باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

مۇسۇلمانلارنىڭ سۆھبەتلىشىش ئەدەپلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-12   

ئادىل ھاجى كېرىم

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، كىشىلەر بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە سۆزلىشىش ھەربىر مۇسۇلمان بەندىنىڭ قېلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى. ئاللاھ تائالانىڭ كالامى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە سەلەف سالىھىنلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ھەممە ئىشتا ئېھسان(ياخشىلىق) قىلىش، جۈملىدىن كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش، ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان سۆھبەتلىشىشنىڭ ئەدەپلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. باشقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش توغرىسىدا

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سۆھبەتلىشىش ئەدەپلىرى جەھەتتە بىزگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆھبىتى، گەپ-سۆزى ناھايىتى يېقىملىق، چۈشىنىشلىك ۋە پاساھەتلىك ئىدى. ئۇ زاتنىڭ سۆھبىتىدە ئورۇنسىز ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆھبەتكە ئالاقىسىز سۆزلەر، شۇنداقلا ئۈنلۈك سۆزلىشىش ۋە تالاش-تارتىش قىلىش ئەسلا بولمايتتى، كۈلۈشكە توغرا كەلسە تەبەسسۇم بىلەن كۈلەتتى، بىركىم سۆز قىلسا ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگىچە ئاڭلاپ تۇراتتى، ئۇ زاتقا ھەمسۆھبەتتە بولغان كىشىلەر سورۇندىن كەتمىگۈچە ئۇلارنى تاشلاپ كەتمەيتتى. ئىبنى ھىشامنىڭ «سەيرەتۇ نەبەۋىييە» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا مەككە مۇشرىكلىرى ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا سۆزلىشىپ كۆرىدىغانغا ئەۋەتكەنىكەن، ئۇ كېلىپ: ”ئى مۇھەممەد، مەن ساڭا بىر نەچچە تۈرلۈك مەسىلىنى ئېيتقىلى كەلدىم، قوبۇل قىلغىنىڭ ياخشى“ دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ: ”بولىدۇ، قېنى ئېيتىپ باق، ئاڭلاپ كۆرەي“ دەيدۇ. ئۇتبە: ”ئەگەر سەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان بۇ ئىش(ئىسلام دىنى)تىن مەقسىتىڭ مال-مۈلۈك ئىگىسى بولۇش بولسا، بىز مال-مۈلۈك توپلاپ، سېنى ھەممىمىزدىن باي قىلىۋېتەيلى، ئەگەر جامائەتكە باش بولۇش بولسا، سېنى ھەممىمىزگە باش قىلايلى، سېنىڭ پىكرىڭنى ئالماي ھېچبىر ئىش قىلىنمىسۇن. ئەگەر پادىشاھ بولۇش بولسا، بىز سېنى پادىشاھ قىلايلى…“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن رەسۇلۇللاھنى قىزىقتۇرۇپ، ئۇ زاتنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىن ۋاز كېچىشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ قوشۇق سالماي، گېپى تۈگىگىچە ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇ دېمەكچى بولغان مەقسىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئى ئۇتبە، سۆزىڭ تۈگىدىمۇ؟“ دەيدۇ(بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىشىش ئەدەپىگە دىققەت قىلايلى، ئۇ زات ئۇتبە سۆزىنى تۈگەتكىچە ئارىغا ھېچ گەپ سالماي ئەستايىدىل تىڭشىغان)، ئۇتبە: ”تۈگىدى“ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇنداقتا، ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن“ دەپ قۇرئان كەرىمدىكى «فۇسسىلەت»سۈرىسىنى باشلاپ ئون، ئون بىر ئايەت ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇتبە ئولتۇرالماي قېلىپ: ”بولدى سۆزىڭنى توختات“ دەيدۇ.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئمۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دەۋردە، ھاسىغا چۈشۈپ قالغان مەلۇم بىر ئادەم خەلىپە مەئمۇننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ھاجەتمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دەردىنى تۆكۈپتۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھاسىسى خەلىپە مەئمۇننىڭ پۇت بارمىقىنى بېسىپ تۇرغانىكەن، ئۇ كىشى بۇ ئىشتىن ھېچ خەۋەرسىز ئىكەن، خەلىپە مەئمۇنمۇ بىلمەسلىككە سېلىۋاپتۇ. بۇ ئادەم دەردىنىڭ ھەممىسىنى دەۋالغۇسى كېلىپ سۆزى ئۇزىراپ كېتىپتۇ، ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ ھاسىسى خەلىپە مەئمۇننىڭ پۇت بارمىقىنى بارغانسېرى قاتتىق بېسىپ قانىتىۋېتىپتۇ، لېكىن ئۇ ئادەم بۇنى ھېچ سەزمەي قاپتۇ، خەلىپە مەئمۇن يەنىلا ھېچ چاندۇرماي گېپىنى ئاڭلاپ تۇرىۋېرىپتۇ، ئۇ ئادەم دەردىنى ئېيتىپ تەلىپىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن رازىلىق بىلدۈرۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، خەلىپە مۇئمۇننىڭ يېنىدىكى ۋەزىرلەر: ”بىز سىزنىڭ شۈك تۇرۇۋالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئارىلىشىشقا پېتىنالمىدۇق، پۇت بارمىقىڭىزنىڭ قانىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغانىدۇق“ دەيدۇ. خەلىپە مەئمۇن: ”ئۇ ئادەمنىڭ قويغان تەلەپلىرى مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۈزۈلۈپ قېلىشنى كۆڭلۈم ياقتۇرمىدى“ دېگەنىكەن.

2. باشقىلارنىڭ سۆزىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا

مەشھۇر ئۇلىما ۋە زاھىد ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ: ”بىر كىشى ماڭا مەلۇم بىر بىلىم ئۈستىدە سۆز قىلدى، ھالبۇكى مەن بۇ بىلىمنى ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ياكى ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بېلەتتىم، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى گويا ئىلگىرى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغاندەك قىياپەتتە پۈتۈن زېھنىم بىلەن تىڭشىدىم“ دەيدۇ. ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەكنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ۋە كىشىنىڭ ئېيتقان-ئاڭلىغانلىرىنى ناھايىتى تەۋازۇلۇق بىلەن تىڭشىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئېسىل پەزىلىتى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئۆگىنىشمىزگە ئەرزىيدۇ. بۇ يەردە ئىبنى مۇبارەك قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە ھۆرمەت قىلغان، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى، ئۇ زات گەرچە ئاللىبۇرۇنلا بىلىدىغان بولسىمۇ، ھەم ئۇ كىشىدىن ئارتۇق ئالىم بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمىغان، بەلكى ناھايىتى ئەدەپلىك ۋە تەۋازۇلۇق بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشىغان.

3. باشقىلارغا ياخشى سۆز قىلىش توغرىسىدا

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز قەۋملىرىگە ۋە مۇشرىكلەرگە قانداق سۆھبەتتە بولغانلىقلىرىنى، ئۇلار بىلەن قانداق ئەدەپنى تۇتۇپ مۇئامىلىدە بولغانلىقلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا مۇسا بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى پىرئەۋىنگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇ ئىككىسىگە تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”پىرئەۋىننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى قورقۇشى مۇمكىن“{سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)، 43-، 44-ئايەت}.

«تەپسىر ئىبنى كەسىر»دە بۇ ئايەت شەرھلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا پىرئەۋىن ھەقىقەتەن بويۇنتاۋلىق ۋە چوڭلۇق قىلىشتا چېكىدىن ئاشقانىدى، ئاللاھ تائالا مۇسا بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى پىرئەۋىنگە مۇلايىم، يۇمشاق سۆزلەر ۋە ياخشى ئۇسلۇب بىلەن دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتكەن، دەپ بايان قىلىنىدۇ.

قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، سۆز-مۇئامىلىدە ئۇنىڭ بىلەن يۇمشاق، مۇلايىم بولۇش ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇسى، ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا مۇسا بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى پىرئەۋىنگە ئەۋەتىپ: ”ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار“ دېگەن. بۇ يەردە شۇ نەرسە روشەنكى، پىرئەۋىن پەزىلەتتە ئۇ ئىككى زاتتىن ئەۋزەل ئەمەس، لېكىن ئاللاھ ئۇ ئىككىسىنىڭ پىرئەۋىنگە يۇمشاق سۆز قىلىشىنى تاپىلىغان.

سۆھبەتلىشىش ئەدەپلىرى ئىچىدە سۆزلىگۈچىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ۋە ھۆرمىتىنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كىرىشكە ئىزنى سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن: ”ئۇ ئەسكى ئادەم، ئەسكى ئادەمنىڭ بالىسى“ دېدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش چىراي ئېچىپ مۇلايىم سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى، ئۇ ئادەم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن: ”ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلگەن چېغىڭدا: ’ئۇ بىر ئەسكى ئادەم‘ دېگەن ئىدىڭ، ئەمما ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن خۇش چىراي بىلەن قارشى ئالدىڭ“ دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ: ”ئى ئائىشە! مېنىڭ سەت گەپ قىلغانلىقىمنى قاچان كۆرگەن ئىدىڭ؟ شەكسىزكى، قىيامەت كۈنىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىسى ئەڭ تۆۋەن ئادەم، كىشىلەر يامانلىقىدىن قورقۇپ ئارىلاشمىغان ئادەمدۇر“ دېدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

رىۋايەت قىلىنىشىچە، تەلھە ئىبنى ئۆمەر: ”مەن ئەتائغا: ’سەن شۇنداق بىر ئادەمسەنكى، سېنىڭ ئەتراپىڭغا ھەرخىل مىجەز-خۇلق ۋە ھەۋەسلەردىكى كىشىلەر يىغىلىدۇ، مەن بولسام ئاچچىقى يامان بىر ئادەممەن، ئۇلارغا بەزىدە قوپال سۆز-مۇئامىلە قىلىپ قويىمەن‘ دېدىم“ دېگەندە، ئەتائ : ”ئۇنداق قىلمىغىن، ئاللاھ تائالا بىزگە: ’كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىڭلار‘{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 83-ئايەت} دېگەن“ دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان بەندىلەرنىڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ”بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ“{سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 53-ئايەت}. قۇرتۇبى بۇ ئايەت كەرىمنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ئايەت ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈستىدە نازىل بولغان، ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم بىر ئادەم ئۆمەرنى تىللىغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر دەرغەزەپتە ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بوپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىتنە پەيدا بولۇشقا تاسلا قالغانىكەن، شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تائالادىن: ”بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن“ دېگەن ۋەھيى نازىل بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمان جامائەسىگە خىتاب قىلىنغان، دەپ بايان قىلىدۇ.

«تەپسىر ئىبنى كەسىر»نىڭ مۇئەللىپى سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)نىڭ 125-ئايىتىدىكى: ”ئۇلار(يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن“ دېگەن ئايەتنى تەپسىر قىلىپ: ”بۇ ئايەت، مۇنازىرىلىشەي دېگەن ئادەم بىلەن مۇنازىرە قىلغاندا چىرايلىقچە يول تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، سۆزدە چىرايلىق، يۇمشاق ۋە ئەدەپلىك بولۇش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن“ دەيدۇ.

ھاسىلكالام، مۇسۇلمان بەندە كىشىلەر بىلەن يۇقىرىقىدەك ئەدەپلەر بىلەن سۆھبەتتە بولۇشى، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشقا زور ئېتىبار بىلەن قارىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ: ”ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت} دېگەن مۇبارەك كالامى بىزگە ھىدايەت بولغۇسى.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى پەزىلەتلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر