باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

نېمە ئۈچۈن بەزى ئالىملار مۇتەۋاتىر ھەدىس مەۋجۇت ئەمەس دېگەن؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

ھەدىس ئىچىدە مۇتەۋاتىر ھەدىس بارمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار، ئۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1) ئىبنى ھىببان ۋە ھازىم: ”سۈننەت ئىچىدە مۇتەۋاتىر ھەدىس يوق، مۇتەۋاتىر ھەدىس مەۋجۇت ئەمەس“دەپ قارىغان. مۇھەددىس ئالىملار بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: ”بەلكىم ئىبنى ھىببان ۋە ھازىم ئېيتقان مۇتەۋاتىر ھەدىس «قۇرئان»غا ئوخشاش مۇتەۋاتىر بولغان ھەدىسنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرىدۇر“.

2) ئىبنى سالاھ ”كىم ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختا ئۆزىگە جاي ھازىرلىسۇن“دېگەن ھەدىستىن باشقا مۇتەۋاتىر ھەدىس يوق، دەپ قارىغان.

3) ئىبنى ھەجەر مۇتەۋاتىر ھەدىس ئىنتايىن كۆپ دەپ قاراپ،   ئىبنى ھىببان ۋە ھازىمنىڭ قارىشىغا رەددىيە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئىبنى سالاھنىڭ ”كىم ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن دوزاختا ئۆزىگە جاي ھازىرلىسۇن“دېگەن ھەدىستىن باشقا مۇتەۋاتىر ھەدىس يوق دېگەن قارىشى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ مۇتەۋاتىر ھەدىس مەۋجۇت ئەمەس دېگەن قارىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق قاراش باشقا نۇرغۇن سەنەدلەرگە دىققەت قىلماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ رىۋايەتچىلەرگە قويغان (رىۋايەتچىلەرنىڭ بىرلىشىپ يالغاننى توقۇشى ۋە ئالدامچىلىق قىلىشى، يالغان ئېيتىشقا بىرلىككە كېلىۋېلىشىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى) ئۆلچەملىرى سەۋەبلىك پەيدا بولغان.

شۇڭا، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قولىدىكى ھەدىس كىتابلىرى ۋە ھەدىسنىڭ نۇرغۇن سەنەدلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرگەندە، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ، ۋاھالەنكى، ئاھاد ھەدىس بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ سانى تولىمۇ ئاز.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال- جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر