باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

ھاجەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-24   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنى پاك-پاكىزە بولۇشقا، ئەۋلادلارنى ياخشى تازىلىق ئادەتلىرى بىلەن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان پاك، ساغلام دىن. ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك دەستۇرى مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدە جانابىي تابارەك ۋە تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 222-ئايەت}.

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى، يېتەكچىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پاكلىقنى ياقتۇرىدۇ، ئاللاھ پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى سۆيىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ ”پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ تەلىم بەرگەنىدى. يۇقىرىقى ئايەت كەرىم، ھەدىس شەرىفلەردىن پاكىزلىقنى سۆيگەنلەرنى ئاللاھ سۆيىدىغانلىقى، پاكىزلىقنى سۆيگەندە ئاللاھقا يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى، پاكىز بولغاندىن كېيىن قىلغان تائەت-ئىبادەت، دۇئا-تىلاۋەتلىرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدىغانلىقىنى، ئەكسى ھالدا ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىۋالالايمىز. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئىكەنمىز، چوقۇم پەرۋەردىگارىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يوليورۇقى بويىچە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بارلىق پائالىيەت، ئىش-ھەرىكەتلەردە ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە تازىلىق ئەدەپلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىشىمىز، ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەن ناپاك ئىشلاردىن يېنىشىمىز لازىم.

تۆۋەندە ھاجەت(تەرەت) قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى ھەققىدە توختىلىمىز:

1.ئەۋرەتنى يېپىش پەرز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاجەتنى ئادا قىلىشتا چوقۇم خالا جايغا كىرىش كېرەك. دالىدا بولسا ئادەم كۆرۈنمەيدىغان يىراق، خالىي جايغا بېرىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەت قىلماقچى بولسا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن يىراق جايغا باراتتى(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)، خالا جاينى(ھاجەتخانىنى) خالىيراق جايغا چوڭقۇرراق ئويۇپ، تۆت تېمىنى تۇرغۇزۇپ، ئۈستىنى يېپىپ، ئىشىك-دېرىزىلىرىنى ھىم يېپىلىدىغان قىلىپ سېلىش، تەرەت قىلىدىغان خاس ئورنىنى پاكىز تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. بەزى يېزا-قىشلاقلاردا ھاجەتخانا سالمايدۇ. خالىغانچە تام كەينىلىرىدە، كۆلچەكلەردە ئولتۇرۇۋېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەۋرەتنى يېپىشقا ئامالسىز قالىسىز، تەرەت قىلىشقا قولايسىز، نىجاسەتنىڭ كىيىمىڭىزگە چاچرىشى، يۇقۇپ قېلىشىدىن خالىي بولالمايسىز. مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولىدۇ. مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولسا ھەر خىل كېسەل مىكروبلىرى، باكتېرىيەلەر يامراپ كېسەللىك ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىگە مۇخالىپ كېلىپ قالىدۇ. ھاجەتخانىسى يوقنىڭ ھاياسى يوق، ھاياسى يوقنىڭ ئىمانى كەمتۈك.

2.ھاجەتخانىغا كىرىشتە سول پۇت بىلەن كىرىمىز. ”ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم، ئى ئاللاھ، ساڭا سىغىنىپ بارلىق ئەركەك-چىشى جىنلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەيمەن“ دەپ ئوقۇپ ئاندىن كىرىمىز. ھاجەتخانىدىن چىققىچە ئوڭ پۇت بىلەن چىقىپ، ”ئى ئاللاھ، سېنىڭدىن مەغپىرەت تىلەيمەن“ ياكى ”ماڭا لەززىتىنى تېتىتىپ، قۇۋۋىتىنى تېنىمدا قالدۇرغان، زىيانلىقنى تېنىمدىن چىقىرىۋەتكەن ئاللاھقا شۈكرى“ دەپ ھەمدۇسانا ئوقۇپ چىقىمىز، ھاجەتخانىدىن چىقىپلا قولنى پاكىز يۇيۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

3.ھاجەتخانىغا كىرگۈچى ئاللاھنىڭ نامى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئايەت، ھەدىس، دۇرۇت، دۇئالار پۈتۈلگەن نەرسىلەرنى، ئۇلۇغ كىتاب، ئەزىز نەرسىلەرنى، سىرتتا قويۇپ كىرىش لازىم. ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ نامى ئويۇلغان ئۈزۈك سېلىۋېلىپ يۈرەتتى، ھاجەتكە ئولتۇرغۇچە ئۈزۈكنى ئېلىۋېتەتتى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

4.تەرەتكە ئولتۇرغۇچە كىيىملەرنىڭ نىجاسەتكە بۇلغىنىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش، ئۇزۇن پەلتو، جۇۋىلارنى سىرتتا سېلىۋېتىش، كۆڭلەك ۋە ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى قايرىۋېتىپ خالانىڭ خاس جايىغا دۇرۇس ئولتۇرۇش لازىم. سىرتىغا، يانلىرىغا تەرەت قىلىش ئەدەپسىزلىك ھەم ئېغىر گۇناھ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ”ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋېتىپتۇ. ئۇلار چوڭ ئىش سەۋەبلىك ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز سۈيدۈكىنىڭ كىيىمگە تېمىپ كېتىشىدىن ساقلانمايتتى. يەنە بىرى، كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلاتتى“ دېگەن(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). نىجاسەت يۇقۇشتىن، تېمىپ قېلىشىدىن ساقلانمىساق، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قەبرە ئازابىدىن، قىيامەت ئازابىدىن ساقلىنالمايمىز. شۇڭا ھاجەتكە بارغاندا ئۆرە تۇرۇپ تەرەت قىلىش چەكلىنىدۇ. چوقۇم ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىش، خاس جايغا دۇرۇس ئولتۇرۇپ تولۇق سىيىپ تۈگىتىش، ئالدىرىماسلىق لازىم. دالىدا ئولتۇرغاندا قاتتىق تاش، قاتتىق يەرگە سىيىشكە، شامالغا قارشى سىيىشكە بولمايدۇ. تۇپراقنى يۇمشىتىپ، سۈيدۈكنىڭ چاچراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەرەت قىلىپ بولغاندا نىجاسەتنى كۆمۈۋېتىش كېرەك. بۇ تازىلىق ئۈچۈن، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

قىسمەن ياش قېرىنداشلىرىمىز خالىغان جايغا بېرىپ ئۆرە تۇرۇپلا سىيىدۇ، سىيىپ بولۇپلا تازىلىق قەغىزىنى تۇتمايلا، ئوڭ قولىدا تۇتۇپ بىر ئىككى سىلكىۋېتىپ ئىشتاننى ئېتىپ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق سىيسىڭىز سۈيدۈك ھەم چاچرايدۇ، ھەم تېمىپ كېتىدۇ. يېنىڭىزغا كەلسە تېكىدەك سۈيدۈك پۇرايدۇ. پاكىز بولمىغان كىيىمدە قىلغان ئىبادىتىڭىز، دۇئا-تىلىكىڭىز مەقبۇل بولمايدۇ. زىيىنىنى بۇ ئالەمدە، قازاسىنى ئۇ ئالەمدە تارتىسىز.

5.ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا ئالدى-ئارقىمىزنى قىبلە تەرەپكە قارىتىشقا بولمايدۇ. ھاجەتخانا سالغاندا ئولتۇرۇش يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىش چەكلىنىدۇ. ئەبۇ ئەييۇب ئەنسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر چوڭ-كىچىك ھاجەت قىلغان چېغىڭلاردا قىبلىگە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، ئارقاڭلارنىمۇ قىلماڭلار“. قىبلە پەرۋەردىگارىمىز مۇسۇلمانلارغا بەلگىلەپ بەرگەن مۇقەددەس سەجدە يۆنىلىشىمىز. قىبلىگاھنى قەدىرلەپ، ھۆرمىتىنى قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. شۇڭا تەرەتكە ئولتۇرغاندا، ئىستىنجا قىلغاندا، غۇسلى قىلغاندا، ئەۋرەت ئوچۇق چاغدا ئالدى-ئارقىمىزنى قىبلىگە قارىتىشتىن ئېھتىيات قىلغىنىمىز ياخشى. ئاسماندىكى قۇياش، ئايمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى، ئۇلۇغ مۆجىزە بولغاچقا ئاي-كۈنگە قاراپ تەرەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. پەيغەمبىرىمىز ئىنتايىن ئىلمىي ھەم تەبىئىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ بىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن ۋە شۇنداق قىلىشقا ئىلھام مەدەت بەرگەن.

6.ھاجەتخانىلاردا ئەر-ئاياللارغا ئايرىم-ئايرىم خانە بولۇشى، بىر بۆلمىدە بىرلا ئادەم ئولتۇرىدىغان، ئەۋرەتلىرى توسۇلىدىغان، بۆلمە ئىشىكلىرى ھىم يېپىلىدىغان بولۇشى زۆرۈر. بىر بۆلمىگە بىر ۋاقىتتا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىككى ئادەم كىرىپ بىرلىكتە ئولتۇرۇش چەكلىنىدۇ. تەرەتكە ئولتۇرغاندا ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە، تەرىتىگە قاراشقا بولمايدۇ.

7.ھاجەتخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇۋالماسلىق، گەپ قىلماسلىق، ئايەت، ھەدىس، دۇرۇتلارنى ئوقۇماسلىق، يۆتىلىپ-قېقىلىپ تۈكۈرمەسلىك لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: ”ئىككى ئادەم بىللە ھاجەتتە ئولتۇرسا(ئايرىم بۆلمىلەردە) ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن ھەم سۆزلەشمىسۇن. ئەگەر شۇنداق قىلمىسا ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلىدۇ“. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۆكمى بەرھەقتۇر. قىسمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ سۆزلىشىپ، كۈلۈشۈپ كېتىدىغان، تاماكا چېكىپ، كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان، بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈدىغان ئىللەتلىرى بار. ئۇلار نىجاسەتنىڭ بەدبۇيىدا بۇسلىنىپ، مىكروب، باكتېرىيەلەر بىلەن دوست بولۇپ، كۈلۈشۈپ، سۆزلىشىپ ئولتۇرىدۇ. بىلىش كېرەككى، ھاجەتخانا مېھمانخانا ياكى باشقا ئىستىراھەت ئورۇنلىرى ئەمەس.

8.تۆۋەندىكىدەك جايلارغا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش چەكلىنىدۇ:

1) چوڭ-كىچىك يوللار، كوچىلارغا، مەسچىت، كىتابخانا، ئىدارە-ئورگانلارغا، ئولتۇراق قورۇلارغا، خارابە ئۆيلەرگە، تام تۈۋىلىرىگە؛

2) ئادەملەر، ماللار سۇ ئىچىدىغان بۇلاق، ئۆستەڭ، قۇدۇق، كۆل سۇلىرىغا، سۇ بويلىرىغا، كارىزلارغا؛

3) ئادەملەر سايىدايدىغان ئارامگاھ، سەيلىگاھ، باغلارغا، گۈللۈك، مەنزىرىلىك ئوت-چۆپلەرگە، مېۋىلىك، مېۋىسىز دەرەخ تۈۋىلىرىگە، چېنىقىش مەيدانلىرى، پائالىيەت سورۇنلىرىغا؛

4) ھايۋانلارنىڭ ئېغىل، قوتانلىرىغا، ھاشاراتلەرنىڭ ئۇۋىلىرى، تۆشۈكلىرىگە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈچ خىل لەنەت قىلىنغۇچى بولماڭلار، سۇغا، يولغا، كىشىلەر سايىدايدىغان جايغا تەرەت قىلماڭلار“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: ”ئۈچ تائىپە كىشىلەر باركى ئۇلارنىڭ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولمايدۇ: خارابىگە ئايلانغان ئۆي ئىچىگە تەرەت قىلغانلار؛ يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەرەت قىلغانلار؛ ئات-ئۇلاغلىرىنى بوش قويۇۋېتىپ ئاندىن ئاللاھتىن ئۇنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغانلار“(«سەھىھ ھەدىسلەر»دىن) دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدى.

9.ھاجىتى ئاياغلاشقاندا سول قول بىلەن ئادالاش، تازىلىق قەغىزى، ئەڭ ياخشىسى سۇ بىلەن تازىلاش كېرەك. قەغەزلەرنى تەكرار-تەكرار سۈرتۈش، تاق تۇتۇش، ئۇزاقراق تۇتۇش، سۈرتۈپ بولغاندا سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ يۇيۇش لازىم. بۇ ھەقتە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئۈلگە كۆرسەتكەن: ”سىلەر تەرەت قىلغاندا ئوڭ قولۇڭلار بىلەن تۇتماڭلار، ئوڭ قولۇڭلار بىلەن تازىلىماڭلار“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبىرىمىز ھاجەتكە بارغاندا مەن بىر قاچا سۇ ئاپىرىپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلدى“. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”چىشلىرىڭلارنى مىسۋاك بىلەن تازىلاپ تۇرۇڭلار ۋە تازىلىققا ئادەتلىنىڭلار. تەكرار-تەكرار قىلىنغان مەخسۇس ئىشلارنى تاق قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھ تاق. تاق ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ“(«سەھىھ ھەدىسلەر»دىن).

قۇرئان كەرىمدىمۇ مۇنداق دېيىلگەن: ”روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ“{سۈرە«شەمس»(91-سۈرە)، 9-ئايەت}.

ھاجەتخانىغا تازىلىق ئۈچۈن تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ قويۇش، سىرتقا چىققاندا يېنىمىزدا تازىلىق قەغىزى ئېلىپ يۈرۈش كېرەك. ھاجەتخانىدا كىتاب، كېرەككە يارايدىغان لاتا بىلەن سۈرتۈشكە بولمايدۇ. سىرتلاردا سۆڭەك، تېزەك بىلەن تازىلاشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق تەۋسىيە قىلغان: ”تېزەك ياكى ئۇستىخان بىلەن تەرىتىڭلارنى تازىلىماڭلار، ئۇ جىنلارنىڭ ئوزۇقىدۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

نىجاسەت يۇققان ئىكەن، چوقۇم تازىلاش كېرەك. نىجاسەتنى ئېغىر نىجاسەت، يېنىك نىجاسەت دەپ ئىككىگە بۆلىمىز. ئېغىر نىجاسەت دېگىنىمىزگە ئادەمنىڭ نىجاسەت يوللىرىدىن چىققان چوڭ تەرەت، كىچىك تەرەت، مەنىي، مەزى، ۋەدى، ھەيز، نىفاس، ئىستىھازەلەر؛ ئادەم بەدىنىدىن چىققان قان، يىرىڭ، زەرداپ، ئېغىز تولغىچە قۇسقان قۇسۇقلار، ھاراقلار، ھايۋانلارنىڭ قېنى، تېزىكى، ھارام قىلىنغان ماللارنىڭ گۆشى، مېيى، تېرىسى، توڭگۇزنىڭ ھەممە نېمىسى، ئۆي قۇشلىرىنىڭ مايىقى قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئېغىر نىجاسەتلەر بەدەنگە، كىيىمگە، نامازگاھقا تەڭگە چوڭلۇقىدا يۇقۇپ قالسا، ئۇنى دەرھال يۇيۇپ تازىلىۋەتمەي ئوقۇغان نامىزىمىز فاسىت(بۇزۇلغان) بولۇپ كېتىدۇ. يېنىك نىجاسەت دېگىنىمىزگە ھالال ئاتالغان ماللارنىڭ سۈيدۈكى، شالى، تەرى، ھارام قۇشلارنىڭ ماياقلىرى قاتارلىقلار كىرىدۇ. يېنىك نىجاسەت بەدەنگە، كىيىمگە تۆتتىن بىر قىسمىدىن ئاز مىقداردا يۇققان بولسا، يۇماي ناماز ئوقۇش جائىز. تۆتتىن بىردىن جىقراق يۇققان بولسا جائىز بولمايدۇ.

يۇققان نىجاسەتنى بەدەندە ياكى كىيىمدە كۆرگەن ھامان پاكىز تازىلاش، يۇيۇش لازىم. نامازنىڭ تېشىدىكى ئالتە پەرزدە بەدەن پاك بولۇش، كىيىم پاك بولۇش شەرت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. پەرز ئەمەلنىڭ بىرى تەرك ئېتىلسە ناماز فاسىت بولۇپ كېتىدۇ. نىجاسەت ئاياغ كىيىمگە يۇققان بولسا قىرىپ، سۈرتۈپ، يۇيۇپ تازىلاش، ئەگەر كىيىمگە يۇققان بولسا، دەرھال ئۇۋۇلاپ، سۇدا يۇيۇپ تازىلاش، ئىشتانغا چوڭ-كىچىك تەرەت، مەنىي، ھەيز، نىفاس قېنى يۇققان بولسا، دەرھال يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ”بىرى بىر قانچە بالىلارنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا دۇئا قىلىپ قويدى، كېيىن بىر كىچىك بالىنى كۆتۈردى. بۇ بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال سۇ ئەكەلدۈرۈپ، سۇنى سۈيدۈك بار ئورۇنغا ئېقىتىپ چايقىۋەتتى، بىراق يۇمىدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداقمۇ دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىدىكى مەنىي ئىزىنى يۇيۇپ بەردىم، ئۇ ئۇنى كىيىپ ناماز ئوقۇغىلى كەتتى. ئۇ چاغدا كىيىم تېخى قۇرىمىغانىدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئايال كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ’ئەگەر بىز ئاياللارنىڭ كىيىمىگە ھەيز دېغى يۇقۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟‘ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’قولدا ئۇۋىلاپ، سۇ قۇيۇپ ئۇۋىلاپ، كېيىن سۇدا يۇيۇپ پاكىز تازىلاپ ئاندىن كېيىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ‘ دېدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدە سۇبھانە ۋە تائالا مۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن: ”پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا، كىيىمىڭنى پاك تۇت، ئازابتىن(يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول“{سۈرە«مۇدەسسىر»(74-سۈرە)، 35-ئايەتلەر}؛ ”ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 222-ئايەت}.

يېتەكچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە: ”ھارام نەرسىلەردىن ساقلان“(«سەھىھ ھەدىسلەر»دىن) دەپ خىتاب قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: ”دىلىڭدا بىر ئاز شۈبھە پەيدا بولسا، دەرھال ئۇنى تەرك ئەت“ («سەھىھ ھەدىسلەر»دىن) دەپ بۇيرۇغان. تازىلىققا رىئايە قىلىش، پاكىز بولۇش، كىيىمنى پاكىز، رەتلىك كىيىش، ھارام نەرسىلەردىن، نىجاسەتتىن پاك بولۇش ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى.

يېڭى ئەسىرگە لايىق، يۇقىرى ساپالىق، ئەلگە ياراملىق مۇسۇلمانلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشىمىز، ھاجەت قىلىشتەك ئاددىي، ئەمما مۇھىم ئىشلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىسىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز، يامان ئادەت، ئەسكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ پاكىزلىق، ساغلاملىق ئەنئەنىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى) 

يەنە >>سۈرەتلەر