باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نەپسى لەۋۋامە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

نەپسى لەۋۋامە: ”ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى، ئۆزىنى قىينىغۇچى، تەنقىد قىلغۇچى ۋە پۇشايمان-نادامەت چەككۈچى نەپس“ دېگەن مەنىدە كەلگەن نەپسى لەۋۋامە قۇرئان كەرىمدە سۈرە«قىيامەت»نىڭ 2-ئايىتىدە: ”ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى“ دەپ زىكرى قىلىنغان. قىيامەت كۈنى ھەربىر نەپس ئۆزىنى تەنقىد قىلۇر، ياخشى بەندە ساۋاب ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قىلمىدىم دېسە، يامان بەندە بۇ يامانلىقلارنى نېمە ئۈچۈن قىلدىم دەپ ھەسرەت چېكىدۇ، پانىي دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرى ۋە ئۆز ئىلكىدە بار بولغان ئىمكانىيەت، پۇرسەتلەرنى ئۆز لايىقىدا تەسەررۇپ قىلمىغانلىقىدىن پۇشايمان-نادامەت قىلىدۇ. لەۋۋامە سۈپىتىنى ئالغان نەپس قىلغان يامان ئەمەللىرىدىن نەپرەتلىنىپ، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ، گۇناھىدىن يېنىپ تەۋبە قىلىشقا تىرىشىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر