باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

قۇرئان ئوقۇشنىڭ قانداق ئەدەپ-قائىدىلىرى بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-14   

قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى:

(1) تاھارەت ئېلىش

قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، ۋەھيى ئىلاھىي كىتابىدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام ۋەز ۋە قىسسىلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر ﴾{سۈرە”ھۇد“ (11-سۈرە)، 1-ئايەت}. شۇڭا قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تاھارەت ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتقانكى: ﴿ شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. كىتابتا(يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ. ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر ﴾{سۈرە”ۋاقىئە“ (56-سۈرە)، 77—80-ئايەتلەر}.

(2) قۇرئاننى تەرتىل بىلەن دانە-دانە ئوچۇق ئوقۇش

قۇرئاننى ئوقۇش باشقا كىتابلارنى ئوقۇغانغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامى. شۇڭا، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن دانە-دانە ئوچۇق ئوقۇش، مۇھەببەت بىلەن ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىمام سۇيۇتى قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇش سۈننەت ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ قۇرئاننى تەرتىل بىلەن(يەنى دانە-دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن ﴾{سۈرە”مۇزەممىل“(73-سۈرە)، 2—4-ئايەتلەر}.

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ئۇممۇ سەلمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ قۇرئان ئايەتلىرىنى تەرتىل بىلەن دانە-دانە ئوقۇيتتى.

ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر ئادەم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان ئوقۇش ئەھۋالىنى سورىغاندا، ئۇ: (رەسۇلۇللاھ) قۇرئان ئايەتلىرىنى سوزۇپ ئوقۇيتتى، دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ”بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“نى ئوقۇپ، ”رەھمان“ۋە ”رەھىم“نى سوزۇپ ئوقۇيتتى.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم نەقىل قىلغان ھەدىستە، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، بىر ئادەم ئۇنىڭغا: مەن  ”بىر رەكئەت نامازدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ يەتتىدىن بىرىنى(يەنى سۈرە’ھۇجۇرات‘دىن سۈرە’ناس‘قىچە) ئوقۇپ چىقتىم“دېگەندە، ئىبنى مەسئۇد: ”بىر قىسىم ئادەملەر قۇرئاننى خۇددى شېئىر ئوقۇغاندەك تېز ئوقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى ئۇلارنىڭ گېلىدىن ئارتۇق ئۆتمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ قىرائىتى قەلبىدە يىلتىز تارتقان بولسا، ئۇ ھالدا قۇرئان ئۇنىڭغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن بولاتتى“دەيدۇ.

(3) قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇشنىڭ ياخشىلىقى

ئاللاھ تائالا قۇرئاننى نازىل قىلىپ، ئۇنى ئىنسانلارغا ھايات قىبلىنەماسى قىلدى. ئاللاھ تائالا قۇرئاننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىنساننى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن ھىدايەت نۇرىغا يېتەكلەشكە چاقىردى. قۇرئاننى تېز سۈرئەتتە ئوقۇش بۇ مەقسەتنى يورۇقلۇققا چىقىرالمايدۇ. ئايەتنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىش بۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. ئەرەب تىلىنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ تەجۋىد قائىدىسى بىلەن قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇيدىغانلا بولسا، دىلى يورۇپ ھۇزۇر تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر ﴾{سۈرە”ئەنفال“(8-سۈرە)، 2- ئايەت}.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر قۇرئاننى تېز سۈرئەتتە ئوقۇماڭلار، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن دانە-دانە ئوچۇق ئوقۇڭلار، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مۆجىزىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭلار، دىللىرىڭلار ئۇنىڭ تىلاۋىتىدىن تىترىسۇن، سىلەر قۇرئاننى ئوقۇش ئۈچۈنلا ئوقۇماڭلار“.

ئىمام زەركەشى مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇشنىڭ ھېكمىتى، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەربىر ھەرپىنى ئوچۇق ئوقۇشتىدۇر. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: قۇرئان ئايەتلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش، يەنى، ئاگاھلاندۇرۇشقا دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغاندا قورقۇنچ تۇيغۇسى بىلەن قىرائەت قىلىش، ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەگە دائىر ئايەتلەر ئوقۇلغاندا ھەمدى ئېيتقان ھېسسىياتتا قىرائەت قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر