پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر
A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-16
ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇنەۋۋەر بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: ”ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان“، ”سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە قارىتا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغان بىرىمەن“ دېگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنى ئاياللارغا خۇشخۇي مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. باشقىلارغا خۇشخۇي بولۇپ ئايالىغا چىراي ئاچماسلىقنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىز ئائىلىسىگە، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بېرەتتى. پەيغەمبىرىمىز مەخسۇس بىر كۈننى ئاياللارغا تەلىم-تەربىيە بېرىشكە ئاجراتقانىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن بىر ئايالغا: ”ھەربىر ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈنىدىغان بىر تەرىپى باردۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)، دېيىش ئارقىلىق ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغانىدى. پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرىنى پەقەت ئۇرمىغان بولۇپ ۋىدالىشىش خۇتبىسىدە ئۇ: ”ئاياللار ھەققىغە رىئايە قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ ھەقتە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئاياللارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە نىكاھلاپ ئالدىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداڭلار“ دەپ بۇيرۇغانىدى (ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان).
بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
پەيغەمبىرىمىز بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنى سۆيۈپ قوياتتى، سالام بېرەتتى، ئەھۋالىنى سورايتتى، ئاغرىپ قالغاندا يوقلاپ باراتتى، ھەتتا قۇچىقىغا ئالغان بالىنىڭ تەرەت قىلىپ قويۇشىغىمۇ خاپا بولمايتتى. بارلىق بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ”كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن ئادەم بىزدىن ئەمەس“ دېگەنىدى(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بالىلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى، بىللە ئوينايتتى. پەيغەمبىرىمىز بىر قېتىم مۇھەممەد ئىبنى رەبىئ ئىسىملىك بىر بالىغا قاچىدىن سۇ ئېلىپ چاچقان. بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن بىللە بىر زىياپەتكە كېتىۋاتقاندا كوچىدا ئويناۋاتقان ھۆسەيىننى كۆرۈپ، ساھابىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ھۆسەيىنگە قۇچىقىنى ئاچقان، ھۆسەيىن بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۇياق-بۇياققا قېچىپ يۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپ تۇتۇۋالغان ۋە باغرىغا باسقانىدى(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
بالىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارغا سالام بېرەتتى. ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرگىلى سېلىپ مۇسابىقىلەشتۈرەتتى ۋە ئۇلارغا ھەدىيەلەر بېرەتتى. بىر قېتىم تاغىسى ئابباسنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللا بىلەن ئۇبەيدۇللانى يۈگۈرگۈزۈپ قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپ: ”كىم بالدۇر كەلسە ماۋۇنى بېرىمەن“ دېگەنىدى(ئىبنى ھەجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
ئوتتۇرا ھال يول تۇتىدىغانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ھەتتا كېچە-كۈندۈزلۈك بارلىق ئىبادەتلىرىدىمۇ ئوتتۇرا ھال يول تۇتقان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنداق بىر رىۋايەت بار: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تولۇق بىر كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغىنىنى بىلمەيمەن“. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا، ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرەتتىڭ“(«رىيازىسسالىھىن»دا رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيىتىگە زىت كېلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى بۇيرۇمىغان. ئۇنىڭ بۇيرۇغان ياكى توسقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئادا قىلىشى قولاي ئىشلار ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ۋەز ئېيتىۋېتىپ ئۆرە تۇرغان بىرسىنى كۆرۈپ نېمە سەۋەبتىن ئۆرە تۇرغانلىقىنى سورىغان. ئەتراپىدىكىلەر: ”ئۇ پالانى كىشى بولۇپ ئۆرە تۇرۇشقا، ئاپتاپتا تۇرۇشقا ۋە گەپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ۋەدە قىلىپتۇ“ دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز: ”ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ قويۇڭلار، گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن ۋە ئولتۇرسۇن...“ دېگەن(ئىبنى ھەجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلەردە ئوتتۇرا ھال يول تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە «سەھىھۇلبۇخارى»دا مۇنداق رىۋايەت بار: ”ساھابىلەردىن ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سورىغان. ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلار: ”بىز پەيغەمبەردەك بولالايتتۇقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە كېلەچەكتىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان تۇرسا!“ دېيىشكەن ۋە بىرسى: ”مەن كېچىچە ئىبادەت قىلىمەن“، بىرسى: ”مەن ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن“، يەنە بىرسى: ”مەن ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەي ئۆتىمەن“ دېگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ”سىلەر مۇنداق- مۇنداق دېگەن كىشىلەرمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان ۋە ئەڭ تەقۋادار كىشى. مەن بەزى كۈنلىرى روزا تۇتىمەن، بەزى كۈنلىرى تۇتمايمەن، كېچە ئىبادەتلىرىنى بەزىدە قىلىمەن، بەزىدە قىلماي ئۇخلايمەن، ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن مەندىن ئەمەس“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بۇ ئوتتۇرا ھاللىقنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ئاسانلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئۆزىمۇ ئىشلارنىڭ ئاسان بولغىنىنى تاللايتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}. پەيغەمبىرىمىزمۇ: ”ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش بېشارەت بېرىڭلار، ئۈركۈتىۋەتمەڭلەر“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبىرىمىز ئىككى ئىش ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلسە گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).