باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئۆيگە كىرىش ئەدەپلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-11   

ياقۇپ ھەمدۇللا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئەدەپ-ئەخلاق ئىنسان تەبىئىتىگە سىڭىپ كۈندىلىك ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھەرىكەت ھالىتى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئادىمىيلىك بەلگىسى، ئىنسان قەلبىنىڭ زىننىتى. ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئادەملەر ھەمىشە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىدۇ، گۈزەل، چىرايلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، گۈزەل خۇي-پەزىلەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ، ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىدۇ، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، كۈندىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، سۆز-مۇئامىلە، سۆز-ھەرىكىتىدە گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان روھىي دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش-ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز-ئىبارىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ. ئىپپەت-ھايالىق، گۈزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام-غەيرەتلىك، سەۋرى-تاقەتلىك، تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق، سەمىمىي-ساداقەتلىك، كەمتەر، ئېھتىياتچان، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قارالسا گۈزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئاينىپ ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. بۇنداقلار ئىش-ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، جېدەلخور،  كەيپۋاز...قاتارلىق گۇناھ-مەئسىيەت، خاتا-جىنايەت يولىغا كىرىپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، يۇرتنىڭ ئامانلىقى بۇزۇلىدۇ.

ئىسلام دىنى ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، تەڭداشسىز مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە پروگراممىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھى نۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ پاك ئىمانىنى، ئېسىل پەزىلىتىنى، گۈزەل ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆلچەيدىغان مىزان.

بىزنىڭ رولچىمىز، يېتەكچىمىز، يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم گۈزەل ئەخلاق جەھەتتە يۈكسەك ئۈلگىمىز. ئاللاھ تائالا: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت} دەپ ماختىغان ھەم: ”ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. ياخشى خىسلەت ئارقىلىق(يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن“{سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 34-ئايەت} دەپ ئەمر قىلغان ئۈلگىلىك زات. گۈزەل خۇلق، ياخشى ئەخلاقتىن تەلىم بەرگۈچى پەيغەمبىرىمىز: ”مەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“ دېگەنىدى. گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلماننىڭ بەلگىسى، ياخشى ئەمەلنىڭ ئەۋزىلى، جەننەتنىڭ بېلىتى. ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناچار سۆز، ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى، ئۇ زات مۇنداق دەيتتى: ”ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبىرىمىزدىن، جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟ دەپ سورالغاندا: ”ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق“ دېگەنىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئىمانى كۈچلۈك، ئېتىقادى پاك، ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بۇيرۇغاننى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جان دىل بىلەن ئورۇنلايدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى چەكلىگەننى ھەرگىز قىلمايدۇ. ئاللاھ ئالدىدا ئەدەپلىك بولۇش، بەندىلەر ئۆزئارا ئىجتىمائىي ئالاقە، كۈندىلىك مۇئامىلىدە ئەدەپلىك بولۇش، ھەممە سۆز-ھەرىكەتتە ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلىش، شەرىئەت بېكىتكەن قائىدە-رەسمىيەتلەرگە ئاڭلىق بويسۇنۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولغاندىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەرىجىسى يۇقىرى، بەندىلەر ئارىسىدا ئىناۋىتى ئۈستۈن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتىگە نائىل بولىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى، گۈزەل ئەدەپ-قائىدىلىرى ئىنتايىن كۆپ: مېھمان بولۇش، ئولتۇرۇش، يەپ-ئىچىش، سۆزلىشىش، ئۇخلاش، تازىلىق، سالاملىشىش، ئىشىكتىن كىرىش...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك ئەدەپ-قائىدىلىرى بار. تۆۋەندە سۇبھانە ۋە تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئىشىكتىن كىرىش ئەدەپلىرى توغرىسىدا قانداق تەلىم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

1. ئىشىكتىن كىرىشتە ئىشىكنى چېكىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىش، رۇخسەت قىلىنمىسا قايتىپ كېتىش ئەدەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە تەلىم مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشكە ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىڭلار(يەنى بۇ گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاققا ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ(يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا، سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە، قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر؛ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان(يەنى دۇكان-سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ“{سۈرە«نۇر»(24-سۈرە)،2729-ئايەتلەر}.

ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق ئاللاھقا يېقىنلىشالايمىز، بەختكە ئېرىشەلەيمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: ”ئىزىن(رۇخسەت) سوراش ئۈچ قېتىم سورىلىدۇ. ئەگەر ئىزىن بېرىلسە، كىرىڭ، بولمىسا قايتىپ كېتىڭ“(«سەھىھ ھەدىسلەر»). پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېيتقانلىرى قۇرئاننىڭ كونكرېت ئىزاھلىنىشى، چۈشەندۈرۈلىشى بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئىشىك چېكىش، رۇخسەت سوراش، ئەگەر ئىجازەت بولمىسا خاپا بولماي، ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ ئالماي قايتىپ كېتىش ياخشى ئەدەپتۇر. 

2. ئىشىكنى چەككەندە ئۆي ئىگىسى، كىمسەن؟ دەپ توۋلىسا، مەن، دېمەي، ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشى لازىم. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ” ’ئىشىكنى تاقىلداتقان ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلدۈرسۇن‘ دېگەنىدى. ’سىز كىم؟‘ دېسە ئېتىنى ئېيتماي ’مەن‘ دەپ جاۋاب بەرگەننى ياقتۇرمايتتى“(«سەھىھ ھەدىسلەر»). ئىشىكنى بوشراق چېكىش، ئازراق چېكىش لازىم. ئىشىكنى مۇشتلاپ ئۇرۇش، تېپىپ، ئىتتىرىش، ۋارقىراپ-جارقىراپ توۋلاش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.

3. ئىشىكتىن كىرگۈچى ئۆي ئىگىسىگە ئاۋۋال سالام بېرىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بىرەر ئۆيگە كىرسەڭلار ئائىلىدىكىلەرگە سالام قىلىڭلار. ئۆيدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا، ئائىلىدىكىلەرگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك تىلەپ دۇئا قىلىڭلار“(«سەھىھ ھەدىسلەر» ) دەپ تەلىم بەرگەن. مەيلى ئۆي ئىچىدە ئايال ياكى كىچىك بالا بولسىمۇ سالام قىلىپ كىرىش لازىم. قىسمەن ئاياللار، ياشلار سالام قىلمايلا ئۆيگە كىرىدۇ. بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز: ”سالام بېرىپ كىرمىگەن ئادەمنى ھوزۇرۇڭلاردا تۇتماڭلار“(«سەھىھ ھەدىسلەر») دەپ قاتتىق جېكىلىگەن.

4. ئىشىكتىن كىرگىچە ئاياغلىرىمىزنى قېقىپ، سۈرتۈپ، تازىلاپ كىرىش، ئۆي ئىچى چىنە خىش، پايانداز سېلىنغان بولسا ئاياغنى سېلىۋېتىپ، ساپما كەشكە ئالماشتۇرۇپ كىرىش لازىم. ھەممىمىز پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، پاكىزلىقنى قوغدىساق ياخشى. ”ئاللاھ پاك، ئاللاھ پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ“(سەھىھ ھەدىس). قىسمەن بۇرادەرلىرىمىز  توپا، لاي، نىجىس ئاياغلىرىنى سۆرەپ ئۆيگە كىرىدۇ. ھەتتا ئاياغنى سالماي تۆردە كۆرپىگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق مېھماننى ئۆي ئىگىسى ياقتۇرمايدۇ. بۇ ئەدەپسىزلىكنىڭ بەلگىسى. بۇ خىل ئەدەپسىزلىكنى ئاللاھ چوقۇم ياقتۇرمايدۇ.

5. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندىمۇ يۇقىرىقى ئەدەپ-قائىدىگە رىئايە قىلغىنى ياخشى. ئاللاھ تائالا مۇنداق تەلىم بەرگەن: ”ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە(ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن(مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا(يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن. (بۇ)ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر“{سۈرە«نۇر»(24-سۈرە)، 58-ئايەت}.

6. ئىشىكتىن كىرىشتە ئاۋۋال چوڭلار، بىلىم ئەھلىلىرى، ئاندىن تەرتىپ بويىچە ياشلارنىڭ كىرىشى ياخشى. بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگىنىدە سالامدىن كېيىن: سالامەت تۇردىڭىزلارمۇ؟ دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل سورىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ سالامنى ئىلىك ئېلىشى، ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرۈشى ياخشى ئەدەپتۇر. جانابىي ھەقتائالا مۇنداق دېگەن: ”سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار(يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار(يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن(يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 86-ئايەت}.

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق تەلىم بەرگەن: ”پەرزەنتىڭلارنى ئىززەتلەش بىلەن بىللە، ئەدەپ-ئەخلاقىنىمۇ ياخشىلاڭلار“(«سەھىھ ھەدىسلەر»).

7. بىراۋنىڭ، قولۇم-قوشنىلارنىڭ، بالىلارنىڭ تاقاق تۇرغان ئىشىك، دەرۋازىلىرىدىن ماراپ قاراش ياخشى ئەدەپ ئەمەس. ماراپ قارىغانلارغا پەيغەمبىرىمىز ئاچچىقلىنىپ: ”بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشىكتىن ياكى تۆشۈكتىن رۇخسەتسىز ماراپ قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىش جايىزدۇر“(«سەھىھ ھەدىسلەر») دەپ سۆككەن. يەنە، سەھىل ئبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورۇسىغا يوچۇقتىن قارىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغاق بىلەن چېچىنى تاراۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ”ئەگەر سېنىڭ ماڭا قارايدىغانلىقىڭنى بىلسەم، ئەلۋەتتە بۇ تاغاقنى كۆزۈڭگە سانچىۋېتەتتىم. قورۇغا كىشىلەرنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىجازەت بىلەن كىرىش يولغا قويۇلغان“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

8. ئۇزاققا سەپەر قىلغان كىشىلەر كېچىسى كېلىپ قالسا، ئۆيىگە كىرىۋەرمەسلىكى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەپەردىن ئۆز ئۆيىگە كېچىسى بىمەھەل كىرىپ كېلىشىنى مەنئى قىلغانىدى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۇزۇن سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىڭدا ئائىلەڭ تۇرۇشلۇق شەھەرگە كېچىدە يېقىنلاپ كەلگەن بولساڭ، ئۇزۇن مۇددەت سېنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرغان ئايالىڭنىڭ سۈننەت قىلىپ تەييارلىق قىلىۋېلىشى، باش-كۆزىنى تارىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆيۈڭگە كىرمە“(«سەھىھ ھەدىسلەر»).

 ئىشىكنى چېكىپ ئىجازەت سوراپ كىرىش ياخشى ئەدەپ بولغاچقا دۆلىتىمىزدە، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئومۇملاشقان ياخشى ئادەت. لېكىن بۇ ياخشى ئادەت دىيارىمىزدا مەكتەپ، ئىدارە-ئورگانلاردا، شەھەرلەردە بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولسىمۇ، كەڭ يېزا-قىشلاقلاردا بۇ ئادەتكە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. ئىشىكنى چەكمەي، ئىجازەت سورىمايلا ئۈسۈپلا كىرىۋېرىدۇ. ئاياغلىرىنى تازىلاپ كىرمەيدۇ ھەتتاكى توپا، لاي ئاياغلىرىنى سالماستىن گىلەملەرنى دەسسەپ كۆرپىلەرگە چىقىپ ئولتۇرۇشىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك، مەدەنىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر ياشلاردا بۇنداق ئەدەپسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇ بىر خىل روھىي كرىزىس. مەنىۋى ئېتىقادنىڭ بۇلغانغانلىقى، مىللىي روھنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكى. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ئېتىقادى سۇسلاشسا ئاپەت-پالاكەت باسىدۇ، گۇناھ-مەئسىيەت، خاتا-جىنايەت كۆپىيىدۇ. بىر مىللەتتە ئېسىل ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ ئۇنتۇلۇشى، ياشلارنىڭ روھىي جەھەتتىن بۇلغىنىشى، شۇ مىللەتنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا ئىشنى بالىلاردىن باشلاپ بالىلىرىمىزنى يۈكسەك غايىلىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، بىلىم-قابىلىيەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز لازىم. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قەرزى ھەم پەرزى. دەۋر ئالدىدىكى بۇرچى، مەسئۇلىيىتى.

ئاللاھ تائالا بارلىقىمىزغا رەھمەت، بەرىكەت، ھىدايەت، ئىنساپ-تەۋپىق، ئىلىم-ھېكمەت، ئەخلاق-پەزىلەت، ھۈنەر-قابىلىيەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر