باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئەدەپ-ئەخلاق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر ئەينەك. ئۇ ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر. ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى، يۈكسەك مەدەنىي جەمئىيەت تەرتىپى ئورنىتىشنىڭ تۈۋرۈكىدۇر. ھەرقانداق ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە يۈكسەك ئىش-ھەرىكىتى بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ياخشى ئەمەل. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئەر-ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە(دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 97-ئايەت}.

رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەنىدى: ”بۇ دۇنيايىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن گويا مەڭگۈ ياشايدىغاندەك، ئاخىرىتىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن گويا ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك“. مانا بۇ ئەخلاق ئىدىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىدۇر، يەنى مۇسۇلمانلارنى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بۇ دۇنيالىق ئىشلار ئۈستىدە ئاخىرەتلىك روھ بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. شۇنىڭدەك، ئەخلاق ئىنساننىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى كۆرۈنۈشى بولغاچقا كىشىلەر گۈزەللىكنى ئايرىغاندەك ئۇنىڭ چىرايى ياكى قامىتىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى بولغان ئەخلاقىغا قارايدۇ. ئاتىلار ئەخلاق توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئەدەپ-ئەخلاق بىباھا ئۈزۈككى، ئەگەر ئۇ كىمنىڭ تەسەررۇپ بارمىقىغا مۇۋاپىق كەلسە، ئۇنىڭ ئابرۇيى يۈكسىلىدۇ. دېمەك، ئەخلاق ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ نام-شەرىپىنى تونۇتىدىغان قىممەتلىك ئۈزۈك. بۇرۇنقىلار ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى ئەمەس، ئەدەپ-ئەخلاقى بولمىغان ئادەمنى يېتىم دېگەن. بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئەخلاق كاتېگورىيەسى بولىدۇ. شۇنداقلا بىز مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس گۈزەل ئەخلاق مىزانىمىز بار. شۇڭا بىز ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ”ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 103-ئايەت} دېگىنىدەك ئاشۇ ئەخلاق ئۆلچىمىمىزنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا بىز ئۆز ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزگە نەزەر تاشلايلى: بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىز زادى نېمە؟ ئەلۋەتتە، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىم.

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە، كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆيىگە رۇخسەتسىز كىرىۋېرەتتى. ئىمام سەئلەبىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئەنسارىلاردىن بولغان بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ شىكايەت قىلىپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ، بىز بەزى ۋاقىتلاردا ئۆيلىرىمىزدە يېلىڭ كىيىملەرنى كىيگەن ھالەتتە ئولتۇرىمىز، ئۇ ھالەتتە كىشىلەرگە كۆرۈنگىمىز كەلمەيدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر گاھىدا خەۋەر بەرمەي ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كېلىدۇ ۋە بىزنى شۇ ھالەتتە كۆرىدۇ. بىز خىجالەتتە قالىمىز“ دېدى. ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ”ئى مۇئمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە(كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار. ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىڭلار(يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق-ئەدەپكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ(يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«نۇر»(24-سۈرە)، 2728-ئايەت}.

ئى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار! مانا بۇ ئايەتتىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاللاھ تائالا بىزگە كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرگەن چاغلىرىمىزدا ئۆي ئىگىلىرىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تەپسىرشۇناس ئالىملار بۇ ئايەتتىكى ”رۇخسەت سوراڭلار“ دېگەن بۇيرۇق سۆزدىن رۇخسەت سورىماي كىرىشنىڭ ھاراملىقىغا ھۆكۈم چىقاردى ۋە يەنە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر(سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: ’ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار‘ دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە(رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە(باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): ’ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار‘ دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر“{سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)، 11-ئايەت}.

ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا بىزگە سورۇنلاردا باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ياكى كېڭەيتىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغۇچىلارغا ئاللاھ ئۆز رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى كەڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە نەزەر سالساق: ئاپتوبۇسقا چىققان چېغىمىزدا چوڭلارغا، ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش توغرىسىدا يېزىلغان تەشۋىقات سۆزلىرىنى كۆرىمىز، بىراق ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنى خالىماي ئولتۇرغان ياشلىرىمىزنىمۇ ئۇچرىتىمىز، بۇ گەرچە كىچىك ئەھۋالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەخلاقسىزلىق، چاكىنىلىق.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار(يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ دەڭلار)، ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار. يەنى(ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن(يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 86-ئايەت}.

ئاللاھ بۇ ئايەتتە بىزنى ئۆزئارا سالاملىشىشقا، سالاملاشقاندىمۇ ئەخلاقسىز كىشىلەردەك ئەھۋال سوراپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەي بەلكى ئۆزئارا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەش ئارقىلىق سالاملىشىشقا چاقىردى. چوڭلارنى كۆرگەندە سالام بېرىش، ئەھۋاللىشىش ئېسىل ئەخلاق. بەزى ياشلار يوللاردا، كوچا-كويلاردا چوڭلارنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى كۆرگەندە سالاملىشىشنى بىلمەيدۇ، ھەتتا تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ كېتىۋىرىدۇ.

خەلقىمىز ئىچىدە ”ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس“ دېگەن بىر مەشھۇر سۆز بار. ئاتىلىرىمىز ھەم شۇنداق دەيدۇ: ”كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولاي دېسەڭ، ئىلگىرىكىلەردىن ئۆگەن ۋە ئۇلارنى ئۇستاز تۇت“.

قېرىنداشلار! ئاللاھ بىزگە قۇرئان كەرىم ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگەتتى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت}.

ئاللاھنىڭ سۆزى ھەق، رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە زات بولۇپ، تىللاردىن-تىللارغا داستان بولۇپ كەلمەكتە. ھەممىمىزگە ئايان، ئەينى چاغدا رەسۇلۇللاھ بالىسىنىڭ قەبرىسى يېنىدا يىغلاپ ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇ ئايالغا: ”تەقۋادار بولۇڭ، سەۋر قىلىڭ“ دەپ نەسىھەت قىلدى. ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇمىغانلىقتىن: ”ماڭا كەلگەن مۇسىبەت، خاپىلىق ساڭا كەلمىدى. مېنىڭ يېنىمدىن يىراق تۇر“ دەپ رەسۇلۇللاھقا قوپاللىق بىلەن رەددىيە بەردى. رەسۇلۇللاھ كەمتەرلىك ۋە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن گەپ تالاشماي ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئۇ ئايال ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قوپاللىق قىلغانلىقىغا خاپا بولماي، ”مۇسىبەت كەلگەن چاغدىلا سەۋر قىلسىڭىز ياخشى بولاتتى“ دەپ سەۋر قىلىشنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئېسىل پەزىلەت، ياخشى ئەمەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.

يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ھەبەش ئىسىملىك بىر قۇل ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىمان ئېيتىپ كەلگەن چېغىدا ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى. يەنە رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ۋاپاتى يېقىنلاشقان چاغدا ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ خۇتبە سۆزلىدى، بۇنىڭدىن قەلبلەر تىترەپ كەتتى، كىشىلەر يىغلىشىپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ خۇتبە ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ”ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى، مەن سىلەرگە پەيغەمبەر ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ تەرەپكە چاقىرغۇچى بولدۇم. مەن خۇددى سىلەرگە بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ۋە مېھرىبان دادىدەك بولۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا زۇلۇم قىلىنىپ قالغان بىرەر كىشى بولسا قىيامەت كۈنىدىكى قىساسىدىن ئىلگىرى مەندىن قىساسىنى ئېلىۋالسۇن“. بۇ سۆزنى رەسۇلۇللاھ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئۈچىنچى قېتىمدا ئوكاش ئىبنى مۇھس دېگەن كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ بار، ئەگەر بۇ گەپنى تەكرار-تەكرار دېمىگەن بولسىڭىز مەنمۇ دېيىشكە مەجبۇر بولمايتتىم، بىر ئۇرۇشتا مەنمۇ تۆگىلىك ئىدىم، سىزمۇ تۆگىگە مىنىۋالغان ئىدىڭىز، مەن سىز بىلەن بىرگە مېڭىش ئۈچۈن تۆگەمدىن چۈشۈپ يېنىڭىزدا ماڭغان ئىدىم. سىز تۆگىنى ئىتتىكلىتىش ئۈچۈن قامچىڭىزنى كۆتۈردىڭىز، قامچىڭىز دۈمبەمگە تەگدى. بىلمىدىم، سىز مېنى ئۇرماقچىمىدىڭىز ياكى تۆگىنىمۇ؟“ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئىككىلەنمەي: ”ئى بىلال، پاتىمەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېنىڭ قامچامنى ئېلىپ كەل“ دېدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ”ئوكاش رەسۇلۇللاھتىن قىساس ئېلىشقا قانداق چىدايدىغاندۇ“ دېگەچ بېشىنى سالغان ھالەتتە مەسچىتتىن چىقىپ، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنىڭ قامچىسىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھقا ئەكىلىپ بەردى. رەسۇلۇللاھ قامچىنى ئوكاشقا بېرىپ: ”قىساسىڭنى ئېلىۋال“ دېدى. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ”ئى ئوكاش، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ بېرەيلى، بىزنى ئۇرۇۋال“ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككىسىگە: ”ئولتۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى بىلدى“ دېدى. ئاندىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: ”ئى ئوكاش، مەن ھايات تۇرۇپ رەسۇلۇللاھتىن بىرەرسىنىڭ قىساس ئېلىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن“ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ”ئى ئەلى، ئاللاھ سېنىڭمۇ نىيىتىڭنى بىلدى، سەنمۇ ئولتۇرغىن“ دېدى. ئاندىن ھەسەن بىلەن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: ”ئى ئوكاش، سەن بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ قىساس ئېلىش ئىشلىرىغا بىز ئىگە، شۇڭا بىزدىن ئالغىن“ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغىمۇ: ”ئى مېنىڭ كۆز قارىچۇقلىرىم، سىلەرمۇ ئولتۇرۇڭلار“ دېدى-دە: ”ئى ئوكاش، ئۇرۇۋالساڭ ئۇرۇۋال“ دېدى. مەسچىتتىكى بارلىق ساھابىلەر ھۆركىرىشىپ يىغلىشىپ كەتتى. ئوكاش رەسۇلۇللاھقا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! قامچىلىرى مېنىڭ يالىڭاچ دۈمبەمگە تەگكەن ئىدى“ دېدى. رەسۇلۇللاھ دۈمبىسىنى ئېچىپ بەردى. ئوكاش يۈگۈرگەن پېتى بېرىپ رەسۇلۇللاھنى قۇچاقلىۋالدى ۋە: ”ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ سىلىدىن قىساس ئېلىشقا قانداقمۇ يۈرىكىم چىدىسۇن، مېنىڭ مەقسىتىم جىسمىمنى سىلىنىڭ مۇبارەك تەنلىرىگە تەگكۈزىۋېلىش، شۇنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئاللاھ مېنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قالسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن“ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ”جەننەتكە كىرگەن كىشىنى كۆرمەكچى بولغانلار بۇ كىشىگە قارىسۇن“ دېدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوكاشنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى ۋە ”خوش مۇبارەك بولسۇن“ دېيىشتى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئاللاھ بىزگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن ئۇ زات نېمە دېگەن ئەخلاقلىق! ئۇنىڭ ئەخلاقى نېمە دېگەن گۈزەل! ئۇ زات نۇرغۇن قېتىم ئۆزىگە ئەزىيەت يەتكۈزگەن كىشىلەرنى كەچۈرۈۋەتتى ھەم چىدىغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئۇ نېمە دېگەن سەۋرچان زات!

مۇسۇلمان قېرىنداشلار، رەسۇلۇللاھ سەللەھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ پەزىلەتلىرىدە ئىسلام دىنى تەرغىپ قىلىدىغان جىمى گۈزەل ئەخلاقلار مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن. بىز مۇسۇلمانلار چوقۇم ھەر ۋاقىت ئۇ زاتنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇ زاتنىڭ ئالىيجاناب پەزىلەتلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز لازىم.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر