باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-07   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

 

6.دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش 

دىن ئەسەبىيلىرى دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەسەبىي قاراشنى تەرغىب قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىلاھىي ھاكىمىيەت قۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. دىن ئەسەبىيلىكى دىن ئەمەس، ئۇنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەقەتلا پايدىلىنىش مۇناسىۋىتىدۇر. ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە، دىنغا قارشى تۇرۇش. دىن ئەسەبىيلىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئىدىيە ئاساسىدۇر. دىن ئەسەبىيلىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارادا كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ، كەينى كەينىدىن تېررورلۇقنى، يەنى ئامېرىكىدىكى «11- سېنتەبىر ۋەقەسى»، فىرانسىيەدىكى «13- نويابىر ۋەقەسى»، بېلگىيەدىكى «22- مارت ۋەقەسى» قاتارلىق تېررورلۇق ۋەقەلەر سادىر قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەتتە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلاندى.

دىن ئەسەبىيلىكى خەلقئارادىكى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا پەيدا بولدى ۋە يامرىدى. دىن ئەسەبىيلىرى دىنىي ئەقىدىلەرگە خىلاپ ۋە بۇرمىلانغان سەپسەتىلىرى بىلەن ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار بىلەن ئۆسمۈرلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە ئالداپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ روھىي كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان ئەسەبىيلەر ۋە تېررورچىلارغا ئايلاندۇردى. دىن ئەسەبىيلىرى كۇنمىڭدىكى «1- مارت ۋەقەسى»، ئۈرۈمچىدىكى «22- ماي ۋەقەسى»، پىچاندىكى «26- ئىيۇن ۋەقەسى»، يەكەن ناھىيەسىدىكى «28- ئىيۇل ۋەقەسى»، باي ناھىيەسىدىكى «18- سېنتەبىر ۋەقەسى» قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاپ ۋە سادىر قىلىپ، دىنىي زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى. كۆپلىگەن پاكىت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، دىن ئەسەبىيلىكى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان رېئال خەۋپكە ئايلاندى.

دىن ئەسەبىيلىكى دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا دىن ساھەسىدىكىلەر بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ھەققانىي ھەرىكىتى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىش. دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن دىنىي زاتلارنى دىندىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق قاتارلىق ئىدىيەلەرنى «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ياخشىلىققا يېتەكلەش، ئەخلاق تەربىيەسى بېرىش، مېھىر- شەپقەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىدىيەلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا، دىن ئەسەبىيلىكىنى چەكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

قانۇن بويىچە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلغانلارغا، تېررورلۇق قىلىشقا قۇتراتقانلارغا، تېررورلۇق قىلغانلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش. ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش؛ ئاكتىپ، ساغلام، مول ۋە رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىننىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە ۋە مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئارىلىشىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئورتاق گۈللىنىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە داۋالىنىش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسەبىي ئىدىيە پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى يوقىتىش كېرەك.

خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چۈشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئالاقە، بېرىش- كېلىش پائالىيەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان» تېررورچىلىرىغا قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، توردا تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغانلارغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىق مېخانىزمىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىنى يوقىتىش كېرەك.

شىنجاڭ قانات يايدۇرغان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە يامراش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىياتقا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

 

7.دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش 

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا پائال قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. دىن ساھەسىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى.

دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوغدالدى. جۇڭگودا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ يادروسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر ئۇزاقتىن بۇيان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى تىكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا باشلامچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ۋە ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىپلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا باشلامچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە نەمۇنىچى بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىدى.

دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قوغدالدى. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر مەۋقەنى ئۆز جايىغا قويۇپ يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە دىن ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردى. دىن ئەسەبىيلىرى سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلغاندا، توغرا ئېتىقادى بىلەن ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئىپادىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5- ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى، «22- ماي ۋەقەسى»، يەكەندە يۈز بەرگەن «28- ئىيۇل ۋەقەسى» قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر تېز ئىپادە بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق جىنايەتلىرى ۋە تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلارنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. دىن ئەسەبىيلىرى دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشقاندا، دىنىي ئەقىدىلەرگە ئاساسەن رەت قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى.

ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا پائال قاتناشتى. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇش ۋە تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا پائال ئاتلىنىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يېتەكلىدى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يەر ھۆددىگەرلىكى، ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى گۈللەندۈرۈش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق بېيىش يولى ئارقىلىق تىرىشچانلىق بىلەن بېيىشقا يېتەكلىدى. دىن ساھەسىدىكىلەر تىرىشچانلىق بىلەن بېيىغانلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، تىپىك ئائىلىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، دىن ساھەسىدە ئەمگەك شەرەپلىك، بېيىش شەرەپلىك، ئىلىم پەننى ھۆرمەتلەش شەرەپ دېگەن ئېسىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى.

جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر جامائەت پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مېھرى- شەپقەت يەتكۈزدى. ھەر يىلى قەرەللىك «مېھرىبانلىق كىشىلەر ئارىسىدا، بەش دىننىڭ ئورتاق سەپىرى» مېھرى- شەپقەت ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، دىننىڭ خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ۋېنچۈەن شەھىرى، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى يۈشۇ شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى گۇما ناھىيەسى قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا پائال ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئامان بولۇشىنى تىلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «22- ماي ۋەقەسى» قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىغا دۇئا قىلدى، پۇل ۋە نەرسە- كېرەكلەرنى ئىئانە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەت پاراۋانلىقى ئىئانىسى، ياشانغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، تەسەللى بېرىش، مۇھىت ئاسراش، ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

 

خاتىمە 

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم شۇ جاينىڭ جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يەرلىكلىشىش يولدا مېڭىشى كېرەك؛ دىنلار بىللە مەۋجۇت بولۇپ ئىناق ئۆتۈش ئۈچۈن، چوقۇم كەڭ قۇرساق بولۇشى، بىر- بىرىنى ئۆرنەك قىلىشى، چىقىشىپ ئۆتۈشى كېرەك؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم دىنىي ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولى خېلى ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، دىن ساھەسىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇلدى، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

جۇڭگو دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە غوجا بولۇپ باشقۇرىدىغان دىن پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى جۇڭگونىڭ دىن ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىدى. جۇڭگو سوتسىيالىستىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى دىنلار مۇشۇنداق دەۋر شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى ۋە پائالىيەت ئېلىپ باردى. دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.

شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالىنى بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر تارىخىي دەۋرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا رېئاللىقنى ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق بىرى بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىن مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، دىن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ.

جۇڭگو نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا باراۋەر ۋە دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا سىرتتىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە بېرىش-كېلىش قىلىپ، ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارىسىدىكى سۆزلىشىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ راۋاج تېپىشىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئىيۇن تېلېگراممىسى

 

يەنە >>سۈرەتلەر