باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نەپسى مەرزىييە، نەپسى رازىيە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

نەپسى مەرزىييە، نەپسى رازىيە: ”مەمنۇن بولغان نەپس“ دېگەن مەنىدە كەلگەن نەپسى مەرزىييە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا مۇشەررەپ بولغان نەپس دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تۈرگە مەنسۇپ بولغان نەپس ئىنسانلارنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار مېھرىبان ۋە رەھىمدىل ئىنسانلاردۇر. بۇ خىسلەتتىكى نەپس ساھىبلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىسى مۇنداق ماقام  شەرىپىگە ئىگە قىلىدۇ: ”ئى ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ(ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن“{سۈرە«فەجر»(89-سۈرە)، 2730-ئايەتلەر}.

يەنە >>سۈرەتلەر