>

خەۋەر ۋە ئۇچۇر

مەملىكەت خەۋەرلىرى
7-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك باشلاپ رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يولى ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ”يىپەك يولى روھى: دىنىي قىممەت قارىشىنىڭ بۈيۈك ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدىكى مۇھىملىقى“نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يىغىننى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىسلام دىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، رۇسىيە مۇفتىلار كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى»نى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
4-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ۋە دېڭىز يىپەك يولى مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرىنىڭ جېنجياڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ”پارلاق دېڭىز يىپەك يولىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش“ باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، جېنجياڭ شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۆتكۈزدى.
5-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ بېيجىڭدا مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام داشۆسى ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى ۋە بانكىچىلىقى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، دوكتور رۇسنى خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.
تەۋسىيەلىك تېمىلار
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نۇقتا
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى....
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى...
شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى <br>شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك <br>سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى
8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. ...
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى<br> شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى <br>جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى   شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى ...
خەلقئارا خەۋەرلەر
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى
2018-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ئۆمەك قىرغىزىستان ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىشكەكتە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى روھى−ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە زامانىمىزدىكى خىرىس» تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى....
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى
2018-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىش مىنىستىرلىقى پايتەخت ئابۇدەبىدە خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەكلىپكە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پىروفېسسور مى شۇۋجياڭ ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بارات رەجەپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ياڭ جىجۇڭ، خەلقئارا بۆلۈم خىزمەتچىسى مىن چاڭ، خەنزۇچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مىن جۈنچىڭ قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزاسى بولۇپ تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن 140تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 400دىن ئارتۇق ئالىم، بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار ۋە داڭلىق ئۆلىمالار قاتناشتى....
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلاپ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى
ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن رەئىس مۇ كېفا قاتارلىق 6 كىشى ئۆمەك ئەزاسى بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاندا 5 كۈنلۈك دوستانە زىيارەتتە بولدى....
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى“غا قاتناشتى
ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ”دىن ھالقىغان ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى“ ئالاھىدە ئەلچىسى، ”ئاسىيا دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى“نىڭ رەئىسى دىڭ شەمسىدىن دوكتورنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يا فامىڭ، خەلقئارا بۆلۈمىدىن ما جېي 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بوگوردا ئۆتكۈزۈلگەن “ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى”غا قاتناشتى، يىغىنغا 36 دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، دىنىي داھىيلار، مۇسۇلمانلار ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمەت ساھەسى، دىنىي ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ كارا ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەئسۇمە ئىبتىكار، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەيىخى ئەھمەد مۇھەممەد ئەھمەد تەييىب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئابدۇللا مەتۇق، سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور شەيخ ئابدۇلمۇھسىن قاسىم قاتارلىقلار ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى....
سىن

ۋاڭ ياڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن كۆرۈشتى

ماشىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە
ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

شى جىنپىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى

جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- سانلىق يىغىنى ئېچىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى