باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بارلىق ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بارمۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-23   

قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولۇشى نازىل بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئايەتلەر ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى بولماي نازىل بولغان ئايەتلەر دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

نازىل بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئايەتلەرگە مىسالەن:

(1) مەلۇم بىر مەسىلە مەيدانغا چىققاندا، ئاللاھ تائالا شۇ مەسىلىگە قارىتىپ ئىلاھىي ۋەھيىنى نازىل قىلىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە، سەفا تېغىغا پۈتۈن قۇرەش ئايماقلىرىنى چاقىردى. كېلەلمىگەنلەر ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتتى. قۇرەيش خەلقى يىغىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ” قاراڭلار، ئەگەر مەن سىلەرگە، تاغ ئارقىسىدا ئاتلىق قوشۇن بار، مەككىگە ھۇجۇم قىلماقچى، دېسەم، ئىشىنەمسىلەر؟“  دېدى. ئۇلار: ”ھەئە، ئىشىنىمىز، چۈنكى سېنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭنى ئاڭلىغىنىمىز يوق“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ” مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرمەن “دېدى. ئەبۇ لەھەب ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب: ”ھەي، بىزنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يىغدىڭمۇ؟“ دېدى، ئاندىن كېتىپ قالدى. ئاللاھ تائالا ئەبۇ لەھەب توغرىسىدا: ﴿ ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال-مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا(يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى(يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ ﴾{سۈرە ”مەسەد“(111-سۈرە)، 1—5-ئايەتلەر} دېگەن ئايەتنى نازىل قىلىپ، ئۇنى: ﴿ ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى ﴾ دەپ ئەيىبلىدى.

(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەلۇم مەسىلىلەر سورالغاندا، ئاللاھ تائالا ۋەھيى ئىلاھىي نازىل قىلىپ شۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ. مەسىلەن: كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھىلال ئاي توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، ئاللاھ تائالا ئايەت نازىل قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي(يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ”ئۇ كىشىلەرنىڭ(تىرىكچىلىك، سودا-سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر“ ﴾{سۈرە ”بەقەرە“(2-سۈرە)، 189-ئايەت}.

نازىل بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان ئايەتلەرگە مىسالەن:

قۇرئاننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئايەتلىرى بۇ تۈرگە مەنسۇپ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: ”ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا(يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق“ دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى ﴾{سۈرە ”تەۋبە“(9-سۈرە)، 75-ئايەت} قاتارلىقلار.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر