باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپ بىلەن رۇسىيەگە بېرىپ 5-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-08-14   

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك باشلاپ رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يولى ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ”يىپەك يولى روھى: دىنىي قىممەت قارىشىنىڭ بۈيۈك ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدىكى مۇھىملىقى“نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يىغىننى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىسلام دىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، رۇسىيە مۇفتىلار كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

يىغىن نەق مەيدانى

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى“دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سۇپىنى قۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يولنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان دىن، «قۇرئان كەرىم»گە مول ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، ئوتتۇرا يولنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەيدىغان قىممەتلىك بايلىق. «قۇرئان كەرىم»دە تەشەببۇس قىلىنغان ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى ئېتىقاد ئەمەلىيىتى، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممىمىز داۋاملىق پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، كەڭ مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغا كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىشىمىز زۆرۈر.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: ئىسلام دىنىدىكى توغرا يولنى قېزىپ، مۇسۇلمانلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا ئادىل، ھەققانىي ئوتتۇرا يولدا مېڭىش توغرىسىدا تەلىم بېرىدۇ، «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلاردىن ”زېمىندا يامانلىق قىلماسلىق“ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىنغان، يەنى شەخس، ئائىلە، جەمئىيەت، دۆلەت ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بارلىق سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم»دە چەكلىنىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مۇسۇلمانلانى جەمئىيەتكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇسۇلمانلاردىن ئۆگىنىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆز دۆلىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك، ھەربىر كىچىك ھەرىكەت بىرلەشسە ئىنسانىيەت تىنچلىقىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ مۇنداق چاقىرىق قىلدى: قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ”ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش“ ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ھەرقايسى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ بىرلىكتە بۇ مۇھىم تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى“دىن ئىبارەت بۇ توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدىغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيلىك سۆھبىتى، مەدەنىيەت كۆرىكى، ئىلمىي مۇھاكىمە ئارقىلىق، ”تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش“ يادرو قىلىنغان يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش سېپىگە سىڭىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپكە بىنائەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇسۇلمانلار دىنىي داھىيلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رۇستەم مىننىخانوف تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىسلام دىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، رۇسىيە مۇفتىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى راۋېل گانۇتكىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلام دىنى تەلىملىرىنى توغرا شەرھلەپ، مۇسۇلمانلارنى ئايرىلماس ئورتاق تەقدىرنى قوغداش، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان ئورتاق يۆنىلىشكە ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيزمنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئادىل، كۆپ مەنبەلىك دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپ بىلەن ”كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇكاپاتى“ «قۇرئان كەرىم» قىرائەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

رۇسىيە، جۇڭگو، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، ئىران، بەھرەين، قاتار ۋە ئېفىيوپىيە قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ 130دىن ئارتۇق ۋەكىلى ”كۆپ مەنبەلىك دىنلار ئىچىدىكى ئىسلام دىنى“، ”«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىرقى زامان ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىدىكى ئىپادىسى“، ”كۈندىلىك دىنىي تۇرمۇشقا دائىر مىللەت تەزكىرىسى تەتقىقاتى“ قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ يەنە تەكلىپ بىلەن ”كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇكاپاتى“ «قۇرئان كەرىم» قىرائەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇسۇلمانلار دىنىي داھىيلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: خالمۇرات ئىمىن؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر