر