باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام داشۆسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-06-13   

5-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ بېيجىڭدا مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام داشۆسى ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى ۋە بانكىچىلىقى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، دوكتور رۇسنى خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

مۆھتەرەم شېرىپ جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن زىيارەت ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنا، شۇنداقلا بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ كەلگەن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي دېڭىز يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن مالايسىيانى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ ”بىر بەلباغ، بىر يول“نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىمىز مالايسىيانىڭ ئىسلام دىنى ساھەسى بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقلەر رىشتىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

دوكتۇر روسنى خانىم جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى.

 

(قەلبىنۇر خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

 

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر