باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-08-14   

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى»نى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ”تۆت ئاڭ“نى كۈچەيتىپ، ”تۆت ئىشەنچ“نى چىڭىتىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. 

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بىلەن قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرى ۋە كونكرېت خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. 

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنغا قاتناشتى.

 

(چېن كۇەن خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: خالمۇرات ئىمىن؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر