باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-16   
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت}. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بارلىق گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل مىجەز-خۇلۇقلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا، ”سىلەرگە—ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە —رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر“{سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 21-ئايەت}، دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى بارلىق ئىشىمىزدا ئۈلگە قىلىشىمىزغا چاقىرغان.
تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەمما ئېسىل ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولسۇن ھەممە كىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ساھابىلەردىن بىرەرسىنى بىر قانچە كۈن كۆرمىسە سۈرۈشتۈرەتتى. ھەممە ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى. كېسەللەرنى ۋە قوشنا-قولۇملارنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولاتتى. ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىغا قاتنىشىپ قايغۇسىنى بىلدۈرەتتى. مەسچىتنى سۈپۈرۈپ-تازىلايدىغان ئايال كۆرۈنمەي قالغان چاغدا ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ۋە ۋاپات تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ مەخسۇس قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان ئىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز، مەيلى تونۇش ۋە مەيلى ناتونۇش بولسۇن ھەممىگە سالام بېرەتتى. رۇخسەتسىز ھېچقانداق ئۆيگە كىرمەيتتى. چېھرىدىن ھەر زامان تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى. ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ قالمايتتى، سۈرەن سالمايتتى، كۆپ سۆزلەشنى ياقتۇرمايتتى. بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمايتتى. پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يۈزمۇيۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى. بىرەرسىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا: ”پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئېتىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بار ئىكەن، دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى(ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشنى، غەيۋىتىنى قىلىشنى ياقتۇرمايتتى. پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە بامدات نامىزىنى ئۇزۇن ئۇقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا: ”پىتنە تېرىماقچىمۇ سەن؟!“ دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئەتراپىدىكىلەرنى سەمىمىي مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىپ ئۇلارنى خاتا ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن مەنئى قىلاتتى. بىر كۈنى بىر ياش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ زىنا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا، ئۇنىڭغا: ”بۇ قىلمىشنىڭ ئاپاڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟!... ياكى ئاچا-سىڭىللىرىڭغا، ھامما ئاچىلىرىڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟ دېگەندە، بۇ ياش: ”ياق دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دۇئا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرزلەرنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىقنى ۋە قەرزدارنىڭ قەرزى سەۋەبىدىن تەڭقىسلىقتا قېلىشنى خالىمايتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللا ئىبنى ئەبى ھەدرەد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ”بىر يەھۇدىينىڭ مەندە تۆت تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى، ئۇنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ بېرىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بۇ قەرزنى ئادا قىلىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن بەرگۈدەك بىر نەرسەمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى، مەن بازارغا بېرىپ ئۈستۈمدىكى تون چاپاننى تۆت تەڭگىگە سېتىپ قەرزىمنى قايتۇردۇم(ئىبنى ھەجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقان كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى ۋە ئايرىلغاندا ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيتتى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر كىشى: قولۇڭغا سۆيسەم بولامدۇ؟دەپ سورىغان. پەيغەمبىرىمىز: ”بولمايدۇدەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ كىشى: ”ئالدىڭدا ئېگىلسەم بولامدۇ؟ دېگەن. پەيغەمبىرىمىز: ياق دېگەن. بۇ نۆۋەت ئۇ كىشى: قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەمچۇ؟دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز: بولىدۇ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). مۇسۇلمان مىللەتلەردە ھۆرمەت يۈزىسىدىن چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيىدىغان ۋە بېشىنى ئېگىپ سالام بېرىدىغان ھەر خىل يوللۇق سالاملىشىش ئادەتلىرى بار بولۇپ، چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيۈشنىڭ دىندا ھېچقانداق كارايىتى يوق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىز ھاكاۋۇرلۇق بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇ كىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
جابىر ئىبنى سەلەمە رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز سۆزلەيتتى، ئاز كۈلەتتى، ساھابىلىرى ئۇنىڭ يېنىدا شېئىر ئوقۇشاتتى ۋە ئۆزئارا بەزى ئىشلارنى سۆزلەشكەچ كۈلۈشەتتى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبىرىمىز ئىشلەشنى، تەر تۆكۈشنى تەرغىب قىلاتتى، تىلەمچىلىكتىن چەكلەيتتى. بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇ زاتتىن نەرسە تىلىگەنىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشىدىن: ئۆيىدە نېمە بارلىقىنى سورىدى. ئۇ، بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئەكەل دېدى ۋە مەسچىتتە باھا چىقارتىپ ئىككى تەڭگىگە سېتىپ بەردى. ئۇ ئادەم ئىككى تەڭگىنىڭ بىرىگە يېمەكلىك ئالدى ۋە يەنە بىرىگە بىر پالتا ئېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن پالتىنى ساپلاپ بەردى ۋە: ئون بەش كۈنگىچە سېنى كۆرمەي، بېرىپ ئوتۇن كېسىپ سات دېدى. ئۇ كىشى ئون تەڭگە تېپىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. پەيغەمبىرىمىز: تاپقان پۇلۇڭغا ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ساڭا يەتكۈدەك ھالغا كەل دېگەندىن كېيىن: مانا بۇ (كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشى) تىلەمچىلىك قىلغىنىدىن ياخشىدۇر دەيدۇ(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).