باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەقىدە-ئىمان

ئىسلام دىنى ھەرقانداق ئىشتا نىيەتنى ئالدىغا قويىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىسلام دىنى ئاللاھ بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئەتراپىدىكى شەيئىلەر ئارىسىدىكى ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋەتدارلىقنى ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش مەقسىتى قىلىدىغان بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنى ”ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت“ دەپ بېكىتكەن.

بىزنىڭ شاھادەت ئېيتىشىمىز، ناماز ئوقۇشىمىز، زاكات بېرىشىمىز، روزا تۇتۇشىمىز، ھەج تاۋاپ قىلىشىمىز، ئىلىم ئۆگىنىشىمىز، سەدىقە قىلىشىمىز، يول ياسىشىمىز، كۆۋرۈك سالدۇرىشىمىز، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ يېتىم-يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىز، زاۋۇت، كان-كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، پەن-تېخنىكا، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئاياللىرىمىزنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق تونۇتۇپ توغرا يېتەكلەپ مېڭىشىمىز، ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ساۋاقداشلار-خىزمەتداشلار ئارا ئېجىل-ئىناق ئۆتۈشىمىز، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز، ئۆزىمىزنى روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ياخشى تەربىيىلەپ، ئۆزىمىزنىڭ روھ ۋە تەن ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىمىز، قەلەم تەۋرىتىپ نەشر ئەپكارلار ئارقىلىق خەلقنى تەربىيىلىشىمىز...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خالىس ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈنلا بولىدىكەن شەكسىز ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا(يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى“{سۈرە«بەييىنە»(98-سۈرە)، 5-ئايەت}.

بەزىلەر ”مۇشۇ ئىشلارنىمۇ ئىبادەت دەيدىغاندىمۇ؟“ دەپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پەقەت ”ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ قويۇش“، ”ناماز ئوقۇش“، ”زاكات بېرىش“، ”رامىزان روزىسى تۇتۇش“، ”ھەج تاۋاپ قىلىش“نىلا ئىبادەت دەپ چۈشىنىدۇ. نەزەر دائىرىسى كەڭرەكلىرى ”نىكاھ ئوقۇش“، ”بالىسى تۇغۇلسا ئىسىم قويۇش“نىمۇ ئىبادەت دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىكى كىشىلىك ئەخلاق- پەزىلەت، دۇنيا قاراش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئىجتىمائىي تەرتىپ دېگەنلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقىدىغان مۇسۇلمانلىرىمىز بەك ئاز. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ قويۇش زۆرۈركى، ئىسلام دىنى ئەقىدە ۋە ئىبادەت ئىشلىرىدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتى، كىشىلىك دۇنيا قارىشى، غايىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارنى تەرتىپكە سالىدىغان ئىجتىمائىيلىق ۋە ئەقىدىۋىلىككە ئىگە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىلاھىي پرىنسىپتۇر.

ئىبادەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىبادەت بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى چەكلىك سورۇن ۋە چەكلىك ۋاقىتتىلا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەخسۇس پائالىيەتتىنلا ئىبارەت بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىي ئىزدىنىشى ھەم كائىنات، ئاللاھ، ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇش ئارقىلىق توغرا ئېلىپ بارغان بارلىق ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. ”ئىبادەت“ دېگەن بۇ سۆز ”باش ئەگمەك، بويسۇنماق، قۇلچىلىق قىلماق“ دېگەندەك مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. ئەنە شۇ سۆزدىن ياسالغان ” ىبد“ دېگەن ئىسىم ”قۇل“ دېگەنلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن، بارلىق ئىشلارنى خوجايىننىڭ رازىلىقى ئاستىدا قىلىدىغان ئادەمگە قارىتىلغان. ”ئىبادەت“ دېگەن بۇ سۆز دىنىي جەھەتتىن تىرەن، چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ يەردىكى”قۇل“ ئاللاھنىڭ قۇلى، ئاللاھنىڭ بەندىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر مەئبۇدقا چوقۇنمايدىغان، پۈتكۈل پىكىر-خىياللىرى، بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئاللاھنىڭلا رىزالىقىنى كۆزلەيدىغان، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا لايىق كىشى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ(ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا(ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: ’سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز‘ دەيدۇ(يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ)“{«فۇرقان»(25-سۈرە)، 63-ئايەت}

بۇ ئايەت يۇقىرىدىكى نۇقتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر بەندىلەرنىڭ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق پائالىيەتلىرى ئىبادەت بولمايدىكەن، بەزى كىشىلەر دېگەندەك ئىبادەت خاس ئورۇندىلا چەكلىنىپ قالىدىكەن، ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى يارىتىشتىكى مەقسىتى قانداق ئورۇندىلىدۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم“{سۈرە«زارىيات» (51-سۈرە)، 56-ئايەت}.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىبادەت قىلىش بەندىنىڭ تۈپ مەجبۇرىيىتى. بىز بۇنىڭسىز ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايمىز. ئەمما ئەنە شۇ ئىبادەتنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىدىغان تۈپ ئامىل— نىيەتنىڭ ساپ بولۇشىدىن ئىبارەت:

1. نىيەت بارلىق ئەمەللەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مەقبۇل بولۇش-بولماسلىقىدىكى تۈپ ئامىل بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلەردىكى تەلىپى ئۇلارنىڭ سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك قىياپىتى بولماستىن، بەلكى ساغلام قەلبىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە، (ئۇلارغا)’جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر‘ (دېيىلىدۇ)“ {سۈرە«قاف»(50-سۈرە)، 33-34-ئايەتلەر}.

قورقۇش ھەم تەۋبە قىلىش قەلبنى پاكپاكىز تازىلىغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئېنىقكى، قەلبنى تازىلاش نىيەتنى تۈز ھەم ساپ تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇ كۈنى(ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزىلىدۇ“{سۈرە«شۇئەرا»(26-سۈرە)، 88-89-ئايەتلەر}.

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر“{سۈرە«ھەج» (22-سۈرە)، 37-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ قەددى-قامىتىڭلارغا قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا قارايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”ھەقىقەتەنمۇ ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ. كىشىنىڭ ئېرىشىدىغىنى نىيەت قىلغان نەرسىسىدۇر...“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بىز يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىسلەردىن ئەگەر بىزدە دۇرۇس نىيەتلا بولسا، قىلغان ئىبادەتلىرىمىز مەقبۇل بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

2. دۇرۇس نىيەت ئۆرپ-ئادەت چاغلىق ئىشلارنى ئىبادەت، ئىسلام شەرىئىتى يولغا قويغان مۇباھ ئىشلارنى ئىتائەت، ھەتتا شەھۋەتنىمۇ ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئىزدەشتىكى بىر ۋاسىتە قىلىۋېتىدۇ. مەسىلەن: ئات بېقىش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىر ئىش، ئەمما بىر ئادەم ئۇنى بېقىشتا نىيەتنى دۇرۇس قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن باققان بولسا، شۇنىڭغا قاراپ ئاللاھ ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئات ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.1-رەھمان تائالا ئۈچۈن؛ 2-ئىنسان ئۈچۈن؛ 3-شەيتان ئۈچۈن“(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالاغا ئېيتىلغان ھەربىر تەسبىھ، ھەربىر تەھلىل، ھەربىر ھەمدۇسانا، ھەربىر تەكبىر سەدىقىدۇر. ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش، يامان ئىشلاردىن توسۇش سەدىقىدۇر. ھەتتا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىشىڭلارمۇ سەدىقىدۇر“ مۇشۇنى دېگەندە، ساھابىلەر: ”ئەي رەسۇلۇللاھ، بىز ئۆزىمىزنىڭ جىنسىي ھەۋىسىمىزنى قاندۇرغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ساۋاب بېرىلەمدۇ؟“ دەپ ئەجەپلەنگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئېيتىڭلارچۇ؟ ئەگەر سىلەر جىنسىي ھەۋىسىڭلارنى ھارامدىن قاندۇرساڭلار گۇناھ بولامدۇ؟(ئەلۋەتتە گۇناھ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟) خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىڭلارنى ھالالدىن قاندۇرغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ساۋاب بېرىلىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3. بۇزۇق نىيەت ئاللاھ تائالا يولىدا قىلغان ھەرقانداق تائەت-ئىبادەتنىڭ ئاللاھ نەزىرىدىكى قىممىتىنى، يەنى ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ“{سۈرە«مائۇن»(107-سۈرە)، 4-6-ئايەتلەر}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەنمۇ ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەم مال-دۇنيا ئۈچۈن ياكى ئايالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھىجرىتى كۆزلىگەن نەرسىسى ئۈچۈن بولىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە ئۈچ تۈرلۈك رىياخورنىڭ قىيامەت كۈنى تۇنجى قىلىپ دوزاخقا تۇترۇق قىلىنىدىغانلار ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ”رىياخور قارى، پۇل-مېلىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغۇچى، رىياخور مۇجاھىد“تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

4. نىيەت دۇرۇسلا بولىدىكەن، گەرچە ئۇ نىيەتكە ئەمەل قىلىپ بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەنە شۇ نىيەتكە ئاللاھ يېتەرلىك ساۋاب بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 100-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”بىز چىغىر يوللاردا ۋە ۋادىلاردا بولمايلى مەدىنىدە قېلىپ(بىز بىلەن چىقالمىغانلار) بىز بىلەن بىرگىدۇر(يەنى ئۇلارغىمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئەجىر بېرىلىدۇ). ئۇلارنى ئۆزرە توسۇپ قالدى...“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن بىر قېتىملىق يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ساھابىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە چىقىش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم ساھابىلەر مەلۇم ئۆزرە سەۋەبىدىن چىقالماي قالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئەنە شۇلار بىز بىلەن بىرگە چىقالماي قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىرگە چىقىش نىيىتى بولغانلىقتىن ساۋاب ئۇلارغىمۇ بىزگە ئوخشاشلا بېرىلىدۇ، دېگەن).

5. دۇرۇس نىيەتنىڭ بەرىكىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئورتاق بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىفتە مۇنداق دېگەن: ”ھەرقانداق ئادەم باشقىلاردىن’چوقۇم قايتۇرىمەن‘ دېگەن نىيەتتە قەرز ئالغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

6. ياخشى نىيەتنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىمۇ ياخشى تاماملىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار. ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 35-ئايەت}.

دېمەك، يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىسلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى تەسەۋۋۇرىنىڭ تۈپ مەنبەسى بولغان قۇرئان-ھەدىسنى تۇتقا قىلىپ، ئىدىيە ئازادلىقى ئېلىپ بېرىشىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا، باشقا ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئىدىيە ئازادلىقىنىڭ نەتىجىسى ئورنىغا قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن فىقھى ئالىملىرىدىن ئىمام شافىئى ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن نىيەت پەرز دەپ قارايدۇ. كىشىلەرنىڭ نىيىتى خالىس بولسىلا ئۇلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ساپ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشى، ئاخىرىدا ئىسلامىي ئاڭغا ئىگە بىر جامائەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئانچە قىيىنغا توختىمايدۇ. شۇندىلا كىشىلەر ئىسلام ئېتىقادى تەسەۋۋۇرى ئاستىدا گەۋدىلەنگەن ئاللاھ، ئىنسان ۋە كائىنات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلغان ئىلاھىي پرىنسىپنىڭ يارقىن نامايەندىسىنى كۆرەلەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى، نىيەت توغرا ھەم دۇرۇس بولسىلا ئەمەلنىڭ ھەممىسى نەتىجىلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن:

1) ياخشى نىيەت گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ۋە ھارام نەرسىلەرنى ھالالغا ئايلاندۇرالمايدۇ. ئىسلام دىنى غايىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئۇ غايىگە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەقىقەت مەنزىلىگە باتىل يول بىلەن يېتىشكە قارشى تۇرىدۇ.

2) ئاللاھ بەلگىلىمىگەن ئەقىدە، ئىبادەت يوللىرى، مەيلى ئۇ قانداق ياخشى نىيەت، ئارزۇ-تىلەكلەرنى كۆزلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، مەقبۇل ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەر قانداق ئادەم بىزنىڭ مۇشۇ ئىشىمىز(ئىسلام دىنىمىز)دا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر