10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-0كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن، قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى تەتۈر كەنتىدە كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ خوتەن، قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، خوتەن شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى تەتۈر كەنتىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە داۋالاش ئەترىتى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ مائارىپى، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن تارتىپلا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئالاقىدار كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا، ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قەشقەر بۆلەك رايونى سودا مۇلازىمەت مەركىزى، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ خاسلىققا ئىگە ئېچىۋېتىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنى(تەييارلىق باسقۇچى)، قەشقەر داشۆنىڭ شىنچۈەن مەكتەپ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ۋاڭ خۇنىڭ يەنە لوپ ناھىيەسىدىكى راۋاق بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسى، قەشقەر شەھەر پىلانلاش سارىيىغا بېرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، خارابىلىرى، مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش، شەھەر مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى ئەسلىھەلىرى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، باشتىن-ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. مىللەت، دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى ۋە قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشكە بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك.
ما شىڭرۇي، شى تەيفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى