باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ۋە دېڭىز يىپەك يولى مۇنبىرى جىنجياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-06-13   

4-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ۋە دېڭىز يىپەك يولى مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرىنىڭ جېنجياڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ”پارلاق دېڭىز يىپەك يولىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش“ باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، جېنجياڭ شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ جۇڭفا، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شا جېنشاۋ، جېنجياڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى شۈ خۇڭچېڭلار سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 11-ئىدارىسىنىڭ 6-باشقارمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى ئىشخانىسى دىن باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى چىجى، فۇجيەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى لى رۇڭگۇاڭ، چۈەنجوۋ شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ چىڭخۈي قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ مۇنداق دېدى: 2013-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغاندا 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى بىرلىكتە جۇلالاندۇرۇشنىڭ يىپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. يېڭى دەۋر مىڭ يىللىق يىپەك يولىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى. جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا زىممىسىگە ئالغان يېڭى بۇرچ ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ”بىر بەلباغ، بىر يول“ تەشەببۇسىنىڭ گۇۋاھچىسى، قاتناشقۇچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن رۇجيا مەدەنىيىتىنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم-مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز لازىم. ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن رۇجيا مەدەنىيىتىنى يۇغۇرۇش تارىخىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مول جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام ئىلىم-مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشىمىز؛ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن قېرىنداشلىق رىشتىسى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشنىڭ مۇھىم يولى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، شۇنداقلا توسۇۋالغۇسىز تارىخىي ئېقىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز؛ مەدەنىيلىكلەر ئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. ئون يىلدىن بۇيان، ”بىر بەلباغ، بىر يول“نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يېڭى يول ئېچىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ”ئوچۇق، كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان بولۇش“تەك قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەت كۆرگەزمە-كۆرۈكى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۆزئارا ئالاقە-زىيارەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

فۇجيەن ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ جۇڭفا مۇنداق دېدى: دېڭىز يىپەك يولى  سودا-تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولى، شۇنداقلا خەلقلەر رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇش يولى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى. يېڭى دەۋردە، بىز  تىنچ ئۆتۈش-ھەمكارلىشىش، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بـولـۇش، ئۆزئارا ئۆگىـنـىـش-ئۆرنـەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يىپەك يولى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ۋە يىپەك يولىنىڭ ھېكايىسىنى، دېڭىز يىپەك يولىنىڭ باش پەللە شەھىرى (چۈەنجوۋ)نىڭ ھېكايىسىنى، ئىككى قىرغاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ئاساسىي مەقسەت نۇتقى، باش تېمىلىق مۇنبەر، ئېكسكۇرسىيە ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە ئىككى قىرغاق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ 30 پارچە ئىلمىي ماقالىسى قاتناشتۇرۇلدى. ئاساسىي مەقسەت نۇتقى، باش تېمىلىق مۇنبەردە، ئالىملار ”جۇڭگو-چەت ئەل ئالاقىسى: ئىسلام مەدەنىيلىكى ۋە يىپەك يولى روھى“، ”تەقدىرداش بولۇش: ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن رۇجيا مەدەنىيىتىنى يۇغۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتى“، ”سەپەرداش بولۇش: ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش“، ”ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى: ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئىككى قىرغاق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بۇرچى ۋە رولى“ قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ: ئومۇمىيەتنى مەۋقە قىلغان، يۆنىلىشى ئېنىق، باش تېمىسى روشەن بولغان بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دېدى.

مۇنبەرگە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ داشۆسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى، بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى داشۆسى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، شاڭخەي چەت ئەل تىللىرى داشۆسى، غەربىي شىمال مىللەتلەر داشۆسى، گەنسۇ سىياسىي-قانۇن داشۆسى، چىڭخەي مىللەتلەر داشۆسى، لاڭفاڭ سىفەن شۆيۈەنى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بولۇپ 130 نەچچە كىشى قاتناشتى.

مۇنبەر ئەھلى يەنە جېنجياڭ تەجرىبىسى سارىيى، چىڭجىڭ مەسچىتى، لىڭشەن مازىرى، چۈەنجوۋ تاشقى ئالاقە تارىخى مۇزېيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

 

(مادەن خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

 

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر