باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

گۈزەل ئەخلاق ئىنسان زىننىتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-12   
ياقۇپ ھەمدۇللا
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ئەدەپ-ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى، سۆز-ھەرىكىتى، ئىش-ئەمەلى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، نىيەتلىرىنى ياخشى-يامان، سەت-گۈزەلگە ئايرىيدىغان مىزان.
ئىسلام دىنى ئىنسانلارغا گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇپ، گۈزەل ئەخلاقنى ئىنسانلار روھىي دۇنياسىدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ئىلغار دىن. ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇنداق تەلىم بەرگەن: ”ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى)“{سۈرە«ئىبراھىم»(14-سۈرە)، 52-ئايەت}؛ ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن. ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 125-ئايەت}؛ ”بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك-شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز-نەسىھەت بار“{سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 51-ئايەت}.
 بۇ ئايەت كەرىملەردىكى ”ۋەز“ دېگەن سۆز ”نەسىھەت قىلىپ تەربىيە بېرىش، يول كۆرسىتىش“ دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىنسانلارنى گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل پەزىلەتلىك، پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا يول كۆرسىتىش، ئىسلام شەرىئەت بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ بىلىملىك، دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنى ياخشى ئادەم بولۇش، ياخشىلىققا چاقىرىش، يامان ئىشلاردىن مەنئى قىلىش ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا تاپشۇرغان پەرز ئەمەل، ئىلاھىي مەجبۇرىيەت.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”مەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“(ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا» توپلىمىدىن) دەپ ئۆز ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى روشەن تونۇپ، گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدا بىزگە مۇنداق كۈچلۈك مەدەت ۋە قىزغىن ئىلھام بېرىدۇ: ”ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر“؛ ”ياخشىلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”ئادەملەرنىڭ ياخشىسى ئادەملەرگە پايدىسى تېگىدىغانلاردۇر“(«سەھىھ ھەدىسلەر»، 86-بەت)؛ ”بەندىنىڭ ساۋاب تارازىسىدا ياخشى خۇلقتىن ئېغىرراق تۇرىدىغان ئىش يوقتۇر. ئۇنىڭ دەرىجىسى ھەتتا ناماز ۋە روزىنىڭ دەرىجىسى بىلەن باراۋەر(«سەھىھ ھەدىسلەر»، 135-بەت)؛ ”مۇئمىننىڭ ئىمانى ئەڭ كامىلى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىدۇر“ (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)؛ ”سىلەردىن مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ، قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن ئولتۇرىدىغان كىشى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل كىشىدۇر“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلەر: ”جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟“ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق“ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى، ئەقىدە-ئىخلاسى، نىيەت-ئىقبالىنى گۈزەل ئەخلاققا بىرلەشتۈرۈپ شەرھلەيدۇ. ئادەمنىڭ دىلىنىڭ پاكلىقى، ئىمانىنىڭ ساپلىقى، تەقۋادار-ئىخلاسمەنلىكىنى ئۇنىڭ نىيەت-ئىقبالى، سۆز-ھەرىكىتى، ئەخلاق-پەزىلىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گۈزەل ئەخلاق ئىنساننىڭ قەلب گۈلزارى. گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ ئىپادىسى، بىلىم-قابىلىيەت، ئەقىل-پاراسەت، ئېسىل خىسلەت يۈكسەكلىكىنىڭ دەرىجىسى، ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتنىڭ مۇھىم سەۋەبچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاخىرەتتە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 133-ئايەت}؛ ”شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىمىز. ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز“{سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 7-ئايەت}.
ئىمان-ئىخلاسى كامىل مۇئمىنلەر گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل پەزىلەتلىك بولىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، يامان ئىشلارنى، رەزىللىكنى چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ دىلى، تىلى، ھەرىكىتى گۈزەل بولىدۇ. مۇئمىن مۇسۇلمانلار ئېتىقاد-ئىمانى كۈچلۈك، ئىبادەتتە ئىخلاسمەن، تەقۋادار، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىمىزگە مۇھەببىتى چوڭقۇر كېلىدۇ، بىرسىنى ياخشى كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، نەپرەتلەنسىمۇ ئاللاھ ئۈچۈن نەپرەتلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن، بەرىكىتىدىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىدىن ئۈمىدۋار بولىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى، نېمىتىگە شۈكرى قىلىدۇ، ھەر خىل ئىبادەتلەردە غەيرەت-جاسارەت ۋە قەتئىيلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، جازاسىدىن ھەمىشە قورقىدۇ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەر خىل مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ھەر ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدۇ، ھەر ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرىدۇ، ئاللاھقا ھېچكىمنى، ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ؛ ھەر خىل ئىلىملەرنى ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگىنىدۇ ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ، كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇپ، ئىلىم ئەھلىنى، ئاتا-ئانىنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئاجىز-كېسەللەرنى، پېقىر-مىسكىنلەرنى يوقلايدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىدۇ؛ تارازادا دۇرۇس بېرىدۇ، ھالالدىن رىزىق تېپىپ، ھارامدىن يىراق تۇرىدۇ، كەيپ-ساپا قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قەدىرلەيدۇ، دىن ئەخلاقى بىلەن ياشاپ، ئىجتىمائىي تەرتىپكە رىئايە قىلىدۇ؛ جانىۋارلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسرايدۇ، بالىچاقىلىرىنى ئۆزلىرىدەك ئەخلاقلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
گۈزەل ئەخلاق، گۈزەل خۇلق ھەممە ياخشىلىقنىڭ ئانىسى. ئىززەت-ھۆرمەت ئەخلاق-پەزىلەتتىن، قەدىر-قىممەت بىلىم-قابىلىيەتتىن، شانۇشاراپەت نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتتىن كېلىدۇ. ھەر كىم ئۆز ئوبرازىنى ئۆزى يارىتىدۇ. ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆزى يازىدۇ. سېنىڭ سۆز-ھەرىكىتىڭ، ئىش-ئەمەلىڭ، ئەدەپ-پەزىلىتىڭنى دوستلىرىڭ كۆرگۈ ئەينەكتە كۆزەتسە، دۈشمەنلىرىڭ لوپا ئەينەكتە كۆرىدۇ. ھەر ئادەمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۆزىگە راستلىغان ئابىدىسى. ئىمانى كامىل، ئەخلاقى پازىل، ھەر ئىشتا قابىل كىشىلەر جەمئىيەت ئېتىزىغا گۈل تەرگۈچى باغۋەنلەردۇر.
جەمئىيەتتە ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر دۇنياپەرەسلىك، پۇلپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە راھەتپەرەسلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. ھاياسىز، نومۇسسىز، پاھىشىۋاز، قىمارۋاز، ھاراقكەش، بەڭگىلەر كۆپىيىپ، چىرىكلىك، پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، ساختىپەزلىك خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلدەك يامراپ كېتىۋاتىدۇ. ئىمان-ئېتىقادى ئاجىز بىر قىسىم ياشلار دىنىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقى، مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئۆرپ-ئادىتى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۆگەنمەي، چەتنىڭ چاكىنا مەدەنىيىتى، پاسكىنا ئادەتلىرىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ھاياسىز، شەھۋانىي ئادەتلىرىنى قارىغۇلارچە دوراپ، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ، ئەخلاقى بۇلغىنىپ، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىقى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتىدۇ. بىر يۇرتقا بالايىئاپەت، جىنايى قاباھەت ئەنە شۇنداق ئىمان-ئېتىقادسىز، ئەخلاقسىز، ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز، بىلىمسىز دىلى كورلاردىن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ(يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 46-ئايەت}.
”فەھىش(بۇزۇق) ئىشلار، فەھىش سۆزلەر ئىسلامدا يوق ئادەتلەر. مۇئمىن كىشىنىڭ ئەۋزىلى ياخشى خۇلقلۇق بولىدۇ“(«سەھىھ ھەدىسلەر»دىن).
”ئاللاھ ناتوغرا يول تۇتۇپ، بىھايا سۆزلەرنى قىلغۇچى كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ“(«سەھىھ ھەدىسلەر»دىن).
ياشلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. يامان ئادەت، ناچار ئىللەت، چاكىنا مەدەنىيەت ياشلارنى خىرۇئىندەك زەھەرلەيدۇ. ئېتىقادسىز، ئەخلاقسىز، نادان، ۋىجدانسىز ئادەم ھېچنېمىگە يارىماس ئەخلەتتۇر. ۋىجدان سوتچى، ئەخلاق ساقچى بولغان بولسا، دۆلەتتە ساقچى، جەمئىيەتتە جىنايەتچى ئاز بولغان بولاتتى. نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىمى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەشنىڭ كويىغا كىرىش كېرەك، يامان تۈزەلسە زامان تۈزۈلىدۇ. ئائىلە، ئەۋلاد ۋە مىللەت، دۆلەتنىڭ بەخت-ئىقبال، تەقدىر-ئىستىقبالىغا بىۋاسىتە باغلىنىدىغان مۇھىم ئۆزەك. ھەربىر ئائىلە بىر دەرسخانا، ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈلگىلىك ئۇستاز بولۇشى، بالىلارغا تۇرمۇشتا مېھرىبان، كۆيۈمچان بولۇش بىلەن بىرگە تەلىم-تەربىيەدە تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، پاسىبان، يېتەكچى بولۇش كېرەك. ئەخلاقىي جەھەتتىن ئائىلە تەربىيەسىدىن مەھرۇم بالا مەكتەپ تەربىيەسىدە مۇكەممەل تەربىيەگە ئېرىشەلىشى ناتايىن. ئائىلىدىكى ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئۇنىۋېرىسال تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاجىزلىقى ئائىلىگە پاجىئە، جەمئىيەتكە تىراگېدىيە ئېلىپ كېلىدۇ. بىر قىسىم نادان ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىش، جان بېقىش، كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدىلا بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىلىم تەربىيەسىگە سەل قارىماقتا، نەتىجىدە بالىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرماقتا. ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنى، مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.
ئادەمدە دىيانەت، پاراسەت، ئەخلاق-پەزىلەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئەڭگۈشتەر بولۇشى كېرەك. بۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئادەم قىممىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە كۆركى. بىر ئادەمنىڭ قانداق يېتىلىشى ئائىلىدىكى ئەخلاق تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى دىنىي تەلىم، ئەخلاق تەربىيەسىنى مەركەز قىلىدۇ.
بالىلىرىمىز بىلىم-مەرىپەت، ئەدەپ-پەزىلەت، ھۈنەر-سەنئەت، تېخنىكا-ماھارەتتە ئەتراپلىق تەربىيەلەنسە ئىمانى كامىل، ئەخلاقتا پازىل، ھەر ئىشتا قابىل، يېڭىلىق يارىتىشتا دادىل بولۇپ، دەۋرگە ئەگىشىپ، تەرەققىياتقا ماسلىشىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. قادىر ئاللاھ بارلىقىمىزغا ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر