باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم» ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-14   

قۇرئان ئوقۇشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىرى بار:

(1) قۇرئان ئوقۇغان بەندە ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ۋە ساۋابىغا مۇشەررەپ بولىدۇ.

قۇرئاننىڭ نۇرغۇن سۈرە-ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفلەر قۇرئان ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەم قۇرئان ئوقۇشتىن كاتتا مۇكاپاتقا ۋە ساۋابقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ﴿ شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر ﴾ {سۈرە”فاتىر“(35-سۈرە)، 29—30-ئايەتلەر}. ئاللاھ تائالا يەنە قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان ئەھلى كىتابلارنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:  ﴿ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن(يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار ﴾{سۈرە”ئال ئىمران“(3-سۈرە)، 113-ئايەت}.

ئەگەر ئەھلى كىتابلار ئاللاھنىڭ كالامى بولغان «قۇرئان كەرىم» نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن مەدھىيەگە سازاۋەر بولالىغان بولسا، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ۋەھيى ئىلاھىي بولغان «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنسا، ئەلۋەتتە تېخىمۇ مول ساۋابقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  ”قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغانلار ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بولىدۇ. قۇرئانغا كۆڭۈل قويسىمۇ تەسلىكتە ئوقۇيدىغان ئادەمگە ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنى، ئۇ ئىككى تۈرلۈك ساۋابقا ئىگە بولىدۇ: بىرى، قۇرئاننى ئوقۇغانلىقىنىڭ ساۋابى؛ يەنە بىرى، قىينىلىپ تەستە ئوقۇغانلىقىنىڭ ساۋابى. بىر بەندىنىڭ  قۇرئان ئوقۇشتا ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ تەۋرەنمەستىن تىرىشىپ قۇرئان ئوقۇشى، شۇ بەندىنىڭ قۇرئانغا بولغان زور ئېھتىرامى ۋە قۇرئان ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بېرىلىدۇ. بىر ياخشىلىق ئۈچۈن ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ؛ مەن ئەلف، لام، مىمنى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ئەلف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

(2) قۇرئان ئوقۇغۇچى شاپائەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن دەيدۇ: ”قۇرئان ئوقۇڭلار، «قۇرئان كەرىم»قىيامەت كۈنى قۇرئان ئوقۇغانلارغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قىيامەت كۈنى روزا بىلەن قۇرئان بەندىلەرگە شاپائەت قىلىدۇ. روزا: ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە نەپسى خاھىشىنى توستۇم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، دەيدۇ. قۇرئان: مەن ئۇنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسىنى توستۇم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاندىن ئۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىدۇ“دەيدۇ.

(3) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىغانلار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالا قۇرئان ئىلمىنى ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ كېچە ۋە كۈندۈزلەردە قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىرى، مال-دۇنيا ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ مالنى كېچە ۋە كۈندۈزلەردە ئاللاھ تائالا يولىدا سەرپ قىلىپ تۇرىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇئمىن لىمونغا ئوخشايدۇ، لىمون دېگەن ھەم تەملىك ھەم خۇشبۇي بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ ئۆزى تەملىك بولىدۇ، ئەمما خۇشبۇي ئەمەس. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، رەيھاننىڭ ھىدى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق ھەنزەلگە ئوخشايدۇ، ھەنزەل(ھەنزەل: ئاچچىق تاۋۇز، كاۋا ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك) دېگەن ھەم ئاچچىق بولىدۇ، ھەم خۇشبۇي ئەمەس“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

(4) قىيامەت كۈنى قۇرئان ئوقۇيدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلىدۇ. ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قۇرئاننى ياد قىلىپ ئوقۇپ تۇرغۇچى كىشىگە(قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغان چاغدا): ئوقۇغىن(سەن قۇرئان ئايەتلىرىدىن يادقا ئالغان ئايەتلەرنىڭ سانى بويىچە جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىگە) ھەم ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىنىڭدەك، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئوقۇغىن، سېنىڭ يادقا بىلگەن ئايەتلىرىڭنىڭ ئاخىرقى سانى قانچە بولسا، سېنىڭ جەننەتتىكى دەرىجەڭ شۇ سان بويىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

(5) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىغانلار ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ، ئىمانى زىيادە بولىدۇ، قەلبى ھوزۇرلىنىپ ئارام تاپىدۇ. قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ئاللاھ بىلەن بولغان سۆھبەت ماقامى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۆلىمالار: ئەگەر سەن ئاللاھ بىلەن سۆھبەت قىلىشنى ئارزۇ قىلساڭ ناماز ئوقۇغىن، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالانىڭ سەن بىلەن سۆھبەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، قۇرئان ئوقۇغىن، دەيدۇ. قۇرئان ئوقۇش ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئۇسۇلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر ﴾{سۈرە”ئەنفال“(8-سۈرە)، 2-ئايەت}. قۇرئان ئوقۇش ئاللاھنى ياد ئېتىشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ (تەۋبە قىلغانلار)ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ ﴾{سۈرە”رەئد“ (13-سۈرە)، 28-ئايەت}.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر