11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە ئالاقىدار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە كېلىپ، دەرسخانىغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە ئالاقىدار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئۈچ قوشۇن»نى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشقا كۈچەپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە كېلىپ، تەنتەربىيە سارىيى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ناماز ئوقۇش زالى، ئوقۇتۇش بىناسى قاتارلىق جايلارنى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، باشقۇرغۇچى خادىملار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم دەرسخانىغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولمىسا، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان دىن ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولمايدۇ. مۇنەۋۋەر، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە سەپلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتنى چىڭ كۆزلەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسى ۋە دىنىي سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنىشقا باشلىغان ئۈرۈمچى شەنشى چوڭ مەسچىتى ئەنئەنىۋى جۇڭگوچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلاشقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار كۆرگەزمىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەسلىكتە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، شەنشى چوڭ مەسچىتىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ۋە رېئال زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ياخشى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى شىسەن لاۋجۈنمياۋ ئىبادەتخانىسى بىر داۋجياۋ ئىبادەتخانىسى يادىكارلىقى. ما شىڭرۇي بۇ يەرگە كېلىپ، داۋجياۋ دىنىنىڭ شىنجاڭدىكى تارىخىي ۋارىسلىق قىلىنىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەردىن باشقۇرۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە ئۈرۈمچى چىڭچۈەن چەنسى ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ، ئىبادەتخانىنى باشقۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇددا دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، دىننىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭدا دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ-ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت ۋە مەدەنىيەت مىراسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىدىكى تارىخىي ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكى، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز توغرىلاشقا يېتەكلەش كېرەك. دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللىق يولىدا ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى» تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى، بولۇپمۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىنىڭ بەلگىلىمىگە، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتى ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە لايىقلاشقان پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى، دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. دىن خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇل تارماقلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «يېتەكلەش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق دىن ئىلمى پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.