پەقەت بىرلا رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىس غەرىيب ھەدىستۇر. سەنەدنىڭ مەلۇم قاتلىمىدا بىرلا رىۋايەتچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ھەدىس غەرىيب ھەدىس بولىدۇ. لېكىن، سەنەدنىڭ ھەممە قاتلىمىدا چوقۇم بىرلا رىۋايەتچى بولۇشى شەرت ئەمەس، ئەكسىچە بىرقانچە بولسىمۇ بولىدۇ. غەرىيب ھەدىس مۇتلەق غەرىيب ھەدىس ۋە نىسپىي غەرىيب ھەدىس دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
مۇتلەق غەرىيب ھەدىس سەنەددە ساھابىدىن باشلاپ بىرلا رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. مىسالەن: ”بارلىق ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق“دېگەن ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەنەدىلا سەھىھ بولۇپ، ئۆمەردىن پەقەت ئەلقەمە رىۋايەت قىلغان، ئەلقەمەدىن پەقەت مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىملا رىۋايەت قىلغان، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم يەنە يالغۇز بۇ ھەدىسنى يەھيا ئىبنى سەئىدگە يەتكۈزگەن، يەھيادىن باشلاپ ئاندىن نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىس دەسلەپ بىر رىۋايەتچىدىن رىۋايەت قىلىنغان، كېيىن نۇرغۇن ئادەملەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان، سۇيۇتى بۇ ھەدىس توغرىسىدا پەيدا بولغان بەزى شۈبھىلەرنى بايان قىلىپ ئۇنى چۈشەندۈرۈپ جاۋاب بەرگەن.
نىسپىي غەرىيب ھەدىس سەنەدنىڭ باش تەرىپىدە بىرقانچە رىۋايەتچى رىۋايەت قىلغان، كېيىن بىرلا ئادەم رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ. مىسالەن: ”ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسى“دېگەن ھەدىس. مەزكۇر ھەدىسنى ئەبۇ سالىھ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، ئىبنى دىنار ئەبۇ سالىھتىن رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتچى ئىبنى دىنارغا نىسبەتەن يالغۇز ئەبۇ سالىھتىن رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىس غەرىيب ھەدىس ھېسابلىنىدۇ.
شۇڭا، نىسپىي غەرىيبلىك ھەدىسنىڭ ئۆزىدە بۇرۇندىنلا بولماستىن نىسپىي ئېيتىلغاندۇر، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆۋەندىكىدەك شەكىللىرى بولىدۇ:
1) يېقىندىكىنى تاشلاپ يىراقتىكىنى رىۋايەت قىلىش. يەنى ئەتراپىدىكى ئالىملارنىڭ رىۋايىتىنى تاشلاپ قويۇپ، يىراقتىكى ئالىمنىڭكىنى رىۋايەت قىلىش. ھاكىم «مەئرىفەتۇ ئىلمىل ھەدىس» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: ”ئۇ بەسرەلىكنىڭ كۇفەلىكتىن قىلغان رىۋايىتى، خوراسانلىقنىڭ مەككىلىكتىن قىلغان رىۋايىتى، مىسىرلىقنىڭ مەككىلىكتىن قىلغان رىۋايىتىدۇر“.
2) مەلۇم بىر يۇرتتىكى كىشىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئۆزى يالغۇز رىۋايەت قىلىش. مىسالەن: ئەبۇ داۋۇد ئەتتەيالىسى ھەممامدىن، ھەممام قەتادەدىن، قەتادە ئەبۇننەدرىدىن، ئەبۇ نەدرى ئەبۇ سەئىدتىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىد مۇنداق دېگەن: ”بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا ئوقۇش ئاسان سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇق“.
ھاكىم مۇنداق دېگەن: ”مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەنەدى باشتىن ئاخىرىغىچە بەسرەلىكلەردىن تۈزۈلگەن“. ھاكىم يەنە كۇفەلىك، مىسىرلىق، مەدىنىلىك، مەككىلىك، خوراسانلىق ۋە شاملىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى مەخسۇس جەملىگەن.
3) ئىشەنچلىك رىۋايەتچىلەر رىۋايەت قىلغان غەرىيب ھەدىس. مىسالەن: مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇندا دېيىلگەن: ”مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت نامىزىدا ‘قاف’ سۈرىسى ۋە ‘قەمەر’ سۈرىسىنى ئوقۇيتتى“.
مەزكۇر ھەدىسنى ئۇبەيدۇللا ئىبنى لەيستىن ئىبنى سەئىدلا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، گەرچە بۇ ھەدىسنىڭ باشقا سەنەدى بولسىمۇ پەقەت ئىبنى سەئىدلا بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك رىۋايەتچى ھېسابلىنىدۇ.
رىۋايەتچىنىڭ ھەدىسنى يالغۇز رىۋايەت قىلغاندىكى ئىپادىلەش شەكلىگە ئاساسەن غەرىيب ھەدىس يەنە سەنەدى غەرىيب ھەدىس، تېكىستى غەرىيب ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1) سەنەدى غەرىيب ھەدىس سەنەدى بىرلا رىۋايەتچى تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.
2) تېكىستى غەرىيب ھەدىس ھەدىس تېكىستى بىرلا رىۋايەتچى تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.
غەرىيب ھەدىس سەھىھ ھەدىس بولۇشىمۇ، ھەسەن ھەدىس بولۇشىمۇ ياكى زەئىپ ھەدىس بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىچىدە زەئىپ ھەدىس كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. سەھىھ بولغان غەرىيب ھەدىسلەرنى «سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سەھىھۇل مۇسلىم»لاردىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما، ھەسەن بولغان غەرىيب ھەدىس «سۈنەن تىرمىزى»دا ناھايىتى كۆپ. چۈنكى، غەرىيب ھەدىس زەئىپ ھەدىسنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن بولغاچقا مۇھەددىس ئالىملار ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېگەن: ”سىلەر غەرىيب ھەدىسنى يازماڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ كۆپىنچىسى زەئىپ رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر“.
غەرىيب ھەدىس توپلىمىدىن ئاساسلىق دارۇل قۇتنىنىڭ «غەرىيب ھەدىسنى تونۇش» ناملىق كىتابى ۋە ئەبۇ داۋۇدنىڭ «خوراسانلىقلارنىڭ غەرىيب ھەدىسلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال- جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)