پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر
A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-16
راستچىللىقى
پەيغەمبىرىمىز راستچىل ئىدى. راستچىللىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇيرۇغان ئىشلار بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارىسىدا بىردەكلىك بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەمەس، ھەتتا مۇشرىك ئەبۇ جەھىل: ”مۇھەممەد سۆزلىرىدە راستچىل ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە يالغان سۆزلەپ باقمىغان“ دېگەن بولسا، پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىققان نەدر ئىبنى ھارىس: ”مۇھەممەد ئىچىڭلاردىكى ھەممە ياخشى كۆرۈدىغان ياش ئىدى. ئەڭ راست سۆزلەيدىغان ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك بىرسى ئىدى“ دېگەن. ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېچقاچان يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
چاقچاق قىلغاندىمۇ راستچىللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن پەيغەمبىرىمىز: ”شۈبھىسىزكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ھەتتا يالغان ئارىلاشقان چاقچاقلارنىمۇ توغرا تاپمىغان پەيغەمبىرىمىز: ”چاقچاق بىلەن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىۋېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشلارنى چەكلىگەن“(ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەلۋاقىدىينىڭ «كىتابۇل مەغازى» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
سېخىيلىقى ۋە موھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقى
”پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى“(سۈنەن دارىمىيدا رىۋايەت قىلىنغان). مەردلىك–سېخىيلىق سۈپىتى جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى تەڭ كېلەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورالسا ھەرگىز يوق دېمەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز: ”بېخىللىق ۋە يامان ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئىش مۇئمىن كىشىدە تېپىلمايدۇ“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىگە ئەمەس، پېقىر-مىسكىنلەرگە سەرپ قىلاتتى. ئۇ: ”ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىشقا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلمايدۇ“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز ھەممە ئادەمگە ياردەم قولىنى سۇناتتى، موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى. خەبباب ئىبنى ئەرت ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگىنىدە ئۆيىدە ھايۋانلىرىنى ساغىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. خەبباب ئۇرۇشتىن كەلگەنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆچكىلىرىنى سېغىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.
پەيغەمبىرىمىز يەنە بويتاق ياكى ئېغىر كۈندە قالغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمايتتى، بەلكى بۇ خىل ئىشلاردىن زوق ئالاتتى(نەسەئى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز بەزى كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ شۇنچىلىك چارچايتتىكى ھەتتا نەپلە نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيتتى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
كەمتەرلىكى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنى يۇقىرى، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغىنى بىلەن ئۆزى ناھايىتى كەمتەر ئىدى. ھاكاۋۇرلۇقتىن، ماختانچاقلىقتىن يىراق ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: ”مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر“ دەيتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئۇ زات يەنە كەمتەرلىك ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھيى قىلدىكى، سىلەر كەمتەر بولۇڭلار، ھېچكىم ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە يوغانچىلىق قىلمىسۇن“(«رىيازىسسالىھىن»دا رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبىرىمىز ئۆيىدە بولسۇن، ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). تۇل ئاياللار، يىتىم بالىلار ۋە يوقسۇل كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇپ، پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلاتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى، مېيىت نامازلىرىغا قاتنىشاتتى، ھەتتا قۇل-دېدەكلەر چاقىرغان يەرلەرگىمۇ باراتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). قوينىڭ بىر تۇيىقى ئۈچۈن مېھمانغا چاقىرىلسىمۇ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر ياشنىڭ تىترەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: ”تىترىمە! مەن ھۆكۈمدار ئەمەس. مەن قۇرەيش قەبىلىسىدىن قاقلانغان گۆش يېگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى“ دېگەن(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىدىن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان قاتتىق مۇئامىلىلىرىدىن ئۇلارغا ئاچچىقلىمايتتى ۋە ئىچىدە غۇم ساقلاپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنمايتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ھۈنەيىن ئۇرۇشىدىكى غەنىيمەت تەقسىماتىغا قارشى چىققان زۇلھۇۋەيسەرانىڭ: ”ئادىل تەقسىم قىلمىدىڭ“ دېگەن سۆزىگە ئاچچىقلىماستىن: ”مەن ئادىل تەقسىم قىلمىسام يەنە كىم ئادىل تەقسىم قىلار“ دېيىش ئارقىلىق چېچىلىپ يۈرمەستىن ئۆزىنى تۇتقانىدى. ھۇزۇرىغا كەلگەن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قوپال سۆز-ھەرىكەتلىرىگە سەۋر قىلاتتى.
ۋاپادارلىقى
پەيغەمبىرىمىز بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن، بىرسىگىمۇ خىلاپلىق قىلمىغان. ئابدۇللا ئىبنى ئەبىلھەمسەنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، ئۇ پەيغەمبىرىمىز بىلەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىسى قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە ئازراق بېرىشى بولۇپ مەلۇم بىر يەردە تاپشۇرۇپ بېرىشكە كېلىشىدۇ، ئەمما قىلىشقان بۇ ۋەدىنى ئابدۇللا ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئېسىگە كېلىپ دېيىشكەن يەرگە بارغاندا پەيغەمبىرىمىزنى شۇ يەردە ئۇچرىتىدۇ(ئىبنى سەئەدنىڭ «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
مېھرىبانلىقى
”پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 107-ئايەت}. ئۆزىگە ئازار بەرگەن، سۇيىقەست قىلغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگىمۇ ھېچبىر زامان بەددۇئا قىلمىغان.
ئەقەبە كۈنى كۆرگەن ئەزىيەتلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان پەيغەمبىرىمىزگە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: ”ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە دېگەنلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگەن رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ ساڭا تاغ پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا خالىغىنىڭنى بۇيرۇغىن“ دېگەن... ۋە تاغ پەرىشتىسى: ”خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرەي“ دەپ ئەمرىگە تەييار بولۇپ تۇرغان بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز قەۋمىگە بەددۇئا قىلماي ئاللاھتىن پەقەت مۇنداق تىلەكتە بولغان: ”ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىپ بېرشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر تال چىشى سۇنۇپ يۈزلىرى يارىلانغاندا، ساھابىلەر مۇشرىكلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: ”مەن قارغىش ئۈچۈن ئەمەس، رەھمەت ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ۋە كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى دىنىي پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن پەيغەمبىرىمىز بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ دىندىن يىراق قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
”مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)، دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان پەيغەمبىرىمىز: ”سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا، ئاندىن كامىل مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېيىش ئارقىلىق ئىمانى كامىللىقنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە باغلىغان.
سەۋر-تاقىتى ۋە ئەپۇچانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ قوپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە سەۋر قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى. ساھابىلىرىگە قىلىنغان قوپال مۇئامىلىلەرگىمۇ سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ساھابىلەرگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ سەۋرچانلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئۈندەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە ھەممىسىگە تاقەت قىلغان. ئۇ تۇغۇلماي تۇرۇپ دادىسى ۋاپات بولغان، ئالتە يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سەككىز يېشىدا چوڭ دادىسى قازا قىلغان، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تەرك ئېتىپ ھەممە نەرسىسىنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، ئاياللىرىدىنمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەر بولغان. يەتتە بالىسىنىڭ ئالتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. شۇنچىۋالا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ئۇچرىغان يامانلىقلارغا سەۋر قىلغان. ھەتتا يەكتىكىنى تارتىشتۇرۇپ، گەدەنلىرىنى قىزارتىۋەتكەنلەرنىمۇ، ھاياتىغا قەست قىلغانلارنىمۇ ئەپۇ قىلغان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئىپپەت-ھايالىقى
پەيغەمبىرىمىز دۇئالىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەلگەن بىر ئىش ئىپپەتتۇر(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەر-ئاياللارنىڭ، قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەر ۋە ناشايان ئىشلاردىن ساقلىنىشنى سۆزلىگەن پەيغەمبىرىمىز، ئەر-ئاياللارنىڭ شەكىل-قىياپەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىۋېلىشلىرىنى توسقان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇلاردىن سىرت ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى توسقان پەيغەمبىرىمىز، سوئال سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا ئىبنى ئابباسنىڭ دىققەت بىلەن قاراپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئىبنى ئابباسنىڭ يۈزىنى توسۇۋالغان(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز: ”ھەربىر دىندا ئەخلاق بار، ئىسلامدىكى ئەخلاق ھايادۇر“ دېگەن(ئىبنى مالىكنىڭ «مۇۋەتتا» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان). ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنى: ”ئۆزىنى ھۇجرىسىدا ساقلىغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى“ دەپ سۈپەتلەشكەن.
ھايا بىلەن ئىماننىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ بىر كىشىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ھايانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ھاياسىز قالغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ئامانەت(ئىشەنچ)مۇ كۆتۈرۈلىدۇ، ئىشەنچسىز كىشى جىنايەتچىگە ئايلىنىدۇ، جىنايەتچى كىشىدە مېھىر-شەپقەت بولمايدۇ، مېھىر-شەپقەتسىز كىشى لەنەتگەردىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا قەلبىدىن ئىمان بىراقلا يوقىلىدۇ“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاققا بۇيرۇپ يامان ئىش، يامان ھەرىكەتلەردىن توسقان نۇرغۇن ھەدىسلىرى بار. يۇقىرىدا پەقەت پەيغەمبىرىمىز ئەخلاقىدىن ئازغىنە ئۆرنەكلەر بېرىلدى. ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئۆزىمىزنى زىننەتلەشكە نېسىپ قىلسۇن!
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)