باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-07   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

2016-يىل ئىيۇن

مۇندەرىجە

   مۇقەددىمە

   1. شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى

   2. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش

   3. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش

   4. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش

  5. دىن ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالاقىنى كۈچەيتىش

   6. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش

   7. دىن ساھەسىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش

  خاتىمە

 

  مۇقەددىمە 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (قىسقارتىلىپ شىنجاڭ، دەپ ئېلىنىدۇ) جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بۇ جايدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. شىنجاڭدا ھازىر ئاساسلىق دىنلاردىن ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى ۋە تەرىقەت دىنى قاتارلىقلار بار. تارىختا شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوخشىمىغان دىنلار ئارىسىدا بىر دىن ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەر ئارىسىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ھەتتا قىسمەن جايلاردا نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان دىنىي ئۇرۇش ۋە نەچچە يۈز يىللىق مەزھەپلەر توقۇنۇشلىرى يۈز بەرگەن. دىنىي ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار ئىقتىساد، جەمئىيەتكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سېلىپلا قالماستىن، يەنە خەلققە ئېغىر بالايى ئاپەت كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان.

1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى رەسمىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېرىشتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇردى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان قانۇن-نىزاملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دىنلار ئىناق، بىللە تۇرۇشتەك تارىخىي يېڭى باسقۇچنى كۈتۈۋالدى.

خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك تونۇشتۇرۇلدى ۋە ئىزاھلاندى:

 

1. شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى 

شىنجاڭنىڭ دىن تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئۇزاق تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرىدە ئىپتىدائىي دىن قارىشى شەكىللەنگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن شىنجاڭغا ئاتەشپەرەسلىك دىنى(زوروئاستىر دىنى)، بۇددا دىنى تارقىلىپ، ئاستا-ئاستا كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان.

شىنجاڭنىڭ دىن تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئومۇمەن تۆت باسقۇچنى، يەنى ئىپتىدائىي دىن باسقۇچى، بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل دىننىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى، ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل دىننىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەرەققىيات باسقۇچى، ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل دىننىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن.

مىلادىيەدىن ئىلگىرى 4-ئەسىردىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە ھازىرغىچە ئىپتىدائىي دىن قارىشى ۋە ئادەتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى. كېيىنكى مەزگىللەردە ئاتەشپەرەسلىك دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغا كىرگەن. تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە بۇددا دىنى شىنجاڭدا تارقالغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى ئاساسىدىكى كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت تەدرىجىي شەكىللەنگەن. 4-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە ئاتەشپەرەسلىك دىنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، بولۇپمۇ تۇرپان رايونىدا گۈللەنگەن، ئەينى چاغدىكى ئىدىقۇت يەرلىك ھاكىمىيىتى دىننى مەخسۇس باشقۇرۇش ئورگىنى تەسىس قىلغان. بۇ مەزگىل بۇددا دىنى گۈللەنگەن باسقۇچ بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ئىبادەتخانىلار سېلىنغان، راھىب ۋە راھىبەلەر كۆپەيگەن، ئۇدۇن، سۇلى، كۈسەن، ئىدىقۇت قاتارلىق جايلار بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. تەرىقەت دىنى 5-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە شىنجاڭغا كىرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا گۈللەنگەن، چىڭ سۇلالىسىگە كەلگۈچە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. مانى دىنى ۋە نېستورىيان دىنى 6-ئەسىردە ئىلگىرى-كېيىن شىنجاڭغا تارقالغان. 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار تۇرپان رايونىدا ئىبادەتخانا، بۇتخانىلارنى سېلىپ، مىڭئۆيلەرنى ياسىغان، نوملارنى تەرجىمە قىلىپ، تام رەسىملىرى سىزغان. 10-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە، نېستورىيان دىنى نۇرغۇن جايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشىگە ئەگىشىپ گۈللەنگەن، شۇ ۋاقىتتا سۇلى، يەكەن، ئۇدۇن، بۈگۈر، ئىدىقۇت، قۇمۇل، ئالمالىق(ھازىرقى قورغاس ناھىيەسى) قاتارلىق جايلاردا تارقالغان.

9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىسلام دىنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن، شىنجاڭنىڭ دىن ئەھۋالىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. قاراخانىيلار خانلىقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇدۇن خانلىقى بىلەن 40 نەچچە يىل دىن ئۇرۇشى قىلغان، 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇدۇن خانلىقى گۇمران بولۇپ، ئىسلام دىنى بۇ رايوندا مەجبۇرىي تارقىتىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا ئىسلام دىنى ئاساس، شىمالىدا بۇددا دىنى ئاساس بولۇپ، ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ باسقۇچنىڭ دەسلىپىدە ئاتەشپەرەسلىك دىنى، نېستورىيان دىنى، مانى دىنى قاتارلىق دىنلار بىر قەدەر گۈللەنگەن، ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن بۇ دىنلار تەدرىجىي خارابلاشقان.

14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى مەزگىلىدە، ھۆكۈمرانلار ئۇرۇش قاتارلىق مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇل رايونلىرىغا تەدرىجىي كېڭەيتكەن. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭدا ئىسلام دىنى ئاساس بولغان كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، ئەسلىدە يەرلىك ئاھالىلەر ئېتىقاد قىلغان ئاتەشپەرەسلىك دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلار بارا-بارا يوقىلىپ، بۇددا دىنى، تەرىقەت دىنى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئويرات موڭغۇللىرى لاما دىنىنى قوبۇل قىلغان. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرى خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى كەينى-كەينىدىن شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىغان. شىنجاڭدا ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت ھازىرغىچە داۋاملاشقان.

شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بىر ياكى ئىككى دىن ئاساس، كۆپ خىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن تارىخىدىكى تۈپ ئالاھىدىلىك، ئارىلىشىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىنلار مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم؛ دىن چوقۇم شۇ جاينىڭ دەۋر ۋە ئادىمىيەت مۇھىتى بىلەن ماسلاشقاندا، شۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشقاندىلا، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان؛ ئوخشىمىغان دىنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ۋە بىر دىننىڭ ئوخشىمىغان مەزھەپلىرى ئارىسىدىكى ماجىرالار كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

2.پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش 

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تۈپ دۆلەت سىياسىتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە»، «ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشىغا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن.

جۇڭخۇا خەق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى ئېلان قىلغان «دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە شىنجاڭ تۈزگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»دا، «پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دىن ئىبارەت ئاساسىي قانۇن روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىق تامامەن پۇقرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشىدا بولىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلغان ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە ۋە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچراپ باقمىدى. شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزام، بەلگىلىمىلىرىدە دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىن خىزمەتچىلىرى، دىنىي پائالىيەتلەر، دىن دائىر مال-مۈلۈك قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىك ھوقۇقى بىلەن پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى بىردەك، پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن-قىلمىسۇن، چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- بەلگىلىمىلەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا چېقىلغۇچىلار مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

قانۇن نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. پۇقرالارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ھەم ئۆيىدە دىنىي ئادەتلەر بويىچە ئېلىپ بارغان بارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى، مەسىلەن، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، بۇتقا باش ئۇرۇش، تىلاۋەت قىلىش، نوم ئوقۇش، ۋەز ئېيتىش، كۈجە كۆيدۈرۈش، مىسسا، چوقۇندۇرۇش، ئىنرام، ئاخىرقى يۇنكسىيە، ياد ئېتىش، دىنىي بايرام ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دىنىي تەشكىلات ۋە پۇقرالار ئۆز ئالدىغا قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەج قىلىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تەشكىللىك، پىلانلىق ھەج قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. 1996-يىلىدىن بۇيان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ھەر يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە، مەدىنە شەھىرىدە ھەج قىلىشقا تەشكىللەندى، ھۆكۈمەت ھەج قىلغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئىشلىرىغا زور مەبلەغ ئاجراتتى ھەم ئۆمەكنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشىلاپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ھېسسىياتى، ئېتىقاد تەلىپى تولۇق ھۆرمەتلەندى. رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ داۋاملىق ئېچىلىشى، تاقىلىشىنى خوجايىن ئۆزى بەلگىلەيدۇ، بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ. ئىپتارلىق بېرىدىغان مەسچىت ۋە قىسمەن ئېتىقادچى ئامما روزا تۇتقۇچىلارنى ئىپتارلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. جايلار مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، رامىزان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 2015-يىلى 3-ئىيۇل رامىزان مەزگىلىدە خوتەن ۋىلايىتىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى، ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ۋاقىتلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى 17-ئىيۇل ئىسلام دىنى زاتلىرى، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئىپتار قىلىپ، روزا ھېيتنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق بىر يۈرۈش قانۇن، نىزاملاردا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى قوغدايدىغان كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى، مەسىلەن، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ساقلاش، يۆتكەش ۋە سېتىش، ئالاھىدە ئېھتىياجلىق يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش، مۇسۇلمانچە رېستوران، مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ ئىچىلىشى قاتارلىقلار. ھەر مىللەت خەلق چاغان، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت قاتارلىق چوڭ ئەنئەنىۋى بايراملاردا قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئىلىشتىن ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى. كۆمۈپ دەپنە قىلىش ئۆرپ-ئادىتى بار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەخسۇس جامائەت قەبرىستانلىقى يېرى ئاجرىتىپ بېرىلدى. دىنىي تۈس ئالغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر، يەنى ئىسىم قويۇش، تۇرۇش، مېيىت ئۇزىتىش، نەزىر-چىراغ قاتارلىقلارغا ھۆرمەت قىلىندى.

دىن مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. شىنجاڭدا ھازىر قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، موڭغۇلكۈرە شېڭيۇ ئىبادەتخانىسى، قىزىل مىڭئۆي قاتارلىق دىن مەدەنىيىتىگە ئائىت 109 قەدىمىي يادىكارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 46 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغداش ئورنىدىن 63 ى بار. مەركىزىي ھۆكۈمەت مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، غۇلجا بەيتۇللا جامەسى، خوتەن جامەسى، ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتى ۋە قەشقەر ئاپئاق خوجا مازىرى قاتارلىقلارنى رېمونت قىلدى. شىنجاڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ، تۇرپاندىكى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، موڭغۇلكۈرە شىڭيۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق 28 ئورۇننى رېمونت قىلدى. «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «ئالتۇن يارۇقنىڭ 2-تومى»، «مايترى سىمىت» قاتارلىق كۆپلىگەن قەدىمكى دىنىي كىتابلار «دۆلەتنىڭ قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلار مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلدى. مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىلىپ «قۇرئان كەرىم»، «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق قەدىمكى كىتابلار رەتلەندى ۋە قوغدالدى. دىنغا ئائىت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى.

دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشلەر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشلەردە شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىن 1436 ۋەكىل، ئەزا بولۇپ، ئۇلار خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ دىن جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە تەكلىپ پىكىر، تەۋسىيە بەردى ۋە لايىھە سۇندى.

يەنە >>سۈرەتلەر