باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

قۇرئان كەرىمنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-05   

جارۇللا يۈسۈپ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئېستېتىكا— ئېستېتىك ئوبيېكت ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەللىك، گۈزەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى، گۈزەللىكنىڭ تەرەققىياتى، گۈزەللىكنىڭ تۈرى، گۈزەللىكنىڭ كونكرېت ھالەتلىرى، گۈزەللىكنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

قۇرئان كەرىمدە ئىنسانغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلاپ، ئىنساننى گۈزەل مەنزىلگە يېتەكلەيدىغان، چىن ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەيدىغان ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرە-ئايەتلەر بار. بۇ سۈرە-ئايەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا بېرىدىغان تەربىيەۋى رولى، ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئىنسانلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى گۈزەللىككە يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇلاردا بۇنىڭغا ئېرىشىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئېيتقاندىمۇ قۇرئان كەرىم ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان پەندى-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى ساماۋى كىتاب. كونكرېت ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ دىلىنى ئىمان بىلەن نۇرلاندۇرىدىغان، ئىش-ھەرىكىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، گۈزەل ماكان(جەننەت)غا ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان دەرسلىكتۇر.

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ئىنسانلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىپ، ئىنسانلاردا ئارزۇ-ئىستەك، غايە، ئىرادە، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ئىنسانلارنى پارلاق، گۈزەل بولغان نىشان(جەننەتكە ئېرىشىش) ئۈچۈن تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. تۆۋەندە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىپ، گۈزەل مەنزىلگە يېتەكلەش، ئىرادە جەھەتتە چېنىقتۇرۇش، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەش، خۇنۈكلۈك ۋە رەزىللىكتىن سەسكەندۈرۈشتەك ئېستېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

1.ئىرادە جەھەتتە چېنىقتۇرۇپ، گۈزەل مەنزىلگە يېتەكلەيدۇ.

قۇرئان كەرىمدە كىشىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان، غايە تىكلەپ، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئۆزىدە يۈكسەك، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەپ، ئىككى ئالەملىك ھايات نىشانىنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولىدىغان سۈرە-ئايەتلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ“{سۈرە«رەئد»(13-سۈرە)، 29-ئايەت}؛ ”ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 50-ئايەت}؛ ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى چوقۇم ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز“{سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 9-ئايەت}.

بۇ ئايەتلەرنىڭ كىشىلەردە ئىرادە تىكلەش خاھىشىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى، ئايەتتە ئاللاھ ئىنسانلارغا شەرت قويۇپ، شۇ شەرتلەرنى ھازىرلاش بەدىلىگە بېرىدىغان ئەجىر ۋە مۇكاپاتنى ۋەدە قىلغان، يەنى ئاللاھنى بىر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر دەپ چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلغان، ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى بولغان قۇرئان كەرىمدە بەلگىلەنگەن، قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنى قىلغانلارنى كاتتا ساۋاب، ئەجىر، مۇكاپات ۋە جەننەتكە مۇيەسسەر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق مۇمكىنچىلىك قويۇلماي، ئېنىق ھۆكۈم شەكلىدە بىۋاسىتە ئېيتىلىشى كىشىلەردە يۈكسەك مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەپ، ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتۇش ئىستىكىنى قوزغايدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ”جەننەت“ تەسۋىرىمۇ كىشىلەردە جەننەت ۋە جەننەت مەئىشەتلىرىگە بولغان قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش قوزغاپ، جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش خاھىشىنى قوزغايدۇ. مەسىلەن: ”ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپلىرى سايىلەردە تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ. مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا سالام دېيىلىدۇ”{سۈرە«ياسىن»(36-سۈرە)، 5658-ئايەتلەر}.

قۇرئان كەرىمدە جەننەت تەسۋىرى ئىنتايىن كۆپ ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جەننەتنىڭ گۈزەل تەسۋىرى كىشىلەردە جەننەتكە ئېرىشىش، جەننەتنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىش خاھىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە جەننەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي سۈپىتى تەرىقىسىدە جەننەتنى ”ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باياشات ۋە گۈزەل جاي“ دەپ تىلغا ئالىدۇ. مۇشۇ بىر تەسۋىرلا قۇرئان كەرىمدە، 35 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

دېمەك، قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى ئىرادە جەھەتتە چېنىقتۇرۇپ، پارلاق مەنزىل(جەننەت)گە ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىشى كىشىلەرنى توغرا يولغا، پارلاق مەنزىلگە يېتەكلەش بولۇپ، كىشىدە ئاللاھنىڭ توغرا يولىغا بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغاش، ئەڭ مۇھىمى گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىپ، چىن ئىنسانلىق سۈپىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىرادە تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان.

2.ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ.

قۇرئان كەرىمدە شەرھلەنگەن ئەخلاق قارىشى ئىسلام دىنى دۇنيا قارىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىدېئولوگىيە شەكلى سۈپىتىدە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەخلاقلىق بولۇش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مۇھىم تەرەپ بولۇپ، مۇسۇلمانلىق سۈپىتىگە ئىگە بولۇش ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنغان. قۇرئان كەرىم سۈرە-ئايەتلىرىدە، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئومۇمىي ماھىيىتىدىن قارىغاندىمۇ، يەنىلا ئەخلاقلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىش ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھەمدە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش، يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ مەڭگۈلۈك باياشات ماكان— جەننەتكە مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقى ئېنىق ھۆكۈم قىلىنغان.

قۇرئان كەرىم ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان شەخسىي ھەۋەسكە بېرىلىپ كېتىش، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، زىنا قىلىش، يالغان سۆزلەش، ساختا گۇۋاھلىق بېرىش، تۆھمەت قىلىش، لەۋزىدە تۇرماسلىق، باشقىلارنى مازاق قىلىش ۋە چېقىۋېلىش، زاڭلىق قىلىش، يامان نىيەتتە گۇمان قىلىش، باشقىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى تىڭ-تىڭلاش ۋە يېيىۋېتىش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، باشقىلارغا غەزەپلىنىش، ھەسەتخورلۇق قىلىش، يالغان سۆزلەپ كۆڭۈل ئېچىش، سەت چاقچاق قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق چەكلەيدۇ. شۇنداقلا بۇلارنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە، مۇددىئاسىغا خىلاپ يامان قىلىقلار دەپ قارايدۇ. گۈزەل ئەخلاققا ياتىدىغان پاكىز بولۇش، سەۋرچان بولۇش، ئاتا-ئانىلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، يېتىم-يېسىرلارغا، نامرات-يوقسۇللارغا، يېقىن-يىراقتىكى قولۇم-قوشنىلارغا، ساۋاقداشلارغا، ھەمراھلارغا، قول ئاستىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ياردەم قىلىش، نومۇسچان بولۇش، ئەپۇچان بولۇش، چىداملىق بولۇش، ئەمگەكچان، مەرد بولۇش، باشقىلارغا تەسەللى بېرىش، قايغۇ-ئەلىمىگە ئورتاقلىشىش، كەڭ قورساق، سەمىمىي، ئادىل بولۇش، باشقىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، ئىناق-ئىتتىپاق بولۇش، ياخشى دوست تۇتۇش، قائىدە-يوسۇنلارغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، مۇئمىن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلار قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان، كۆپ ساندىكىلىرى كالامدا قانۇنلاشتۇرۇلغان، جەزمەن ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان، بۇيرۇلغان ئىش-ئەمەللەردۇر. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ئەخلاق نۇقتىلىرى چىن ئىنسان بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ھەقىقىي گۈزەللىككە ئىگە قىلىدىغان نۇقتىلاردۇر. قىلماسلىققا بۇيرۇلغان ۋە قىلىش تەلەپ قىلىنغان بۇ ئەمەللەر ئىنسان ھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ مىزانى بولۇش بىلەن، كىشىلەرگە كۆرسىتىلگەن ئەخلاقىي ئۆلچەملەر بولۇپ، بۇ ئۆلچەملەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت بۇ ئۆلچەملەر بىلەن باھالاپ تۇرۇش تەكىتلەنگەن. ئىسلام دىنى: ئاللاھنى بىر ۋە مەۋجۇت، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەرھەق پەيغەمبەر دەپ ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر بۇ نۇقتىلارنى ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرسە كامىل مۇسۇلمانلىق مەقامىغا يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۈندەش، ئەخلاقلىق بولۇشنى تەكىتلەش قۇرئان كەرىم تەرغىب قىلماقچى بولغان مۇھىم كاتېگورىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنساننىڭ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى، پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەخلاقى بىلەن مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ، گۈزەللىككە تولغان شەخس ئىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت} دەپ تەرىپلىگەن. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۈيۈك ئەدەپ-ئەخلاق، پەزىلەت بېرىپ، ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقى شۇنىڭدەك ئۆزىدە يېتىلدۈرگەنلىكى بىلەن دۇنياۋى بۈيۈك شەخس، شۇنداقلا، ئۆز ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەنمۇ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولالىغان شەخس. دېمەك، ئىسلام دىنى ئەخلاقلىق بولۇشنى تەكىتلەيدىغان دىن، قۇرئان كەرىممۇ ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۈندەيدىغان ۋە بۇيرۇيدىغان  پەندى-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى ئەدەپ-ئەخلاق دەرسلىكى بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن گۈزەللەشتۈرگەن ئىنساننى مۇئمىن مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ قارايدۇ.

3.خۇنۈكلۈك ۋە رەزىللىكتىن سەسكەندۈرۈپ، گۈزەللىككە ئىنتىلدۈرىدۇ.

قۇرئان كەرىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېستېتىك تەربىيە ئاتا قىلىپ، ماھىيەتنى گۈزەللەشتۈرۈشنى مۇددىئا قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ نۇقتىنى شەرھلەشتە، پەلسەپىۋى قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى تەكىتلەش بىلەنلا كۇپايىلەنمىگەن، گۈزەللىكنى نوقۇل پەندى-نەسىھەتنىڭ ئوبيېكتى قىلىۋالمىغان، بەلكى، گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەپ، كىشىلەرگە بولغان تەسىر قىلىش ۋە قوبۇل قىلىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئۆزگىچە ئۇسلۇبلار بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن، نەتىجىدە بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. شۇنداقلا، قۇرئان كەرىمدە گۈزەللىكنىڭ ئەكسى بولغان خۇنۈك، رەزىللىكلەرمۇ تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى تاكامۇللاشتۇرۇلغان. بۇ ئاساسلىقى قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلار ئوبرازى، دوزاخقا كىرىدىغانلار بىلەن جەننەتكە مەنسۇپ ئادەملەر، قىيامەت كۈنىدىكى كىشىلەرنىڭ ھالىتى، جەننەت ۋە دوزاخ مەنزىرىسى ۋە ئۇلارغا تەۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن سۈرە-ئايەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تۆۋەندە، بۇ نۇقتىلار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1)قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلار ئوبرازى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلىگەن پېرسوناژلار ئىچىدە خۇنۈك، رەزىل ماھىيىتى بىلەن كىشىلەرنى يىرگەندۈرىدىغان ئوبرازلار خېلى كۆپ. مەسىلەن: ئىبلىس، پىرئەۋن، قارۇن ئوبرازلىرىدىكى رەزىللىك، خۇنۈكلۈك بىزنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بۇ سەلبىي ئوبرازلارنىڭ يىرگىنچلىك خاراكتېرى بىزنى سەسكەندۈرىدۇ. ئىبلىسنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارىدىن يۈز ئۆرۈشى، مەڭگۈلۈك لەنەتكە قېلىشى، پىرئەۋننىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆجىزىلىرى ئالدىدا ھەقنى ئېتىراپ قىلماي ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشى، ئاللاھقا ئۆزىنى شېرىك كەلتۈرۈشى بىزنى غەزەپلەندۈرسە، قارۇننىڭ ئاللاھ  ئاتا قىلىپ بەرگەن مال-دۇنياغا شۈكرى قىلماي، مال-دۇنياغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئورنىغا دەسسىتىشى، ئاچكۆز، تويماس، ياۋۇزلۇقى، نەپسانىيەتچىلىكى بىزنى يىرگەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، پىرئەۋن ۋە قارۇن بىلەن ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈستىدە كۈرەش قىلىپ، ھاردىم-تالدىم دېمەي ئاللاھنىڭ ھەق-توغرا يولىنى تەرغىب قىلغان، ئاللاھنىڭ توققۇز مۆجىزىسىگە نائىل بولغان مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بولسا ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرد، كەڭ قورساق، قورقماس، قەيسەر، باتۇر ئوبرازى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام خاراكتېرىدىكى گۈزەللىك، ئىلغار، ئىجابىي تەرەپلەر مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرىدۇ.

دېمەك، قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلار پۈتۈنلەي ئىجابىي شەخسلەرلا بولماستىن، سەلبىي شەخسلەرمۇ سۈرەتلەنگەن. ئىجابىي شەخسلەر بىلەن سەلبىي شەخسلەر يانداشتۇرۇلۇپ ۋە كىرىشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تەسۋىرلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە كۆرسىتىش مۇمكىن.

‹1›ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە سەلبىي شەخسلەرنى تەسۋىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ خۇنۈك، رەزىل ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق، ئىجابىي شەخسلەرنىڭ(ئاللاھنىڭ توغرا، ھەق يولىدا ماڭغۇچىلارنىڭ) روھىي گۈزەللىكىنى، چىن ئىنسانلىق ماھىيىتىنى ۋە گۈزەل خاراكتېر، ئوبرازىنى تېخىمۇ يورۇتىدۇ. كىشىلەرنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىرىدۇ.

‹2›كىشىلەرنى سەلبىي شەخسلەرنىڭ خۇنۈك، رەزىل ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلاردەك ئېچىنىشلىق تەقدىر، ھالاكەتلىك ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەگەر سەلبىي شەخسلەرنىڭ خۇنۈك ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلمىگەن بولسا، ئىجابىي شەخسلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى، گۈزەل خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ئۇنچىۋالا تولۇق ئىپادىلەنمىگەن، قۇرئان ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، ئۇلارنى سۆيۈندۈرەلمىگەن بولاتتى.

2)قۇرئان كەرىمدىكى شەيئىلەر تەسۋىرى

قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن شەيئىلەر ئىچىدىمۇ خۇنۈكلۈك، رەزىللىك ئىپادىسىنى تاپقان ئوبيېكتلار ئاز ئەمەس، بۇ شەيئىلەرنىڭ خۇنۈك، رەزىل تەرەپلىرىمۇ بىزنى ئوخشاشلا يىرگەندۈرۈپ، گۈزەللىككە، ئىلغارلىققا يۈزلىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ. تۆۋەندە، بىز نۇقتىلىق قىلىپ قۇرئان كەرىمدە سۈرەتلەنگەن  ”دوزاخ“، ”جەننەت“ تەسۋىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

دوزاخ“ ۋە ”جەننەت“، قۇرئان كەرىمدە كۆپ سۈرىلەردە تىلغا ئېلىنغان. قۇرئان كەرىمدە دوزاخ ئەڭ قورقۇنچلۇق جاي بولۇپ، دوزاخ تەسۋىرلەنگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغان كىشىنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. مەسىلەن: ”بەختسىزلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا ئېگىز-پەس توۋلاپ نالە-پەرياد چېكىدۇ“{سۈرە«ھۇد»(11-سۈرە)، 106-ئايەت}؛ ”ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ“{سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 16-ئايەت}؛ ”ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلايدۇ“{سۈرە«ھاققە»(69-سۈرە)، 32-ئايەت}؛ ”ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىپ كېتىدۇ“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 1920-ئايەتلەر}؛ ”ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 21-ئايەت}؛ ”ئۇنىڭغا گۇناھكارلار يەيدىغان يىرىڭ-زەرداپتىن باشقا تاماق يوقتۇر“{سۈرە«ھاققە»(69-سۈرە)، 36-ئايەت}.

بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، دوزاخنىڭ دەھشەتلىك ھالىتى ۋە مۇدھىش مەنزىرىسىدىن تېنىمىز شۈركىنىدۇ. دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشىدىن يۈرىكىمىز سىقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇدىمىزدا دوزاخنىڭ خۇنۈك قىياپىتى، ئازاب، مۇشەققەتلىك ھالىتىدىن ئەنسىرەش، قورقۇش شەكىللىنىدۇ. شۇنداقلا، دوزاخ ئازابىغا گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ.

قىسقىچە ئېيتقاندا، دوزاخنىڭ ئازاب ۋە مۇشەققەت بىلەن تولغان ماھىيىتى ئىنسانلارنى سەسكەندۈرىدۇ. مەڭگۈ باياشاتلىق، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق بىلەن تولغان ماكان— جەننەتكە ئىنتىلىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ”جەننەت“ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ”شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ جايى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 107-ئايەت}؛ ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ. ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىغا داخىل قىلىمىز“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 57-ئايەت}؛ ”ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 195-ئايەت}.

سۈرە«ئىنسان»(76-سۈرە)نىڭ 1221-ئايەتلىرىدىمۇ جەننەت مەنزىرىسى سۈرەتلەنگەن.

بۇ ئايەتلەردە، جەننەتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئارامبەخش ئېتىدىغان، مەڭگۈلۈك باياشات ماكان ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان. جەننەتنىڭ مانا شۇنداق گۈزەل مەنزىرىسى ئىنسان ۋۇجۇدىدا گۈزەل جەننەتكە ئىنتىلىش، قىزىقىش خاھىشى شەكىللەندۈرىدۇ. جەننەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىنسان روھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىققا چاقىرىدۇ. ئىنسان مەنىۋى دۇنياسىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خۇنۈكلۈك، رەزىللىك ۋە چاكىنىلىقتىن توسىدۇ، ئىنسان روھىيەت گۈزەللىكىنى بېيىتىدۇ. 

قىسقىسى، جەننەت تەسۋىرى، دوزاخ تەسۋىرىگە قارشى ھالدا ئىنسان روھىيىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، گۈزەللىك ئالىمىگە ئىنتىلدۈرىدۇ. خۇنۈكلۈك ۋە رەزىللىكتىن سەسكەندۈرۈپ، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىققا يۈزلەندۈرىدۇ.

دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئاللاھ تابارەكە ۋەتائالا مۇقەددەس كالامى ئارقىلىق ئىنسانلارغا گۈزەللىك تەربىيەسى بېرىپ، مۇئمىن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر