باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام ئاتالغۇلىرى

نەپسى زۇلۇم

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23   

نەپسى زۇلۇم: ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىگە زەرەر يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشى دېگەنلىكتۇر. نەپسى زۇلۇم(يەنى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش) مەنىسىدىكى بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە جەمئىي 29 قېتىم زىكرى قىلىنغان. بەندىنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان پەرزلىرىنى بەجا كەلتۈرمەسلىك، نەھيى قىلغان ئەمەللەرنى ھالال ھېسابلاش، گۇناھ-مەئسىيەتلىك سۆز ۋە ھەرىكەتتە بولۇش ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىق جۈملىسىدىندۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى كۆرىدۇ. پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلماسلىق، يالغان سۆزلەش قاتارلىقلار ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. سۈرە«فاتىر»نىڭ 32-ئايىتىدە مۇئمىنلەر ئۈچ خىل بولۇپ زىكرى قىلىنغان: ”ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار، ئەمەلدە تەقسىر ۋە كەمچىلىك سادىر قىلغۇچىلار(يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدىغانلار“، ”ئوتتۇرا ھالدىكىلەر(يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدىغانلار)“ ۋە ”ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدىغانلار“. دېمەك، يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىدىن كۆپ بولغانلار، چوڭ گۇناھلارنى قىلىپ تەۋبە قىلماي ئۆلگەنلەر، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ناشۈكۈرلۈك قىلغانلار، ھالال-ھارام دېمەي مال-دۇنيا توپلىغانلار، ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى غەپلەتتە قىلغانلار، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدىغانلار ۋە ئەمرى-نەھيىلەرگە بويسۇنمايدىغانلار ”ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار“ ھېسابلىنىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر