باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-07   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

3.دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش 

شىنجاڭ باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش بىلەن بىللە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇردى.

شىنجاڭدا ھازىر بار بولغان مەسچىت، چېركاۋ، بۇتخانا، تەرىقەت دىنى ساڭرامى قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنى 24 مىڭ 800 گە، دىن خىزمەتچىسى 29 مىڭ 300 گە يىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەسچىت 24 مىڭ 400، دىن خىزمەتچىسى 29 مىڭ؛ بۇددا ئىبادەتخانىسى 59، دىن خىزمەتچىسى 280؛ تەرىقەت دىنى ساڭرامى بىر، دىن خىزمەتچىسى بىر؛ خىرىستىيان دىنى چېركاۋى(يىغىلىش نۇقتىسى) 227، دىن خادىمى 26؛ كاتولىك دىنى چېركاۋى(يىغىلىش نۇقتىسى) 26، دىن خىزمەتچىسى 27؛ پىراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋى(يىغىلىش نۇقتىسى) ئۈچ، دىن خىزمەتچىسى بىر. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى قاتارلىق دىن مەكتىپىدىن سەككىزى بار. دىنىي تەشكىلات 112 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دىنىي تەشكىلاتتىن ئىككىسى، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى، بۇددا دىنى جەمئىيىتى بار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدە يەنە دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلىنغان؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئىسلام دىنى جەمئىيىتى 14، بۇددا دىنى جەمئىيىتى ئۈچ، خىرىستىيان دىنى «ئۈچ ئۆز» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتى بىر؛ ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئىسلام دىنى جەمئىيىتى 88، بۇددا دىنى جەمئىيىتى ئىككى، خىرىستىيان دىنى «ئۈچ ئۆز» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتى ئىككى.

دىن خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلدى. دىن خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ تەربىيەلەش، دىنىي مەكتەپ(كۇرس، نۇقتا )لەرە تەربىيەلەش، ئىنستىتۇتلاردا ئوقۇتۇش قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، زاپاس دىنىي خىزمەتچىلەر ئەتراپلىق تەربىيەلەندى. تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ۋەزىپىدىكى دىن خىزمەتچىلىرى سىستېمىلىق تەربىيەلەندى. دىن خىزمەتچىلىرى تەپسىر تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش تەشكىلىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى قاتارلىق كۇرسلار ئېچىلىپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى. دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 2001-يىلىدىن باشلاپ، 12 قارار ئىسلام دىنى تەپسىر تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئىچىپ، شىنجاڭغا 500 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق دىن خىزمەتچىسىنى تەربىيەلەپ بەردى. شىنجاڭ بۇددا دىنىي جەمئىيىتى قەرەللىك ھالدا دىن خىزمەتچىلىرىنى بۇددا دىنى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ھۆكۈمەت دىن خىزمەتچىلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ساپاسىنى ئۆستۈردى. مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ ئۆيلىرىنى كېڭەيتىپ سېلىش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بەردى.

دىن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى. «قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇل بۇخارى» قاتارلىق دىنىي كىلاسسىك كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقتىكى تەرجىمە نۇسخىسى نەشر قىلىندى، «يېڭىدىن تۈزۈلگەن تەپسىرلەر توپلىمى» ۋە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنىپ، ئومۇمىي تىراژى 1 مىليون 760 مىڭغا يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىقلارغا ئائىت دىن كىتابلىرىمۇ نەشر قىلىندى. شىنجاڭ 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئىسلام دىنىغا ئائىت مىللىي يېزىقتىكى 43 خىل نەشر بۇيۇمىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇقنى نەشر قىلىپ تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» 230 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، «ئىسلام دىنى ئاساسىي ساۋاتلىرى ئوقۇشلۇقى» 29 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تورى مەخسۇس ئۇيغۇرچە تور بېتى ئاچتى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنى تەسىس قىلىپ، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا نەشر قىلىپ، مەسچىت ۋە دىن خىزمەتچىلىرىگە ھەقسىز تارقاتتى؛ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېتى تەسىس قىلدى. دىنىي تەشكىلاتلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىن بىلىملىرى، دىنىي مۇراسىم كۇرسلىرىنى ئاچتى.

 

4. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش

شىنجاڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، «قانۇنلۇق دىنى پائالىيەتلەرنى قوغداش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە باشقۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملار ئېلان قىلىنىپ ھەم تۈزىتىلىپ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنى پائالىيەت سورۇنلىرى، دىن خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭدا يەنە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت قائىدە-نىزاملار ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى باشقۇرۇلدى. شىنجاڭدا ھۆكۈمەت دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالىدۇ، تىزىملانغاندىلا قانۇنلۇق بولىدۇ، ھۆكۈمەت «يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى»، «ئۆي-زېمىن ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسى»، «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»نى تارقىتىدۇ. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دېموكراتىك باشقۇرۇش تەشكىلى قۇرۇش، ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، دىنى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، ئىئانە قوبۇل قىلىش، مال-مۈلۈكلەرنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدالدى، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ چېقىلىشىغا ۋە مۇداخىلە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرگەن تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى، دىن خىزمەتچىلىرى ھەم ئېتىقادچى ئاممىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇشى ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇشى ئارقىلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، باشقۇرۇشى قېلىپلاشتى، مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

دىنىي پائالىيەتلەر باشقۇرۇلدى. شىنجاڭدا نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن بويىچە قوغدالدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلىرى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. دىنىي پائالىيەتلەردە چوقۇم جەمئىيەت، خىزمەت، تۇرمۇش تەرتىپىگە ھەم ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىنىشى كېرەك. دىنىي تەشكىلاتلار دىن ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ھۆكۈمەت ئارىلاشمايدۇ.

دىن خىزمەتچىلىرى باشقۇرۇلدى. شىنجاڭدا دىن خىزمەتچىلىرى قانۇن-تۈزۈم ھەم دىن ئەنئەنىسى بويىچە دىنىي پائالىيەتلەر، دىنىي مۇراسىملار قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەمئىيەت ياكى شەخسنىڭ ئىئانىلىرىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلاردىن باشقا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىن خىزمەتچىلىرىنى تەيىنلەش، كۆرسىتىش، ۋەزىپىگە قويۇش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. دىن خىزمەتچىلىرى چوقۇم پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ، باشقا مەمۇرىي تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە دىن ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۇرس ئېچىش قاتارلىق شەكىللەردە دىن ئىشلىرى تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ھەم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىن خىزمەتچىلىرى ھەم ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلغانلار مۇناسىپ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

دىندىن پايدىلىنىپ قىلىنغان قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار قانۇن بويىچە جازالاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش، ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتەك قىلمىشلارنى چەكلەيدۇ؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق تۈزۈملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنى چەكلەيدۇ؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتى، جەمئىيەت مەنپەئەتى ھەم ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى چەكلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ قىلىنغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىشى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقى ھەم نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈندۇر. شىنجاڭدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر پۇقرا دىنغا نورمال ئېتىقاد قىلىش سەۋەبلىك جازالىنىپ باقمىدى.

باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى دىن ساھەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاكتىپ ياردەم بېرىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدى. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، دىن خىزمەتچىلىرىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزدى، يەنە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار دىن خىزمەتچىلىرىگە قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى.

دىننىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى. جۇڭگونىڭ دىن ئىشلىرىنى جۇڭگودىكى دىنىي تەشكىلاتلار، دىن خىزمەتچىلىرى ھەم ئېتىقادچى ئامما باشقۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دىن ئىشلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشسا، چوقۇم جۇڭگونىڭ قانۇن- قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، دىن ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىننىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.

 

5. دىن ئىشلىرىدا تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇش 

شىنجاڭ دىننىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر ۋە دوستانە بولۇش ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن پائال تۈردە بېرىش-كېلىش قىلىدۇ ۋە ئالاقە ئورناتتى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئامما جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، جۇڭگونىڭ دىن مۇستەقىللىقى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلغان چەت ئەل دىنىي تەشكىلاتلىرى بىلەن شەخسلەرگە باشتىن ئاخىر ئېچىۋېتىش ۋە قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسى تۇتتى.

دىنىي ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر كۆپ قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى، دىن خىزمەتچىلىرى ھەم دىنىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار كۆپ قېتىم خەلقئارالىق «قۇرئان» قىرائەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلىنىپ، شىنجاڭدىكى دىن ساھەسىنىڭ قويۇق مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

خادىملار چەت ئەلدىكى دىنىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. شىنجاڭ 2001- يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دىنىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دىن خىزمەتچىلىرىدىن 70 نەچچە كىشىنى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، پاكىستان خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي بىلىمى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلاردىن ھال سورىدى ھەم ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى.

سىرتتىن كىرگۈزۈش، سىرتقا چىقىرىش پائالىيەتلىرى پائال قانات يايدۇرۇلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىنىي زاتلار، مۇھاجىرلار شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېكسكۇرسىيەگە تەكلىپ قىلىندى. چەت ئەلدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي جەمئىيەتلەر كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، دوستانە زىيارەتتە بولدى. «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرا شەرق، ئوكيانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ، تەجرىبە ئالماشتۇردى ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭ دىنىي ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆپ قېتىم مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، پاكىستان، مالايشىيا، كورېيە، ياپونىيە، سىنگاپور، گېرمانىيە ۋە دانىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولدى، ئۇلار يەنە جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ھىندونېزىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە تەشكىللىگەن «جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خەلقئاراغا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

يەنە >>سۈرەتلەر