باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نەپسى ئەممارە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

نەپسى ئەممارە: لۇغەتتە ”ئەمرى قىلغۇچى نەپس“ دېگەن مەنىدە كەلگەن نەپس ئەممارەنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى ”يامانلىققا ئەمرى قىلغۇچى نەپس“ دېگەنلىكتۇر. قۇرئان كەرىمدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدا مۇنداق دېيىلگەن: ”مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر“{سۈرە«يۈسۈف»(12-سۈرە)، 53-ئايەت}. نەپسى ئەممارە يامان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ھەقىقەتەن نەپس دېگەن خاس بىر شەيئىدۇر، پەقەت ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ ھەرخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. ئۇ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلگەندە بەندىنى يامان ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ. يامانلىققا ھەۋەس قىلىش نەپسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر، نەپسى خاھىش ئەرەبچىدىكى ”هوى النفس“(ھەۋايى نەفسى)نىڭ تەرجىمە مەنىسى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قارىتىلغان، ئۇ ئاللاھ يولىغا خىلاپ كېلىدىغان، باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشلىرىدۇر. نەپسى خاھىش كىشىلەرنى ھەقتىن ئازدۇرۇپ، ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. نەپسى خاھىشقا يەنە ئاچكۆزلۈك، ھەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق، ئۆچمەنلىك، ئىغۋاگەرچىلىك قاتارلىق ھەر خىل ئىللەتلەرمۇ كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر شەخسنىڭ قاباھەتلىك تەرىپى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ، شۇڭا نەپسى خاھىش ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر. نەپسى خاھىش ھەممە كىشىدە بولىدىغان خاسلىق بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن خالىي بولالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ پىر بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قابىل ۋە ھابىل دېگەن ئىككى ئوغلى بولغان، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىل تەقدىم قىلغان قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىپ، قابىلنىڭكىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇ سەۋەبتىن، قابىل ئىنىسىغا بولغان ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆچمەنلىك تۈپەيلىدىن ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قاتىللىقنى سادىر قىلغان. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۇ(قابىل)نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى(ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ(دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 30-ئايەت}. ئەمما ئاللاھنىڭ ئەمرى-نەھيىلىرىگە رىئايە قىلغان، ئىلاھىي پەزلى-رەھمىتىنىڭ سايىسىدا بولغانلارنى ئاللاھ تائالا ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، نەپسانىي ھارام ئىشلىرىدىن يىراق قىلىدۇ، شۇڭا، ياخشىلىققا يۈزلەنگەن بەندىدە نەپسى خاھىشنىڭ ئازدۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر